14 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىلغان ئۈرۈمچى شەھىرى رېلىس قاتنىشى 2–لىنىيەسىنىڭ 1–قارارلىق قۇرۇلۇشى 2016–يىلى باشلىنىدۇ . 11–سېنتەبىر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات–ئىسلاھات كومىتېتى ‹‹ ئۈرۈمچى شەھىرى رېلىس قاتنىشى 2–لىنىيەسى 1–قارارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ مۇمكىنچىلىك تەتقىقات دوكلاتى ›› نى ئېلان قىلدى ھەمدە بۇ دوكلات باھالاشتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى .
تونۇشتۇرۇلۇشىچە ، ئۈرۈمچى شەھىرى رېلىس قاتنىشى 2–لىنىيەسىنىڭ پىلاندىكى ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 44 كىلومېتىر بولۇپ ، جەمئىي 26 بېكەت تەسىس قىلىنىدىكەن . پۈتۈن لىنىيە 2 قارارغا بۆلۈنۈپ قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىدىكەن .
17 مىليارد 910 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىلغان ئۈرۈمچى شەھىرى رېلىس قاتنىشى 1–لىنىيەسى قۇرۇلۇشىدا مارتتا ئىش باشلانغان بولۇپ ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 27.06 كىلومېتىر كېلىدۇ . جەنۇبتا ئۈچتاشتىن باشلىنىپ ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ئاخىرلىشىدۇ ، جەمئىي 21 بېكەت تەسىس قىلىنغان ، بۇنىڭدا 2018–يىلنىڭ ئاخىرىدا سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت باشلاش مۆلچەرلەندى .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved