تويوتا بايرىقى ئاستىدىكى ئوتتۇرا تىپلىق SUV ساھە ھالقىغان ماشىنا ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خايلەندېر ئىزچىل كىشلەرنىڭ قەلبىدىكى بىر نۇسخا ئىقتىدارى باھاسىدىن يۇقىرى بولغان ماشىنا تىپى بولۇپ كەلدى. يېقىندا چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، 2017-نۇسخا خايلەندېر مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا نيۇيورك ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە رەسمىي پەيدا بولىدىكەن. بۇ ماشىنىغا تويوتا ئەڭ يېڭى تەتقىق قىلغان V6 ماتور ۋە سەككىز خوتلۇق ئاپتوماتىك سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ سەپلىنىدىكەن.
نۆۋەتتە تويوتا ئېلان قىلغان ئورگان سۈرىتىدىن قارىغاندا، 2017-نۇسخا خايلەندېر ماشىنا تىپى بۇ بىر يۈرۈش نۇسخا ئىچىدىكى ئوتتۇرا مەزگىللىك ئۆزگەرتىلگەن ماشىنا تىپى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزگىرىش ئاساسلىقى ئالدى يۈزنىڭ بىر قىسىم ھالقىلاردا پەيدا بولغان. نۆۋەتتىكى سېتىلىۋاتقان ماشىنا تىپى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يېڭى ھاۋا كىرىش سالاسۇنىنى ئالماشتۇرغان، ئالدى بىخەتەرلىك لىمىنىمۇ قايتىدىن لايىھەلىگەن. ئالدى چوڭ چىراقنىڭ تەپسىلاتىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئۆزگەرگەن ياكى يېڭىلىغان LED نۇر مەنبەسى ئىشلەتكەن. ماشىنا رەڭگى ھازىرقى نۇسخا ماشىنا تىپىغا سېلىشتۇرغاندا كۆپەيگەن. بۇنىڭدىن سىرت، ئۆزگەرتىلگەن نۇسخا خايلەندېر ماشىنا تىپىدا يەنە بىر گۇرۇپپا يېڭى چاق بۇلى كۆپەيتىلگەن.
ماشىنا تىپى تەرەپتە، يېڭىدىن بىر نۇسخا SE ماشىنا تىپى كۆپەيتىدۇ، بۇ ماشىنىغا 19 دىيۇملۇق ئاليۇمىن قېتىشمىلىق چاق بۇلى سەپلىنىدۇ. يېڭى سىپورت ئاسما ۋە يېڭى رەڭ تەڭشىكى ماسلاشتۇرۇلىدۇ. ئىچكى بېزەك كىشىگە تېخىمۇ تىنچ تۇيغۇ بېرىدۇ. رەڭ تەڭشىكىدە قارا ۋە كۈمۈش رەڭنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىشنى تاللىغان. ماتىرىيالىدا ھەقىقىي خۇرۇمنى ئاساس قىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved