12-ئاينىڭ 13-كۈنى، فۇجيەن ئۆلكىسى چۈەنجۇ شەھىرىدىكى مەلۇم بىر كەنتتە، ئەسلىدە ‹‹يەرلىك دۆلەت ئىگىلىكىدىكى خۈيئەن شېكەر زاۋۇتى›› نىڭ نەچچە ئون مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئىككى تۇرخۇنىدىن قويۇق ياۋا ئەنجۈر دەرىخى ئۆسۈپ چىقىپ، تۇرخۇننىڭ ئاغزىنى ئېتىۋېلىپ، يىراقتىن قارىغاندا خۇددى يېشىل دوپپا كىيىۋالغاندەك بولۇپ قالغان.
تۇرخۇن ئاغزىدىن ئۆسۈپ چىققان قويۇق ياۋا ئەنجۈر دەرىخى ئاجايىپ كۆرۈنۈش ھاسىل قىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ زاۋۇت ئاللىقاچان ئىشتىن توختىغان بولۇپ، ئەسلىدىكى زاۋۇت ئۆيلىرى ھازىر بىر ئۆي جاھازلىرى ياسايدىغان زاۋۇتقا ئايلانغان.
تۇرخۇن رولىنى يوقاتقاندىن كېيىن، بەلكىم قۇشلار تۇرخۇننىڭ ئۈستىگە قونۇپ، قۇشلارنىڭ تەرىتىگە ئارىلاشقان ياۋا ئەنجۈر دەرىخىنىڭ كۈچلۈك ھاياتى كۈچى بىلەن، مۇشۇنداق بىر تار يەردىمۇ بىخلىنىپ ئۆسۈپ چىققان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
ھازىر ئۇرۇق ئاللىقاچان باراقسان ياۋا ئەنجۈر دەرىخىگە ئايلىنىپ، تۇرخۇن ئېغىزىنى پۈتۈنلەي ئورىۋالغان.
نەچچە ئون مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئىككى تۇرخۇنىدىن قويۇق ياۋا ئەنجۈر دەرىخى ئۆسۈپ چىقتى.
تۇرخۇندا ھازىرغىچە ‹‹يەرلىك دۆلەت ئىگىلىكىدىكى خۈيئەن شېكەر زاۋۇتى›› دېگەن خەت ساقلانغان.
مانا بۇ تەبىئەتنىڭ سىرلىق كۈچى.
تورداشلار مەسخىرە قىلىپ، ئەگەر تۇرخۇنلاردىن ئىس چىقمىسا، ئاپتوموبىللار قالدۇق گاز قويۇپ بەرمىسە، كۆك ئاسمان ۋە ساپ ھاۋانى كۆرۈشتىن ئۈمىد بار ئىكەن دېيىشكەن.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
![]() |
تاڭ ۋېي (كورىيە)
لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە)
مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە)
لى ۋېن (ئامېرىكا)
ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە)
چى ۋېي (كورىيە)
يۈەن لى (ئامېرىكا)
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved