مەنبە: ۋىكىپىدىيە قامۇسى
ئىسلام ئابدۇغەنىيەۋېچ كەرىموف 1938-يىلى 30-يانۋار ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەند رايۇنىدا تۇغۇلغان. 1990-يىلىدىن بېرى ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى. كەرىموف تاشكەنتتە مىخانىك ئېنژىنىرلىقى ۋە ئىقتىسادشۇناسلىقتا ئوقۇدى. 1964-يىلى كومىنىست پارتىيسىگە قاتناشتى، 1983 ۋە 1986-يىللىرىدا مالىيە مىنىستىرى ۋە باش مىنىستىر ياردەمچىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىدى. كەرىموف يولسۇزلۇق ۋە پارىخورلۇققا ئارىلاشقان دىگەن جىنايەت بىلەن 1984-يىلى 11-ئاۋغۇستتا روسىيە ئاخبارات ئىدارىسى « KGB» تەرىپىدىن 1987-يىلى مايغىچە نازارەتتە تۇتۇپ تۇرۇلدى. 1989-يىلىدا ئۆزبېكىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيتىدە كومىنىست پارتىيسىنىڭ بىرىنجى دەرىجىلىك باش كاتىبى بولدى، بۇ مەزگىلدە مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلدى ۋە 1991-يىلى 31-ئاۋغۇستتا ئۆزبېكستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلدى. 1991-يىلى 29-دىكابىردا ئۆزبېكىستاننىڭ تۇنجى سايلىمىدا 86% ئاۋازغا ئېرىشىپ ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيتىنىڭ تۇنجى پرېزىدېنتى بولۇپ سايلاندى. 1995-يىلىدا تالاش-تارتىش قىلىنغان ئاۋاز قويۇش بىلەن پرېزىدېنتلىق مۇددىتىنى 2000-يىلىغا قەدەر ئۇزارتتى. 2000-يىلى 9-يانۋاردىكى سايلامدا 91.9% ئاۋازغا ئېرىشىپ يەنە پرېزىدېنتلىق ئورنىدا ئولتۇردى. 2002-يىلى 27-يانۋاردا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق پرېزىدېنتلىق مۇددىتىنى 5 يىلدىن 7 يىلغا ئۇزارتتى. 2001-يىلى 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يېقىن ئىتتىپاقدىشىغا ئايلاندى. 2001-يىلى ئافغانىستاندىكى تالىبان ھاكىمىيتىگە قارشى ئامېرىكىغا ياردەم بېرىپ ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى ئىجارە بەردى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كەرىموف ھۆكۈمىتىگە تۈرلۈك ساھەلەردە ياردەم قىلدى. 2005-يىلى مايدا يۈز بەرگەن «ئەندىجان ۋەقەسى» جەريانىدا ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەت قىسىملىرىنىڭ قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئەيىبلەندى. بۇ سەۋەبلىك كەرىموف دۆلىتىدىكى ئامېرىكا قىسىملىرىنى چىقىرۋەتتى. كەرىموف تېرور تەشكىلاتى دەپ قارىغان «ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى» رەھبەرلىرىدىن تاھىر يولداش ۋە جۇمە خوجايېۋ تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى. 2007-يىلى دىكابىردا ئۆتكۈزۈلگەن پرېزىدېنت سايلىمىدىن بۇرۇن نامزات بولۇشنى تەلەپ قىلىشى تالاش-تارتىش قوزغىدى. قانۇنغا زىت بولسىمۇ ئۈچىنجى قېتىم نامزات بولۇش ئىلتىماسى سايلام كومىتىتى تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىندى.كەرىموف ئۆزبېكىستان لىبرال دېموكرات پارتىيىسى نامزاتى بولۇپ 90.6% ئاۋاز بىلەن غەلبە قىلدى.كەرىموف 2015-يىلىدىكى سايلامدا ئۈچ رەقىبىگە قارشى يۇقىرى نىسبەتتە غەلبە قىلىپ يەنە پرېزىدېنت بولۇپ سايلاندى. كەرىموف تاتيانا ئاكباروۋنا كەرىموۋا بىلەن ئۆيلەنگەن بولۇپ گۈلنارە ۋە لولا ئىسىملىك ئىككى پەرزەنتى بار.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved