يوللىغۇچى :ئوغۇز
|
ۋاقتى :2012-يىلى6-فېۋرال
|
كۆرۈلگەن سانى :3822
|
تېنىگەن كۆڭۈل
مۇھەممەتجان راشىدىن
2001-يىل 4-ئاي 1-نەشرى
2001-يىل 4-ئاي 1-بېسىلىشى
شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
باھاسى: 17.00 يۈەن
مۇھەممەتجان راشىدىن 1940-يىلى 6-ئاينڭ 19-كۈنى غۇلجا ناھىيىسى ئونيار يۈزى يېزىسىنىڭ يۇقىرىقى مەھەللىسىدە دىھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى شۇ يېزىدا تۈەەتكەندىن كېيىن،-1955يىلىدىن-1958يىلىغىچە سابىق شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكومىدا ئوقىغان.ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن،1968-يىلى 7-ئايغىچە،چاپچال ناھىيىسى ۋە غۇلجا ناھىيىسى ئونيار يۈزى ئوتتۇرا مەكتىپىدەخىزمەت قىلغان .
1968-يىلى 8-ئايدا ئاتالمىش “مەدەنيەت زور ئىنقىلاۋى نىڭ زىيانكەشلىگىگە ئۇچراپ،1982-يىلىغىچەتۈرمىدە ياتقان.1982-يىلىنىڭ ئاخىرى ئۈزۈل-كېسىل ئاخلىنىپ چىقىپ،غۇلجا ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل-ئەدىبىيات ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئىلمى مۇدىر بولۇپ ئىشلىگەن 2003-يىلى 3-ئايدا دەم ئېلىشقا چىققان.
مۇھەممەتجان راشىدىن 1958-يىلى 10-ئايدا ،”ئىلى گېزىتى”دە ئېلان قىلىنغان “ئىلى دەرياسى”ناملىق تۇنجى شېئىرى بىلەن ئەدىبىيات سېپىگە كىرىپ كەلگەن .شۇندى بۇيان ،شىنجاڭدىكى ھەرقايسى گېزىت-زورناللاردا شائىرنىڭ 1000 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى ،20 پارچىدىن ئارتۇق ھىكايىسى ،15 پارچە ئىلمى ماقالىسىئېلان قىلىنغان.جۈملىدىن “كاككۇك گۈلى”،”يىللار ئىزى”،”كۈنلەر ئەلبۇمى”،”ئانا يەر قەسىدىسى”،”ئۆمۈر ئىلھاملىرى”،قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى ۋە “تېنىگەن كۆڭۈل”ناملىق ھىكايە ،پوۋىست،ئەسلىمىلەر توپلىمى نەشر قىلىنغان.
بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :
بۇ تېنىگەن كوڭۇل ناملىق كىتاپ مېنىڭ تۇرمۇشۇمغا بىر خىل تۇركىلىك رول ئوينىدى . مەن بۇ كىتاپ نى يازغان ئاپتۇرغا كوپ تەشەككۇر ئېيتىمەن …ئاللاھ سىز گە رەھمەت قىلسۇن ..ئەميييييييييين