• ھازىرچە خالتىمىزدا جىق نەرسىلەر يوق بولىشى مۇمكىن، پات يېقىندا ياخشى مەزمۇنلار نى كۆرەلەيسىز.
  • ئاپتۇنۇم رايۇن ئېچى-سىرتىغا پوچتىدىن كىتاب يەتكۈزۈپ بىرىمىز، كونا كىتابلارنى ساتىمىز، سېتىۋالىمىز . 13779880195

لوﺗﭙﯘﻟﻼ ﻣﯘتەللىپنىڭ تەرجىمىھالى

ﺋﻮﺕ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺷﺎﺋﯩﺮﯨﻤﯩﺰ لوﺗﭙﯘﻟﻼ ﻣﯘتەللىپنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى 


ﺋﻮﺕ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺷﺎﺋﯩﺮﯨﻤﯩﺰ لوﺗﭙﯘﻟﻼ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ 1922-ﻳﯩﻠﻰ 11-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 22-ﻛﯜﻧﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻤﯘتا ﺋﻮﺑﻼﺳﺘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﭼﯜﻧﭽﻪ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻳﺒﻮﻳﻰ ﻣﻪﮬﻪﻟﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . 1931 – ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﮬﯧﺰﯨﻤﺎﺧﯘﻥلوتپۇللانىﺭﻭﺱ ﯞﻩتاتارﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﺎﻥ …
لۇتپۇللا 14 يېشىدىن باشلاپلا نادىر شېئىرلارنى يېزىشقا كىرىشكەن بولۇپ ،ئۆزىنىڭ قىسقىغىنە 23 يىللىق ھاياتىدا «يىللارغا جاۋاپ » خىيالچان تىلەك « بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى »قاتارلىق ئۆلمەس شېئىرلارنى ،«پادىشاھ سامورايلىرى ھالسىرايدۇ » « ئەجەل ھودۇقۇشىدا » ناملىق مەشھۇر فېلىيەتونلارنى يېزىپ قالدۇردى ،شائىر ئەسەرلىرىنىڭ تىلى گۈزەل ،چۈشۈنۈشلۈك ، ئوبرازلىق بولغاندىن سىرىت مىللەتپەرۋەرلىك ، خەلىقپەرۋەرلىك مەزمۇندارلىقى بىلەن يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىزغىن سۆيۈپ ئوقۇشىغا ،ۋە ئۈلگە قىلىشىغا مۇيەسسەر بولماقتا !!
لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1941-يىلى ئۈرۈمچىدىكى ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن ، شىنجاڭ گېزىتى ئىدارىسىدا خىزمەت قىلغان، كىيىن گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى تەرىپىدىن كۆزگە قادالغان مىخ دەپ ئاقسۇغا يۆتكىۋېتىلگەن ، كېيىن ئاقسۇ گېزىتىدە ئىشلىگەن ۋە بىلال ئەزىزى ،مۇنىردىن خوجا قاتارلىق ئىلغار ياشلار بىلەن تونۇشۇپ ، ئاقسۇدا ئاقارتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان .
1944 يىلى غولجىدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتىلغاندىن كېيىن ، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئىنقىلاپ سادالىرىغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ تۇرغان ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاقسۇدىكى گومىنداڭ ئەمەلدارلىرىمۇ ، لوتپۇللانى خەتەرلىك ئۇنسۇر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ ، 1945-يىلى مىللى ئارمىيە سايرامدىن ئۆتۈپ بايغا چۈشۈپ ئاقسۇغا يۈرۈش قىلغاندا گومىنداڭ ئەمەلدارلىرى لۇپتۇللا مۇتەللىپ ، بىلال ئەزىزى ، مۇنىردىن خوجا قاتارلىق ئوغلانلارنى قولغا ئېلىپ تۇرمىگە قامىغان ، 1945-يىلى مىللى ئارمىيە ئونسۇغا چۈشكەندە ، گومىنداڭ تېخىمۇ غالجىرلاشقان ۋە 9-ئاينىڭ 18 كۈنى لۇتپۇللا قاتارلىقلارنى تۈرمىدە ۋەھشىلەرچە قەتىل قىلغان . كىيىن كىشلەرلوتپۇللا قاتارلىقلارنىڭ مېيىتنى ئەۋرەز كارىزىغا تاشلىۋىتىلگەن يېرىدىن تېپىپ چىققان ۋە يۇيۇپ تاراپ ئاقسۇ شەھەرى ئاق مەسچىتنىڭ ئارقىسىدىكى ( ھازىرقى شىياڭگاڭ بازىرىنىڭ ) ئۇتتۇرىدىكى ئاممىۋى قەۋرىستانلىققا دەپنە قىلغان .
لوتپۇللا مۇتەللىپ ئۇيغۇر يېڭى ئەدەبىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ۋە ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن شائىر ، ئەدىب بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى مىللەتنىڭ ئازاتلىقى ، تىنىچلىقى ، ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش يولىدا قۇربان بولغان كۈرەشچان ئەزىمەت . بىز مەرھۇمنىڭ قىسقىغىنا ئەمما ئۇلۇغ ھاياتىدا قالدۇرغان ئۆچمەس ئىش -ئىزلىرىنى چەكسىز سېغىش ۋە چوڭقۇر ھۆرمەت ئىچىدە ئەسلەپ ، ياد ئېتىپ تۇرىمىز !

مەنبە: <لوتپۇللا مۇتەللىپ توغرىسىدا> ناملىق كىتاپتىن

توردىكى مەنبە

 

خەتكۈچلەر:
يازما ئادىرىسى: لوﺗﭙﯘﻟﻼ ﻣﯘتەللىپنىڭ تەرجىمىھالى
بارلىق ھوقۇق: خالتاغا مەنسۈپ. باشقا ئورۇندا ئىشلەتكەندە مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!
710

ئىنكاس يوللاش

تەخەللۇس:(چوقۇم تولدۇرىسىز)

ئېلخەت:(ئاشكارىلانمايدۇ، چوقۇم تولدۇرىسىز)

تور بېكەت ئادرېسى:

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif




  • ئالاقىلىشىڭ

  • ۇستڭ 250

950