• ھازىرچە خالتىمىزدا جىق نەرسىلەر يوق بولىشى مۇمكىن، پات يېقىندا ياخشى مەزمۇنلار نى كۆرەلەيسىز.
  • ئاپتۇنۇم رايۇن ئېچى-سىرتىغا پوچتىدىن كىتاب يەتكۈزۈپ بىرىمىز، كونا كىتابلارنى ساتىمىز، سېتىۋالىمىز . 13779880195

«دېڭىز سەرگەردانى روبىنزون كروزو» رومانى

«دېڭىز سەرگەردانى روبىنزون كروزو» رومانى



1719 – يىلى «ئەنگلىيىلىكلەر» ژۇرنىلىغا: بىر شوتلاندىيىلىك دېڭىزچى كېمە كاپىتانى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغانلىقتىن، قاقاس ئارالغا تاشلىۋېتىلىپ، ئۆزى يالغۇز تۆت يىل ياشاپ، ئىنسانلارنىڭ تىلىنى ئۇنتۇغان بىر ياۋايى ئادەمگە ئايلىنىپ قالغان، دېگەن بىر خەۋەر بېسىلغان. بىر يازغۇچى بۇنى بىر ناھايىتى ياخشى تېمىكەن دەپ ھېس قىلىپ، ناھايىتى تېزلا بىر دۇنياۋى تەسىر قوزغىغان رومان «دېڭىز سەرگەردانى روبىنزون كروزو» نى يېزىپ چىققان. بۇ دەل «ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا رومانچىلىقىنىڭ ئاتىسى» دەپ شۆھرەت قازانغان دانيېل دېفو (1660 −1731 – يىللار).
دېفو كونا خانلىقنى تىرىلدۈرۈشكە قارشى تۇرۇشقا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلانغان، لوندوندىكى بىر مەيداندا قوۋۇق سېلىنىپ، ئۈچ كۈن سازايى قىلىنغاندا، خەلق ئاممىسى بەس – بەستە ئۇنىڭغا گۈلچەمبىرەك تاقاپ، ھۆرمىتىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئۆمرىدە نۇرغۇن رومان ۋە سىياسىي مۇھاكىمە ماقالىلىرىنى يېزىپ، كاپىتالىستىك سودا – سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مۇستەملىكىلەرنى كېڭەيتىش، فېئوداللىق مۇستەبىت ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى ۋە دەرىجە تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتى ۋە تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.
«دېڭىز سەرگەردانى روبىنزون كروزو» دېفونىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ، روماندا روبىنزون دادىسىنىڭ توسۇغىنىغا قارىماي، دېڭىز سەپىرىگە چىقىپ سودا قىلماقچى بولىدۇ. دەسلەپكى بىرنەچچە قېتىملىق دېڭىزغا سەپەر قىلىپ، قىلغان سودىسى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ، لېكىن بىر قېتىم ئۇنى تۈرك دېڭىز قاراقچىلىرى تۇتۇۋالىدۇ، ئۇ بەختكە يارىشا قېچىپ كېتىپ، برازىلىيىدە شېكەر قومۇشلۇقى ۋە شېكەر زاۋۇتى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. تۆت يىلدىن كېيىن، ئافرىقىغا بېرىپ نېگىر قۇل سودىسى قىلىدۇ، بەختكە قارشى دېڭىزدا خەتەرگە يولۇقۇپ، كېمىدە پەقەت روبېنزونلا خەتەردىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. قالغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى بېلىققا يەم بولىدۇ. ئۇ لەيلەپ يۈرۈپ بىر قاقاس ئارالغا چىقىپ قالىدۇ، ئۆزى يالغۇز ئارالدا ئۆي ياسايدۇ، قوي باقىدۇ، كېمە ياسايدۇ. كېيىن، ئارالدىكى يەرلىك كىشىلەرنىڭ قولىدىن ئۆلتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان بىر ئادەمنى قۇتقۇزۇپ ئېلىپ، ئۆزىگە قۇل قىلىۋالىدۇ. ئۇ ئارالدا28 يىل ياشايدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا قاقاس ئارال يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئەنگلىيە كېمىسىگە ئولتۇرۇپ ئەنگلىيىگە قايتىدۇ. لېكىن، ئۇ ئۆزىنىڭ »زېمىنى«نى ھەرگىز ئەستىن چىقىرالمايدۇ، مەخسۇس «زېمىنىدىكى ئاھالە» نى «كۆرگىلى» كېلىدۇ ھەم ئارالغا زۆرۈر ئېھتىياجلىق بۇيۇملارنى ئېلىپ كېلىپ، قاقاس ئارالنى ئاۋاتلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
بۇ روماندا بۇرژۇئازىيىنىڭ دەسلەپكى گۈللىنىۋاتقان مەزگىلىدىكى ئەركىن تەرەققىي قىلغان دەۋر روھى گەۋدىلىنىپ، ئەمگەكنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە قىممىتى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن شۇنداقلا بۇرژۇئازىيىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتپەرەسلىك ماھىيىتى ئوبرازلىق ئىپادىلەنگەن.
«دېڭىز سەرگەردانى روبىنزون كروزو» بەدىئىيلىك جەھەتتە ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. ئۇ ئەينى چاغدىكى ئەدەبىيات قائىدىلىرىنىڭ چۈشەكلىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، يېڭى ئەدەبىي ژانىرنى ياراتتى. ئۇ بىرىنچى شەخس ۋە كۈندىلىك خاتىرە، ئەسلىمە قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، پېرسوناژلارنىڭ ھەرىكىتىنى، مۇھىتنى ۋە تەپسىلاتلارنى چىنلىق بىلەن تەسۋىرلەپ،18 – ئەسىردىكى رېئالىزملىق رومان ئىجادىيىتىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلاپ بەردى


يازما ئادىرىسى: «دېڭىز سەرگەردانى روبىنزون كروزو» رومانى
بارلىق ھوقۇق: خالتاغا مەنسۈپ. باشقا ئورۇندا ئىشلەتكەندە مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!
710

ئىنكاس يوللاش

تەخەللۇس:(چوقۇم تولدۇرىسىز)

ئېلخەت:(ئاشكارىلانمايدۇ، چوقۇم تولدۇرىسىز)

تور بېكەت ئادرېسى:

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif




  • ئالاقىلىشىڭ

  • ۇستڭ 250

950

无觅相关文章插件,快速提升流量