• ھازىرچە خالتىمىزدا جىق نەرسىلەر يوق بولىشى مۇمكىن، پات يېقىندا ياخشى مەزمۇنلار نى كۆرەلەيسىز.
  • ئاپتۇنۇم رايۇن ئېچى-سىرتىغا پوچتىدىن كىتاب يەتكۈزۈپ بىرىمىز، كونا كىتابلارنى ساتىمىز، سېتىۋالىمىز . 13779880195

ئابدۇغوپۇر داموللا

ئابدۇغوپۇر داموللا


ئابدۇغوپۇر داموللا(شاپتول) قەشقەر پەيزىۋات ناھىيىسىنىڭ شاپتۇل يېزىسىدىن، ئۇ 1865 – يىلى چارۋىدار باي دېھقان ئابدۇللا ئاخۇن ئائىلىسىدە تۇغۇلىدۇ. باشلانغۇچ، ئوتتۇرا دىنىي بىلىملىرىنى شاپتۇل يېزىسىدا، پەيزىۋات ناھىيىسىدە ئالغاندىن كېيىن قەشقەر خانلىق مەدرىستە بىلىم ئاشۇرىدۇ، ئابدۇغوپۇر داموللا 1903 – يىلى ئائىلىسى بىلەن قەشقەر شەھىرىگە كۆچۈپ كېلىپ، دادىسىنىڭ تىجارىتىگە ياردەملىشىدۇ ۋە كېپەك بازىرى مەسچىتىگە ئىمام بولىدۇ. كېيىن دادىسى بىلەن ھەج تاۋاپقا بېرىپ قايتىپ كېلىش ۋاقتىدا بۇخارا مەدرىسەلىرىدە ئىلىم تەھسىل قىلىدۇ. شۇ يىللاردا ئۆكتەبىر ئىنقىلابى بولۇپ، ئابدۇغوپۇر داموللا قولغا ئېلىنىدۇ. 1919 – يىلى 3 – ئىنتېرناتسىئونال تەشكىل قىلغان چەت ئەل مۇھاجىرلار كومىتېتى چەتئەل مۇھاجىرلىرىنى تىزىمغا ئالغاندا تىزىملىتىپ تۈرمىدىن بوشىنىپ، قەشقەرگە قايتىپ كېلىدۇ.
1920 – يىلى قەشقەر دوماسى(مىللەتلەر مەجلىسىنىڭ رەئىسى) كېرىم ھاجى ئاخۇنبايوا ۋاپات بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئىنىسى ئۆمەر باي ئوخۇنبايوف ۋاپات بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئىنىسى ئۆمەر باي ئاخونيايوف ۋارىسلىق قىلىدۇ. ئۆمەر ئاخۇنبايوف دوما بولۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن كاتتا يىغىلىشتا ئابدۇغوپۇر داموللا ھاجى تەييارلىغان تەبىرىك سۆزىنى ئۆزى ئوقۇيدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئابدۇغوپۇر داموللا ھاجى ئالىم – ئۆلىما، ھۆكۈمەت ئەربابلىرى، قەشقەردە تۇرۇشلۇق چەت ئەل كونسۇللىرىغا تۇنۇلىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئابدۇغوپۇر تۇرۇشلۇق چەت ئەل كونسۇللىرىغا تونۇلىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئابدۇغوپۇر داموللا ھاجى ئۆمەر باينىڭ يېنىدا بولۇپ، مىللەتلەر مەجلىسىنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىپ، قەشقەردە تۇرۇشلۇق سوۋېت، ئەنگىلىيە، سېۋىتسىيە كونسۇللىرى، ئەنگىلىيە ھامىيلىقىدىكى پاكىستان ئافغانىستان ۋە ھىندىستان ۋاكالەتخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ دىققەت – نەزىرىنى ئۆزىگە تارتىدۇ. كېيىنچە مىللەتلەر مەجلىسنىڭ، بەزىدە ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن چەت ئەل كونسۇلخانىلىرىغا بېرىپ كېلىپ يۈرىدۇ.

قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئىنقىلاب جەنۇبىي شىنجاڭغا كېڭىيىدۇ. 1934 – يىلى تۆمۈر ئېلى قەشقەرگە كېلىپ ھاكىمىيەت قۇرغان كۈنلەردە قەشقەر خەلقى تۆمۈر ئېلىنىڭ ئىشرەتۋازلىقى ۋە ئەخلاقسىزلىقىدىن نارازى بولىدۇ. تۆمۈر ئېلىنىڭ قىلمىشىدىن خورلۇق ھىس قىلغان ئۆمەر باي ئاخۇنبايوف <قەشقەر ئەمدى ھارۋىكەشكە قاپتۇمۇ؟> دەيدۇ ۋە جاھان تىنچىغىچە ھەج قىلىپ كېلىش ئۈچۈن ھەجگە ماڭىدۇ. شۇ كۈنلەردە ئابدۇغوپۇر داموللا تۆمۈر ئېلىنىڭ يېنىدا پەيدا بولىدۇ. تۆمۈر ئېلى ئابدۇغوپۇر داموللىنى قەشقەر شەھىرىنىڭ باش قازىسى ۋە مىللەتلەر مەجلىسىنىڭ پەخرىي رەئىسى، ئۆزىنىڭ مەسلىھەتچىسى قىلىپ تەيىنلەش بىلەن بىرگە خوتەن قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن بولىدىغان سۆھبەتكە تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى قىلىپ بەلگىلەيدۇ. شۇ سۆھبەتتە ئىككى تەرەپ ماجۇڭيىڭ قىسىملىرىنى قورالسىزلاندۇرۇش مەسىلىسىدە بىرلىككە كېلىپ، خوتەن قوزغىلاڭچىلىرى ئابدۇغوپۇر داموللىنى تۇتۇپ تۇرىدۇ. تۆمۈر ئېلى بۇ ئىشنى باھانە قىلىپ خوتەن قوزغىلاڭچىلىرىنى قورالسىزلاندۇرۇپ، قانلىق ۋەقە سادىر قىلىدۇ.

شېڭ شىسەي ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىش بىلەن ئابدۇغوپۇر داموللا قەشقەر مىللەتلەر مەجىلىسنىڭ رەئىسى قىلىپ بەلگىلىنىدۇ. ئۇ مىللەتلەر مەجلىسىنىڭ رەئىسى بولغاندىن كېيىن ئابدۇكېرىمخان مەخسۇمنى قەشقەر ھاكىمى قىلىپ تەيىنلەيدۇ(شۇ چاغلاردا ئابدۇغوپۇر داموللا ھاجىنىڭ ئورنى ئابدۇكېرىمخان مەخسۇمدەك ئالاھىدە كىشىدىنمۇ ئۈستۈن ئىدى). 1934 – يىلى مەھمۇت مۇھىتى قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن ئابدۇغوپۇر داموللا ھاجى مەھمۇت سىجاڭنىڭ يېنىدا بولىدۇ. بەزىدە مەھمۇت سىجاڭ بىلەن بىللە بولسا، ئۇ يەردىن چىقىپلا ليۇ سىلىڭ، ياۋ سىلىڭ (بۇلار شەرقىي شىمال پىدئىيلىرى ئىچىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى)، ۋالىي شۈي لەن، رۇس گېنېرالى رابالىكىنلەر بىلەن بىللە بولىدۇ، بەزى سوۋېت كونسۇلى بىلەن مۇناسىۋەتتە بولىدۇ. 1935 – يىلى ئابدۇغوپۇر داموللا خەلق ۋەكىلى نامىدا ئۈرۈمچىگە قۇرۇلتايدا سۆزلىگەن سۆزىدە شېڭ شىسەينى كۆككە كۆتۈرۈپ ماختاپ، <پەيغەمبەر بولۇشقا مۇناسىپ> دەيدۇ.

قۇرۇلتايدىن قايتقاندىن كېيىن<ئالتە بۈيۈك سىياسەت> نى ۋە شېڭ شىسەينى يۇقىرىقى ئىبارىلەر بىلەن تەشۋىق قىلىدۇ. مەھمۇت مۇھىتى بەيتۇل مۇقەددەستىن ئۆمەر باي ھاجىم ئاخۇنبايوفنى تەكلىپ قىلىپ قايتۇرۇپ كەلگەندىن كېيىن ئابدۇغوپۇر داموللا ئۆمەر باي ھاجىم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزىدۇ.

كېيىن شېڭ شىسەي ئابدۇغوپۇر داموللىنى ئۈرۈمچىگە چاقىرتىدۇ. ئۇ ئۈرۈمچىگە مېڭىشتىن بىر كۈن بۇرۇن كەچتە ئاتلىق ئۆيگە كېتىۋېتىپ، ھازىرقى قەشقەر تۈمەن بويىدىكى بېلىقچىلىق كۆلىنىڭ ئەتراپىدا (ئۇ چاغدا بۇ يەرنى كۆنچى مەھەللىسى دەيتتى) نامەلۇم كىشى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ.

ئىزاھات: ئابدۇغوپۇر داموللىنىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدا كۆپ كىشىلەر ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن كۆزى ئويۇلۇپ، تىى كېسىلگەن، دېگەندەك گەپلەرنى قىلىدۇ. 1986 – يىلى مەن ئابدۇغوپۇر داموللا ئۆلگەن كۈنى ئۆز ۋاقتىدا ئۇنىڭ جەسىتىنى ساقلىغان ئابدۇرېھىم ئىمىنوف (پېتەك) بىلەن سۆزلەشكەنىدىم، ئابدۇرېھىم ئىمىنوف شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋال ئۈستىدە توختىلىپ، يۇقىرىدىكىدەك سۆزلەر يالغان، قاتىل ئۇنى ئېتىپلا كەتكەن. شۇ كۈنى ئابدۇغوپۇر داموللىنىڭ ئۆلۈم پەتىسىگە كەلگەن قەشقەرنىڭ ھەربىي، مەمۇرلىرى ۋە ئالىم – ئۆلىمالارغا ئوبۇلقاسىم جۈجاڭ بىلەن ئىككىمىز كۆپ قېتىم جەسەتنىڭ يۈزىنى كۆرسەتكەن، يۈزى ساق ئىدى، دەيدۇ. ئابدۇغوپۇر داموللا ۋاپاتىدىن كېيىن شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ دەپنە خىراجىتى ئۈچۈن 400 مىڭ سەر ئۆلكە پۇلى ئەۋەتىدۇ. ئابدۇغوپۇر داموللىنىڭ قۇرۇلتايدا سۆزلىگەن سۆزىنى 5000 نۇسخا بېسىپ تارقىتىدۇ. شېڭ شىسەي، خاجىنىياز ھاجى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تەزىيە سۆزلىرى گېزىت – ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىدۇ.


يازما ئادىرىسى: ئابدۇغوپۇر داموللا
بارلىق ھوقۇق: خالتاغا مەنسۈپ. باشقا ئورۇندا ئىشلەتكەندە مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!
710

ئىنكاس يوللاش

تەخەللۇس:(چوقۇم تولدۇرىسىز)

ئېلخەت:(ئاشكارىلانمايدۇ، چوقۇم تولدۇرىسىز)

تور بېكەت ئادرېسى:

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif




  • ئالاقىلىشىڭ


950

无觅相关文章插件,快速提升流量