• ھازىرچە خالتىمىزدا جىق نەرسىلەر يوق بولىشى مۇمكىن، پات يېقىندا ياخشى مەزمۇنلار نى كۆرەلەيسىز.
  • ئاپتۇنۇم رايۇن ئېچى-سىرتىغا پوچتىدىن كىتاب يەتكۈزۈپ بىرىمىز، كونا كىتابلارنى ساتىمىز، سېتىۋالىمىز . 13779880195

تىنچ دون

تىنچ دون



1965 – يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىسى شولۇخوف ئىجادىيىتىدە (1905 −1984 – يىللار) ئاساسلىق دون دەرياسى رايونىدىكى كىشىلەرنىڭ كۈرەش ھاياتىنى تېما قىلغان. »تىنچ دون« رومانى ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى.
«تىنچ دون» جەمئىي تۆت بۆلۈم، سەككىز قىسىم، ئۇنىڭدا1 – دۇنيا ئۇرۇشىدىن تاكى گراژدانلار ئۇرۇشى ئاخىرلاشقۇچە بولغان تىنچسىز تارىخىي دەۋردىكى دون كازاكلىرىنىڭ تۇرمۇشى ۋە كۈرەشلىرى جانلىق تەسۋىرلىنىپ، كازاكلار رايونىدا سوۋېت ھاكىمىيىتىنى قۇرۇش ۋە مۇستەھكەملەشنىڭ جاپالىق جەريانى ۋە ئۇنىڭ كۈچلۈك ھاياتىي كۈچى ئىپادىلىنىپ، بارلىق ئەكسىيەتچى، قالاق كۈچلەرنىڭ مۇقەررەر يوقىلىش تەقدىرىدىن قۇتۇلالمايدىغانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلگەن.
روماندىكى باش قەھرىمان گىرىگورى بىر ھاللىق ئوتتۇرا دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان ياش، ياشلىق دەۋرىدە ئۇ مۇھەببەت ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كازاكلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئادىتى بويىچە قارشىلىق كۆرسىتىدۇ.1914 – يىلى1 – دۇنيا ئۇرۇشى پارتلايدۇ، ئۇ كازاكلارنىڭ «پەرۋەردىگارغا سادىق بولۇش، چار پادىشاھقا سادىق بولۇش، ۋەتەنگە سادىق بولۇش» ئېتىقادى بويىچە ئالدىنقى سەپكە ئاتلىنىدۇ. لېكىن، ئوفىتسېرلارنىڭ زورلۇق – زومبۇلۇقى، ئەسكەرلەرنىڭ باسقۇنچىلىق ۋە بۇلاڭ – تالاڭ قىلىشى ئۇنىڭ كۆزىگە سىغمايدۇ، ئۆزئارا قىرغىنچىلىق قىلىشلاردىن غەزەپلىنىدۇ. بولشېۋىك جەڭچى جالاندشا ئۇنىڭغا جاھانگىرلىك ئۇرۇشىنىڭ ساختىلىقى ۋە مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ چىرىكلىكىنى ئېچىپ بېرىپ، ئۇنى تەدرىجىي ئويغىتىدۇ. كېيىن، ئۇ ئالدىنقى سەپتىن يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ داۋالىنىۋاتقىنىدا، يېزىدا كرېست ئوردېنىغا ئېرىشكەن تۇنجى جەڭچى بولغاچقا، ئابرۇيپەرەستلىكتىن قايمۇقۇپ، جالاندشا ئۇنىڭ قەلبىگە تېرىغان ھەقىقەت ئۇرۇقىنى يوقىتىۋېتىدۇ، ئۇ يەنە بىر ياراملىق كازاك سۈپىتىدە قايتىدىن ئالدىنقى سەپكە كېتىدۇ. ئۇ كەينى – كەينىدىن خىزمەت كۆرسىتىپ مۇكاپاتلىنىدۇ ھەم مىلادشىي لېيتېنانت دەرىجىلىك ۋېزىۋوت كوماندىرلىقىغا ئۆستۈرۈلىدۇ.
ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن، بولشېۋىك پودچېركوفنىڭ تەسىرىدە قىزىل ئارمىيىگە قاتنىشىدۇ ھەم ئاقلار ئارمىيىسى بىلەن بولغان جەڭلەردە ئىنتايىن قەھرىمانلىق كۆرسىتىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ ئىنقىلاب توغرىسىدىكى تونۇشى يېتەرسىز بولغاچقا، ئېتىقادى قەتئىي بولمايدۇ. پودچېركوفنىڭ ئاقلار ئارمىيىسىدىن قولغا چۈشكەن ئەسىرنى ئۆلتۈرگىنىنى كۆرگەندە ئىنتايىن بىزار بولىدۇ، ئاخىر ئىنقىلابتىن ئادا – جۇدا بولۇپ كېتىدۇ، كېيىن ئۇ قىزىل ئارمىيە بىلەن ئاقلار ئوتتۇرىسىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ، ئىككى قېتىم قىزىل ئارمىيىگە قاتنىشىدۇ، ئەمما ئۈچ قېتىم ئەكسىلئىنقىلابىي توپىلاڭغا قاتنىشىدۇ ھەم توپىلاڭچى قوشۇننىڭ دىۋىزىيە كوماندىرلىقىغا ئۆسىدۇ، ئىككى قولى قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ قېنى بىلەن بويىلىدۇ.1922 – يىلى يۇرتىغا قايتىپ كېلىدۇ، كەنت ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇنىڭ ئەكسىلئىنقىلابىي جىنايىتىنى سۈرۈشتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ، ئۇ ئاشنىسى ئاكسىنىيەنى ئېلىپ يات يۇرتلارغا كېتىدۇ. يولدا سوۋېتنىڭ ئاشلىق سېتىۋېلىش ئەترىتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ، ئاكسىنىيەگە ئوق تېگىپ ئۆلىدۇ، گىرىگورى خۇددى ئەرۋاھقا ئوخشاش ئورمانلىقتا، دالىلاردا چۆرگىلەپ يۈرىدۇ، ئاخىرىدا ئازاب، ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە يۇرتىغا قايتىپ كېلىدۇ.


يازما ئادىرىسى: تىنچ دون
بارلىق ھوقۇق: خالتاغا مەنسۈپ. باشقا ئورۇندا ئىشلەتكەندە مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!
ئالدىنقى: كېيىنكى:
710

ئىنكاس يوللاش

تەخەللۇس:(چوقۇم تولدۇرىسىز)

ئېلخەت:(ئاشكارىلانمايدۇ، چوقۇم تولدۇرىسىز)

تور بېكەت ئادرېسى:

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif




  • ئالاقىلىشىڭ


950

无觅相关文章插件,快速提升流量