• ھازىرچە خالتىمىزدا جىق نەرسىلەر يوق بولىشى مۇمكىن، پات يېقىندا ياخشى مەزمۇنلار نى كۆرەلەيسىز.
  • ئاپتۇنۇم رايۇن ئېچى-سىرتىغا پوچتىدىن كىتاب يەتكۈزۈپ بىرىمىز، كونا كىتابلارنى ساتىمىز، سېتىۋالىمىز . 13779880195

كرىلوف مەسەللىرى

كرىلوف مەسەللىرى



كرىلوف (1768 −1844 – يىللار) روسىيە ئەدەبىياتى تارىخىدىكى زىيالىيلار بىلەن ئادەتتىكى پۇقرالار ئۈچۈن يازغان تۇنجى كۆزگە كۆرۈنگەن مەسەل يازغۇچى. «ئىۋان كرىلوف مەسەللىرى» رۇسلارنىڭ ئېغىر – بېسىق ئەقىل – پاراسىتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن، تۈرلۈك تۇرمۇش بىلىملىرى ۋە يازغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئالاھىدە تۇرمۇش تەجرىبىلىرى بىلەن ئەجدادلاردىن تارقىلىپ كەلگەن تۇرمۇش تەجرىبىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
كرىلوف كىچىك ۋاقتىدا دادىسى ئۆلۈپ كەتكەن، ئائىلىسى نامرات بولغاچقا مۇنتىزىم مەكتەپلەرگە كىرىپ ئوقۇشقا قۇربى يەتمىگەن. ئۆسمۈر چاغلىرىدا شەھەرلىك كېڭەش پالاتاسىدا كىچىك مەمۇر بولغاندا ئەمەل سورۇنىدىكى قاراڭغۇلۇقنى كۆرۈپ، خەلقنىڭ دەرد – ئەلىمىنى چۈشىنىپ، ئاقسۆڭەكلەر تۇرمۇشىنى ھەجۋىي قىلىدىغان كومېدىيىلەرنى يازغان.1789 – يىلىدىن1793 – يىلىغىچە ئۇ كەينى – كەينىدىن ئۈچ ھەجۋىي ژۇرنال چىقىرىپ، خىيانەتچى، پارىخور ئەمەلدارلارغا زەربە بەرگەن، ئەڭ ئالىي ھۆكۈمراننىڭ مۇستەبىتلىكىنى مەسخىرە قىلغان. شۇ سەۋەبتىن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇنى چاقىرىتىپ، سوراق قىلغان ھەم پېتربورگدىن ئايرىلىپ، روسىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سەرگەردان بولۇشقا مەجبۇر قىلغان.1806 – يىلى ئۇ پېتربورگقا قايتىپ كېلىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە مەخسۇس مەسەل يېزىش بىلەن مەشغۇل بولغان.
كرىلوف جەمئىي200 نەچچە پارچە مەسەل يازغان. ئۇ غەرب مەسەللىرىنىڭ مەخسۇس ھايۋانلار توغرىسىدىكى ھېكايىلەر ئارقىلىق ئەخلاق تەربىيىسى بېرىدىغان قائىدىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، نەسىھەت خاراكتېرىدىكى مەسەللەرنى ھەم گۈزەل، ھەم ئاممىباب ھەجۋىي ئەدەبىي ئەسەرگە ئۆزگەرتكەن.
كرىلوف مەسەللىرىدە روسىيىنىڭ18 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە19 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى دېموكراتىك ئىلغار ئىدىيىسىنى چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈرگەن. ئۇ يالغۇز ئەينى چاغدىكى رېئال تۇرمۇشنى تەسۋىرلەپلا قالماستىن، بەلكى روسىيە ھۆكۈمرانلار سىنىپىنىڭ يولسىز مۇستەبىتلىكى، ئەمەلدارلارنىڭ چىرىك، قابىلىيەتسىزلىكى، خەلقنىڭ دەرد – ئەلىمى، شۇنىڭدەك رۇس خەلقى ئۈستىدىكى ئەڭ چوڭ ئاپەت − يانچىلىق تۈزۈملىرىنى ئاچچىق ھەجۋىي قىلغان. ئۇنىڭ داڭلىق مەسەللىرىدىن «بۆرە بىلەن قوزىچاق»، «ياۋايى ھايۋانلاردىكى ۋابا»، «پاقىلارغا بىر پادىشاھ كېرەك» قاتارلىقلاردا ھەجۋىينىڭ تىخ ئۇچى زالىم پادىشاھقا، زالىم ۋەزىرلەرگە، زالىم، خىيانەتچى ئەمەلدارلارغا قارىتىلىپ، فېئودال ھۆكۈمرانلار سىنىپىنىڭ ئەمگەكچى خەلقنى رەھىمسىزلەرچە ئەزگەن جىنايىتى پاش قىلىنغان. «بېلىقنىڭ ئۇسسۇل ئوينىشى» بىلەن «ئالا قوي» قاتارلىق مەسەللەردە تىغ ئۇچى بىۋاسىتە چار پادىشاھ ئالكساندر
گە قارىتىلىپ، ئۇنىڭ ساختا مېھرىبانلىق نىقابى يىرتىپ تاشلىنىپ، ئۇنىڭ نومۇسسىز، ۋەھشىي ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، خەلق ئۈستىدىن رەھىمسىزلەرچە ھۆكۈمرانلىق قىلغان جىنايىتى ئېچىپ تاشلانغان.
كرىلوف مەسەللىرىدە ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئېچىنىشلىق سەرگۈزەشتلىرىگە چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىنغان، ئۇلارنىڭ ئەمگەكچان، باتۇر، ئاق كۆڭۈل، ئەقىل – پاراسەتلىك پەزىلەتلىرى قىزغىن مەدھىيىلەنگەن. «بۈركۈت بىلەن ھەسەل ھەرىسى»، «ھەسەل ھەرىسى بىلەن ئۆمۈچۈك»، «چىۋىن بىلەن ھەسەل ھەرىسى» قاتارلىق ئەسەرلەردە، ھەسەل ھەرىسىنىڭ ئوبرازى ئارقىلىق ئەمگەكچى خەلقنىڭ باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەيدىغان، نام – مەنپەئەت كۆزلىمەيدىغان، تىرىشچانلىق بىلەن ئامما ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئالىيجاناب روھى ۋە پەزىلىتى مەدھىيىلەنگەن. بەزى ئەسەرلەردە دېھقانلارنىڭ كەمچىلىكلىرىمۇ ھەجۋىي قىلىنغان، لېكىن بۇ ھەجۋىيلەر ياخشى نىيەت ۋە مۇلايىملىق بىلەن قىلىنغان.
كرىلوف مەسەللىرىدە يەنە كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقى بار. «مۈشۈك بىلەن ئاشپەز» دە چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىنىڭ پەقەت قۇرۇق گەپلا قىلىپ، ناپولېئوننىڭ قوشۇنىغا كۈچلۈك قارشىلىق كۆرسەتمىگەن خاتا قىلمىشى ئەيىبلىنىپ، تەنقىد قىلىنىدۇ، «يۈك پويىزى»، «بۆرىنىڭ ئىت ئۇۋىسىغا كىرىپ قېلىشى» دا گېنېرال كوتوزۇفنىڭ ناپولېئوننىڭ تاجاۋۇزىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن توغرا ئىستراتېگىيىسى ماختىلىدۇ؛ «قىزىل بارراكۇدا بېلىقى بىلەن مۈشۈك»، «قاغا بىلەن مېكىيان» دا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ پولكوۋنىكى چىچاگېيفنىڭ قابىلىيەتسىزلىكى مەسخىرە قىلىنىپ، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ پۇرسەتپەرەسلىكى، مۇرەسسەچىلىكى قامچىلىنىدۇ. زور ۋەقەلەرنى بىۋاسىتە ئەكس ئەتتۈرگەن مەسەللەرنى قەدىمكىلەر ئەسلا يېزىپ باقمىغان.
كرىلوف مەسەللىرىدە بەدىئىيلىك جەھەتتە، كومېدىيىلىك خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك ۋەقەلىكلەرنى تاللاشقا ماھىر بولۇپ، ئۆزگىچە يۇمۇرىستىك تۇيغۇ بېرىدۇ. مەسىلەن، چۈمۈلە پالۋاننىڭ شەھەرگە كىرگەندىن كېيىنكى ھەسرىتى؛ سودىيە تۈلكىنىڭ دېھقانغا چىقارغان ھۆكمى؛ بېلىقلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان قىزىل بارراكۇدا بېلىقىنىڭ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن قاتتىق جازالىنىپ، دەرياغا چۆكتۈرۈپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى… ئىپادىلەش ئۇسۇلى خىلمۇخىل، تىلى ئاددىي، يۇمۇرلۇق.


يازما ئادىرىسى: كرىلوف مەسەللىرى
بارلىق ھوقۇق: خالتاغا مەنسۈپ. باشقا ئورۇندا ئىشلەتكەندە مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!
ئالدىنقى: كېيىنكى:
710

ئىنكاس يوللاش

تەخەللۇس:(چوقۇم تولدۇرىسىز)

ئېلخەت:(ئاشكارىلانمايدۇ، چوقۇم تولدۇرىسىز)

تور بېكەت ئادرېسى:

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif




  • ئالاقىلىشىڭ

  • ۇستڭ 250

950

无觅相关文章插件,快速提升流量