بۇ، ئەبەيدۇللا ئىبراھىمنىڭ تارىخىي رومانى بولۇپ، شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1996 – يىل 8 – ئايدا نەشر قىلىنغان. بۇ چوڭ ھەجىملىك يىرىك ئەسەر جەمئىي بەش قىسىم، 50 بابتىن تەشكىل تاپقان. روماندا جەنۇبىي شىنجاڭ خەلقى، جۈملىدىن خوتەن خەلقى 19 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا باشتىن كەچۈرگەن ئاجايىپ قىسمەتلەر، ئېچىنىشلىق تۇرمۇش مەنزىرىسى، ھۆكۈمرانلارنىڭ ۋەھشىيلىكى سەۋەبلىك خەلق بېشىغا كەلگەن قىرغىنچىلىق، بالايىئاپەتلەر، خەلقنىڭ جەڭگىۋار كۈرەشلىرى… تەسۋىرلەنگەن. ئاساسلىق قىلىپ ياقۇپبەگنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغاپ، جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىنى ئۆزىگە بويسۇندۇرغانلىقى، جۈملىدىن خوتەنگە باستۇرۇپ كېلىپ، قانلىق قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلىقى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان. روماندا يازغۇچى نىياز ھېكىمبەگدىن ئىبارەت ۋەھشىي، ھىيلىگەر، بىر مۇناپىق ئوبرازىنى ناھايىتىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتقان ۋە ئۇنىڭ خۇي – پەيلىنى، سەرگۈزەشتىلىرىنى روماننىڭ ئاساسلىق سيۇژىت لىنىيىسى قىلغان.