• ھازىرچە خالتىمىزدا جىق نەرسىلەر يوق بولىشى مۇمكىن، پات يېقىندا ياخشى مەزمۇنلار نى كۆرەلەيسىز.
  • ئاپتۇنۇم رايۇن ئېچى-سىرتىغا پوچتىدىن كىتاب يەتكۈزۈپ بىرىمىز، كونا كىتابلارنى ساتىمىز، سېتىۋالىمىز . 13779880195

كىتابنىڭ تەركىب تېپىشى

كىتابنىڭ تەركىب تېپىشى

   كىتاب مۇنداق ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ: بىرى، تاشقى شەكلى، بۇ زىننەتلىنىشى دەپ ئاتىلىدۇ؛ يەنە بىرى، مەزمۇنى، بۇ تېكىست ۋە سۈرەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

   كىتابنىڭ زىننىتى مۇقاۋا، تىتول، كىتاب دۈمبىسى، نەشر ھوقۇقى بېتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇقاۋا كىتابنىڭ «يۈزى» بولۇپ، بۇنىڭغا كىتابنىڭ ئىسمى، ئاپتورى، نەشر قىلغۇچى ۋە باشقىلار بېسىلىدۇ. تىتول مۇقاۋا ياكى ئارا بەتنىڭ كەينى، تېكىستنىڭ ئالدىدىكى بەت بولۇپ، ئۇنىڭغا مۇقاۋىدىكىگە ئوخشاش كىتابنىڭ ئىسمى، ئاپتورى، نەشر قىلغۇچى، نەشر قىلىنغان يىل، ئاي بېسىلىدۇ. كىتاب دۈمبىسى مۇقاۋىنىڭ بىرىنچى بېتى بىلەن مۇقاۋىنىڭ ئاخىرقى بېتىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ كىتاب جازىسىدىن تېپىشىغا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، ئۇ يەرگە كىتابنىڭ نامى، ئاپتورى، نەشر قىلغۇچى بېسىلىدۇ. نەشر ھوقۇقى بېتى كىتابنىڭ ئۆزىنى تونۇشتۇرىدىغان بېتى بولۇپ، ئۇنىڭدا كىتابنىڭ نامى، ئاپتورى، نەشر قىلغۇچى، تارقاتقۇچى ئورۇن، باسقۇچى ئورۇن كۆرسىتىلگەندىن سىرت، فورماتىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى، باسما تاۋاق سانى، خەت سانى، نەشر قېتىمى، نەشر قىلىنغان يىل، ئاي، كىتاب نومۇرى، باھاسى قاتارلىقلار كۆرسىتىلىدۇ. ئومۇمەن كىتاب نومۇرى بولمىغان كىتاب قانۇنسىز بولۇپ، دۆلەت بۇنداق كىتابلارنىڭ سېتىلىشىنى چەكلەيدۇ. ئېلىمىز1987 – يىل1 – ئاينىڭ1 – كۈنىدىن ئېتىبارەن خەلقئارا ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرى (rebmuN kooB dradnatS lanoitanretnI) قىسقارتىلمىسى NBSI نى قوللىنىشقا باشلىدى. ھەرقانداق كىتابتا NBSI بولىدۇ، بۇنىڭ ئارقىسىدا بىر گۇرۇپپا سان بېرىلگەن بولۇپ، بۇ سانلار ئۇيۇشتۇرۇش نومۇرى، نەشر نومۇرى، كىتاب نامى نومۇرى ۋە كوررېكتورلۇق نومۇرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
كىتاب مەزمۇنى تېكىست ۋە قىستۇرما بەتلەردىن باشقا، كىتابنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى، كىرىش سۆز، ئاخىرقى سۆز، مۇقەددىمە، خاتىمە قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاساسىي مەزمۇنىدا ئوقۇرمەنلەرنىڭ سېتىۋېلىشى ۋە ئارىيەت ئېلىشىغا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن كىتابنىڭ مەزمۇنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىدۇ. ئاپتور كىتابتىكى تېكىستتىن باشقا يەنە مەخسۇس ماقالە يېزىپ، كىتابقا دائىر ئىشلارنى ئوقۇرمەنلەرگە چۈشەندۈرىدۇ، بۇ ماقالە كىتابنىڭ بېشىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسا «مۇقەددىمە» ياكى «قىسقىچە ئىزاھات»، «كىرىش سۆز» دەپ ئاتىلىدۇ، ئاخىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسا «خاتىمە» ياكى «ئاخىرقى سۆز» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنداق ماقالىنىڭ بەزىلىرىنى ئاپتور ئۆزى يازماي، ئاتاقلىق كىشىلەرگە يازدۇرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئوقۇرمەنلەرنىڭ كىتابتىكى باب، پاراگرافلارنى تېپىشىغا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، يەنە تەپسىلىي مۇندەرىجە بېرىلىدۇ.


يازما ئادىرىسى: كىتابنىڭ تەركىب تېپىشى
بارلىق ھوقۇق: خالتاغا مەنسۈپ. باشقا ئورۇندا ئىشلەتكەندە مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!
710

ئىنكاس يوللاش

تەخەللۇس:(چوقۇم تولدۇرىسىز)

ئېلخەت:(ئاشكارىلانمايدۇ، چوقۇم تولدۇرىسىز)

تور بېكەت ئادرېسى:

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif




  • ئالاقىلىشىڭ

  • ۇستڭ 250

950

无觅相关文章插件,快速提升流量