كىتابنىڭ تەرەققىياتى
جۇڭگودا ئەڭ دەسلەپكى كىتابلارنىڭ يېزىقى سۆڭەك – تاشپاقا قاپلىرىغا ئويۇلۇپ، ئاددىي ئىشلار پۈتۈپ قويۇلاتتى. برونزا پۈتۈك -يىن خانىدانلىقىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، خەتلەر برونزا ئەسۋابلارغا قۇيۇپ چىقىرىلاتتى. ھازىرغىچە بايقالغان بۇنداق برونزا ئەسۋاب10 مىڭدىن ئاشىدۇ، ئۇلاردىكى ئويما يېزىقلارنىڭ ئەڭ ئۇزۇنى500 نەچچە خەتكە يېتىدۇ. كېيىن خەتلەر بامبۇك تاختىغا ئويۇلۇپ، تاختىلار يىپ بىلەن بىر – بىرىگە چېتىلىپ كىتاب قىلىنىپ ساقلىنىدىغان بولدى، بۇنداق كىتابنى ئىشلەش ئاسان بولۇپ، چىغىناق – تارغاق، برونزا پۈتۈكلىرىدىن ئىلغار ئىدى. يىپەك گەزمال توقۇمىچىلىقى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، خەتلەر يىپەك رەختكە يېزىلىدىغان بولدى، بۇنداق پۈتۈك «يىپەك كىتاب» دەپ ئاتىلاتتى، بۇ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان پۈتۈكلەردىن تېخىمۇ ئىلغار ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە خىلمۇخىل، ئاجايىپ – غارايىپ كىتابلار بارلىققا كەلدى. بۇنىڭدىن3000 يىل مۇقەددەم مىسوپوتامىيە رايونىدا، كىشىلەر سېغىز لايدىن چوڭ – كىچىكلىكى، قېلىن – نېپىزلىكىنى مۇۋاپىق قىلىپ سېغىز تاختا قۇيۇپ، ھۆل ۋاقتىدا ھەرپلەرنى ئويۇۋېلىپ، قۇرۇغاندىن كېيىن خۇمداندا پىشۇراتتى، خۇمداندىن چىققاندىن كېيىن سېغىز كىتاب قىلاتتى. بۇنداق كىتاب سۇدا ئېرىپ، ئۆتتا كۆيۈپ كەتمەيدىغان، مىتە چۈشمەيدىغان بولۇپ، ئۇزاق ساقلىغىلى بولاتتى. ئېلىمىزدە جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ نەنشۈن دېگەن يېرىدىكى ئىبادەتخانىدا مۇشۇنداق كىتابلار ھېلىمۇ بار. «ئالتۇن ياپراقچە كىتاب»1982 – يىلى سرىلانكىدىكى بىر قەدىمىي ئىبادەتخانا خارابىسىدىن چىقتى،71 ئالتۇن ياپراقچىغا پەند – نەسىھەتلەر ئويۇلغان. ئىلمىي دەلىللەشكە قارىغاندا، بۇ بۇنىڭدىن1300 يىل ئىلگىرى چىققان بىر بۇددا نومىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى58 مىللىمېتىر، كەڭلىكى630 مىللىمېتىر، قېلىنلىقى76 .5 مىللىمېتىر.