بالدۇر ئويغانغان ئادەم |
بۇ، خېۋىر تۆمۈر يازغان تارىخىي قىسسە بولۇپ، شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1987 – يىل 2 – ئايدا نەشر قىلغان. پۈتكۈل كىتاب 30 بابتىن تەشكىل تاپقان، باش قىسىمىغا نەشرىيات سۆزى، ئاپتور سۆزى، ئاخىرىغا خاتىمە بېرىلگەن. بۇ چوڭ ھەجىملىك يىرىك ئەسەردە بالدۇر ئويغانغان ئادەم – ئۇيغۇر خەلقىنىڭ جەڭگىۋار ئوغلانى، مەشھور شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى، ئىلىم تەھسىل قىلىشى، ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى، بولۇپمۇ 30 – يىللاردىكى جەڭگىۋار كۈرەش ھاياتى ئاشۇ يىللاردىكى ئىجتىمائىي ئەھۋاللارغا بىرلەشتۈرۈپ، ناھايىتى جانلىق، تەسىرلىك بايان قىلىنغان