جىمجىت جۇڭغارىيە (1) |
بۇ، قەييۇم تۇردىنىڭ <جىمجىت جۇڭغارىيە> ناملىق ترولوگىيىسىنىڭ 1 – تومى – <قامەتلىك گىلتاغ> بولۇپ، مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1992 – يىل 11 – ئايدا نەشر قىلىنغان، ئەسەردە ھاشىم تاغا، مەشرەپ، ئەمەت، چىڭ سۇڭ، مۇھەممەتجان قاتارلىق بىر تۈركۈم كىشلەرنىڭ، جۈملىدىن نېفىتچىلارنىڭ ئازادلىقتىن بۇرۇنقى كەچۈرمىشلىرى نۇقتىلىق ئپادىلەنگەن. ئۇلار جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدىن كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئوخشاش سەرگۈزەشت، ئوخشاش تەقدىر، ئوخشاش غايە تۈپەيلى بىر گەۋدىگە ئايلانغان. ئەسەردە نامرات دېھقان ھاشىم تاغا بىلەن ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ئۈرۈمچىگە ئەرز سۇنغانلىقى، قانخور شېڭ شىسەينىڭ ئۇنىڭ ئەرزىنى ئاڭلىماقتا يوق، ھاشىم تاغىنى ئۆلتۈرۋەتكەنلىكى، شۇنىڭدىن كېيىن مەشرەپنىڭ جەمئىيەتتە قېقىلىپ – سوقۇلۇپ ناھايىتى نامرات تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكى ۋە ئاخىرىدا ئەمەت، مۇھەممەتجان قاتارلىق ياشلار بىلەن تونۇشۇپ قېلىپ، ئىنقىلابىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقى يېزىلغان. روماندا يەنە تارىخىي چىنلىققا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا قاراماي نېفىتلىكىنىڭ بايقىغۇچىسى سېلىم بوۋىنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىمۇ يېزىلغان، ھاشىم قاتارلىق ياشلارنىڭ تۇنجى ئەۋلاد نېفىتچىلاردىن بولۇشقا بەل باغلىغانلىقى ئىپادىلەنگەن. قىسقىسى، بۇ رومان ئۇيغۇر رومانچىلىقىدا نېفىتچىلار تۇرمۇشى، نېفىتچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى خېلى مۇكەممەل يېزىلغان رومان ھېسابلىنىدۇ.