• ھازىرچە خالتىمىزدا جىق نەرسىلەر يوق بولىشى مۇمكىن، پات يېقىندا ياخشى مەزمۇنلار نى كۆرەلەيسىز.
  • ئاپتۇنۇم رايۇن ئېچى-سىرتىغا پوچتىدىن كىتاب يەتكۈزۈپ بىرىمىز، كونا كىتابلارنى ساتىمىز، سېتىۋالىمىز . 13779880195

ھايات ئۈچۈن كۈرەش

ھايات ئۈچۈن كۈرەش

 

-خەلق قوشاقچىسى ئەھمەتخان توغرىسىدا

 ئەھمەتخان 1890-يىللىرى قەشقەر شەھرىنىڭ شەرقىغە جايلاشقان «چاۋاغ» (چاھارباغ) دىگەن يېزىدا بىر دىخان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، تەخمىنەن 1930-يىللىرى ۋاپات بولغان .

   ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ دادىسى شەھەر ئىچى چاسا (چاھارسۇ-تۆت كوچا) مەھەللىسىلىك بىر موزدۇز بولۇپ، ئىسمى كىپەك ئاخۇن ئىدى . بۇ ئۇستام ئۆز موھىتىغا يارىشا موللىلىقتىن خەۋىرى بار، شېئىر ھەۋەسكارلىرىدىن بولۇپ، ناۋائى، فۇزۇلى، سادايى، ھۇۋەيدا قاتارلىق شائېرلارنىڭ شېئىرى كىتابلىرىنى ئوقۇيتتى. كىپەك ئاخۇن ئۇستىنىڭ بىرلا قىزىدىن باشقا بالىسى يوق بولغانلىقتىن، نەۋرىسى ئەھمەتنى كىچىكىدىن قېشىدا توختۇتۇپ چوڭ قىلىپ مەھەللىسى ئەتراپىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇتتى، ئاخشاملىرى ئۆزى دەرس ئۈگەتتى . ئەھمەتخانمۇ ۋۇجۇدىدىكى زىرەكلىك ۋە چىچەنلىك قابىلىيىتى بىلەن ئوقۇشتا ئالغا باستى، چوڭ دادىسىنىڭ شېئىرى ۋارىسى بولۇپ يېتىلدى، ئۇنىڭدىكى تالانت ئۇنى شېئىر يىزىش، نەزم يىزىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندۇردى، چوڭ دادىسى ۋاپات بولغاندىن كىيىن دادىسى قىشىغا- يېزىغا چىقىپ كەتتى. ئاز ئۆتمەي دادىسىدىنمۇ ئايرىلغان ئەھمەتخان چوڭ دادىسىدىن ئۆگەنگەن موزدۇزلۇق كەسپىنى يىزىدا داۋاملاشتۇردى ۋە بۇ جەرياندا كەڭ يىزىدىكى دىخانلاردىن خەلق قوشاقلىرىنى ئۆگىنىشكە باشلىدى. ئەينى يىللاردا يىزا موھىتىدىكى تەڭسىزلىك، ئوخشىمىغان تۇرمۇش شارائىتى ئۇنى نەپرەت ۋە مۇھەببەت بىلەن چېنىقتۇردى، ئىنسانپەرۋەرلىك روھقا ئاشىنا قىلدى .

 

1

 

   20-ئەسىرنىڭ بىرىنجى ئون يىلىنىڭ بىر پەيشەنبە كۈنىسى ئەتىگەن ئىدى، ئەھمەتخان ئادىتى بويىچە چوڭ دادىسىنىڭ قەۋرىسىنى زىيارەت قىلىشنى نىيەت قىلدى. سەھەرنىڭ يۈزگە ئۇرۇپ تۇرغان ئىللىق شامىلى، دەل-دەرەخلەردە شوخ سايراپ تۇرغان قۇشلارنىڭ مۇڭلۇق ئاۋازى ئۇنى مەپتۇن قىلغانلىقى ئۈچۈنمۇ، ئۇ ئەتراپقا نەزەر سىلىپ ئالدىراپ مېڭىپ قەۋرىستانلىققا يىتىپ كەلگەنلىكىنىمۇ تۇيماي قالدى. ئۇ شۇ ئەسنادا، ئىككى يولنىڭ دوقمۇشى، چاھار باغنىڭ قوشۇلىشىدا ئات ئوينۇتۇپ كىلىۋاتقان بىر يىگىتكە كۆزى چۈشتى-دە، كونا دوستى رەھمەت بايۋەچچىنى تونىدى. ئۇنىڭ بىلەن بىر زامانلاردا بىر مەكتەپتە بىللە ئوقىغانلىقىنى ئەسكە ئالدى، ئۇ مەكتەپتىن قايتقاندا بىللە ئويناپ كۈلۈشكەن، دەرسنى بىلمىگەندە ئۈگىتىپ قويۇپ رەھمىتىنى ئالغان بولغاچقا، بايۋەتچى ئۇنى ياخشى كۆرەتتى. بەلكى چوڭ بولغاندا ئەھمەتخاننى تاشلىمايدىغانغا، ھەر ئىشتا يار-يۆلەكتە بولىدىغانغا ۋەدىلەرنىمۇ بەرگەن ئىدى. لىكىن ئەھمەتخاننىڭ بەختىگە تۇرمۇشنىڭ قىستىشى ئۇنى مەكتەپتىن بالدۇر قايتىپ چىقىشقا مەجبۇر قىلدى. كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ بايۋەتچى بىلەن ئۇزۇندىن بىرى كۆرۈشەلمىگەن ئىدى .

   قەشقەرنىڭ بايزادىسى، دەۋرنىڭ «شاھزادىسى» ئاتالغان بۇ بايۋەتچە بۇ كۈنى شوخ ئارغىمىقىنى ئوينىتىپ، مەغرۇرلۇق بىلەن كەچلىك ئارامگاھى چاھار باغدىكى ئازادە بېغىدىن چىقىپ شەھەرگە كىرىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئۇچىسىدا مەللە چېلىش لىغىلدىما كىلىمىنكە كامزۇل،ئۈستىدە يوللۇق دەريايى ئازادە يەكتەك، بىشىدا ئاق داكا سەللە، بىلىدە شاھى رومال، ئايىغىدا ئامىرىكانچە مەيسە بار ئىدى. يولنىڭ دوقمۇشىغا كەلگەندە ئۇنىڭ ئالدىنى سالام بىلەن توسقان كونا دوستى ئەھمەتخانغا كۆزى چۈشتى.

   -ئەسسالامۇئەلەيكۇم، غوجام جاناپلىرى ! نىسىپ بوپتۇ بۇ كۈن ماڭا تاۋاپلىرى، ئاپتاپ چىققاندۇ بۈگۈن قەيەردىن ؟ ئىككەيلەن ئىدۇق قەشقەردىن، كۆرۈشتۇق بىز بۇ يەردە، سىلە بارمۇ بۇ شەھەردە ؟ ئۇزۇن بولدى باقمىدىلا بىر نەزەردە، بىز ئىككەيلەن بىر مەكتەپتە ئوقۇغان، بىر زامانلاردا قول تۇتۇشۇپ بىرگە ئوينىغان، ساۋاقداش بولۇپ ئۆتەتتۇق ئايرىلماي، ئەمدى ئۆتەملا قارىماي ؟ ئالتۇن بويلىرى، كۆمۈش قوۋۇرغىلىرى ئىسەنمۇ ؟

   بايۋەتچە ئەھمەتخانغا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتى، ئەھمەتخاننىڭ ساقال-بۇرۇتلىرى ئۆسكەن، يۈزلىرى تۇرمۇشنىڭ غىمى بىلەن سۇلغان، بالدۇرقى خۇش چاخچاق بۇ دوستى ھازىر نىمىدىندۇر ياۋاش مەيۇسانە ھالدا ئىدى. ئۇنىڭ ئۇچىسىدا شاتىۋاردىن تىكىلگەن ئۇزۇل كەمزۇل، پۇتىدا كۆندىن تىكىلگەن كەش مەيسە، بىلەن شاتىۋادىن بەلۋاغ، بىشىدا ئاق دوپپا كىيىگلىك ئىدى. بايۋەتچە ئۆزىنىڭ كىيىنگەن پار-پۇر كىيىملىرىگە بىر قارىۋالدى-دە، ھالىتى ئۆزگەردى. بايۋەتچىنىڭ چىرايى زاڭلىق كۈلكىدە، دىدى-بارمۇ ھازىر شاتىۋا كىيگەنلەر بۇ ئۆلكىدە ؟ دوستۇم ئەھۋالىڭلار خاراپقۇ ؟!

   ئەھمەتخان بايۋەتچىنىڭ تاپقان ئەيىپ قۇسۇرىنى چۈشەندى ۋە ئۇنىڭغا جاۋابەن بۇ نەزمىنى ئوقۇدى :

 

شاتىۋادىن تون كەيدىم، ئىچ تونۇممۇ شاتىۋا،

شاتىۋارىم سىز دىگەن خاڭدەن-تاۋادىن ئەتىۋا.

شاتىۋانى كىيىپمەن، چىقسام تالاغا داملىتىپ،

يۈرمىدىم مەن باشقىلاردەك ئۆز مېلىنى كەمسىتىپ.

 

ئۆز مېلىنى سۆيمىگەنلىك ئەقىلسىز نادان ئىشى،

خۇش خىرامان ئوينىمامدۇ ئۆزىنى سۆيگەن كىشى.

مەن شۇڭا سۆيدۈم ئۆزۈمنى پەخىرلىكمەن ھەر قاچان،

ۋەتىنىم، خەلقىم، مېلىم دوستۇم مىنىڭ بولسۇن ئامان .

 

  -بايۋەتچەم،-دىدى، ئۇ دەرھا سۆزىنى بۇراپ، شاتىۋادىن تىرىكىغا چىقماق ئاسان، تىرىكە رەخ كىيىپ شاتىۋاغا چۈشمەك تەس، شۇڭلاشقا پېقىر كېمىنىلىرى ھازىرچە شاتىۋا كىيىم بىلەن يۇردۇق. ھەر بىرلىرىنىڭ نەزەرلىرى چۈشۈپ تۇرسا زاۋۇتنىڭ پار-پۇر رەختىدىن چاپان كىيىشمۇ تەس ئەمەس .

   بايۋەتچى ھازىرقى دىققىتىنى باشقىغا يۆتكىدى، نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئويلىغان ئويىنى ئەسلىدى، ئەھمەتخاننىڭ تەقى-تۇرقىغا، ياش قورامىغا، ئىشقا چاققان، كۆڭۈلگە ياققان كۆرۈنىشىگە سەپ سالدى-دە، ئالدىغا چاقىرىپ ئالدى. ئۇنىڭ بۇ كۈزىتىشى ئەھمەتخاننى خىزمەتكە سالسا يارايدۇ، قۇل قىلىپ ئىشلەتسىمۇ ئۇنىڭ قولىغا قارايدۇ دىگەندىن دىرەك بىرەتتى .

   -بىرەر جايغا خىزمەتكە ئېۋەرتسەك مايىللىقىڭلار قانداقراق ؟!

   كۈتۈلمىگەن بۇ سۇئال ئەھمەتخاننى گاڭگىراتتى، بايۋەتچىنىڭ ئاغزىغا قاراتتى، نىمە دىيىشنى بىلەلمەي، زۇۋانمۇ سۈرەلمەي، بىردەم ئويلىنىۋالغان ئەھمەتخاننى تۇرمۇشنىڭ خىجالىتى يوقسۇلچىلىقنىڭ جاراھىتى ماقۇل دىيىشكە مەجبۇر قىلدى .

   -ئەگەر جانابىلىرى بىزنى خىزمەتكە لايىق كۆرسىلە….. بىز ھەرقاچان تەييار دەۋەتتى.

   -ئانداق بولسا، دىدى بايۋەتچە،- ئەتە كاتىۋات (ئىشخانا) مىزغا بارغايسىز .

   مانا بۇ تاپىلانما ئەھمەتخاننى كاسىپلىق يولىدىن، ئەركىن ياشاش يولىدىن ئازدۇردى-دە، قۇللۇقنىڭ ئىسكەنجىسىگە ئىتتىرىۋەتتى .

 

2

 

   ئەھمەتخان، بايۋەتچىنىڭ تەكلىۋىگە ئاساسەن ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا بىرىپ، دەھلىزدە تۇرغاندا، كۆڭلى چىگىلدى، تولا تۇرۇپ بىلى ئىگىلدى، بايلارنىڭ يۈزسىزلىگى، ياغلىما سۆزلۈكلىكى ئۇنى رەنجىتتى .

   ئۇ تۈنۈگۈنكى بايۋەتچىنىڭ ئادىمىگەرچىلىكى بىر كۈن ئۆتەپلا سايىغا ئوخشاش تېزلا يوقۇلۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەندە، بايلار دۇنياسىدىكى يۈزسىزلىكنى قاغىدى، خىلى كۈتكەندىن كىيىن كىرىشكە ئىجازەت ئالدى. لىكىن، كىرىپ چىقىۋاتقان مۇئامىلىچىلەرنىڭ ئەرك بەرمەسلىكى ئىككى سائەتتەك كاشىلا قىلدى، يۈرىكى سىقىلدى، مۇنداق ھاياتتىنمۇ ۋاز كەچتى. بۇ ئەھۋالنى قەلەندەرنىڭ كىشىلەر ئىشىكى ئالدىدا بىر پارچە نان ئۈچۈن تەلمۈرۈپ تۇرغىنىدىنمۇ قەبىھراق كۆرۈپ، ئۆز-ئۆزىگە تاپا-تەنە قىلىشقا باشلىدى: «ئۇستام دەپ ئۆزىگە خىتاپ قىلدى،-سىز ئىدىڭىز بىر ھۈنەرۋەن كاسىپ، بۇ خىل رىغالەتلىك كەسىپ ئەھلىگە ئىدىغۇ مۇناسىپ؟»، «خۇدانىڭ بەرگىنىگە قىل قانائەت، كۆڭۈلنى قىلما مىننەتتىن جاراھەت »!، سىز كەسىپتىن ئازدۇر-كۆپتۇر تاپقانغا قىلماي شۈكرى، ئەمدى بولدىڭىز بايلار ئالدىدا بۆكرى (دوڭغاق)، «ئەززىمەن، زەللىمەن تەمە» (كىمكى بارغا قانائەت قىلسا ئەزىز بولىدۇ، كىمكى كىشىدىن تەمە قىلسا ئۇ خار بولىدۇ) تەمە يولىدا ئەمدى بولىسىز خاراپ، تۇرۇڭ ئەمدى بايلار ئالدىدا قول باغلاپ ….» ئۇ ئۆز ئىشىدىن قىلاتتى ئەپسۇس، بىلگەچكە قۇللۇقنى نۇمۇس . لىكىن بايۋەتچىنىڭ مۇلايىم سۆزى ئۇنىڭ خىيالىنى بۆلىۋەتتى، ئەپسۇنلىرى ئەپسۇسلۇق ئىرادىسىنى بوشاشتۇرىۋەتتى:

   -سىزنى ئۇزاق ساقلاتتىم، باشقىلارنى ئۆزەمدىن ئاران ئۇزاقلاتتىم، كەلدى ئەمدى سىزگە نۆۋەت، سۆزلىشەيلى كەڭتاشا،ئۆتمىسۇن پۇرسەت، جاھاننىڭ ئىشىدۇر شۇنداق ئالدىراش، بىلىش كىرەك ئىلمى مائاش، قىلىمىز كىشىلەر بىلەن مۇئامىلە، كېتىدۇ ۋاقىتلار قىلغاندا مۇنازىرە، شۇڭلاشقا سىز دوستۇمنى قىلدىم خاپا، كەچۈرۈڭ ئىشتىن كۆرۈلسە خاتا .

   بۇ سۆزلەر ئەھمەتخاننى ئېرىتىۋەتتى، كۆرگەن خاپىلىقى قەيەرگىدۇر كەتتى …..

   -قەدىناس دوستۇم،- دىدى بايۋەتچى،- بىز تۈپەيلىن باي بولدى بىر نەچچە، سىز ماڭا بىجايى ئۇستاد، ئۆگەنگەن دەرسىمنى قىلىمەن ياد. بايلار ھۈنەرۋەنلەردىن چىقمىغان، بەلكى سودىگەر، ئېلىپ-ساتارلاردىن باي بولغان، مەن سىلىنى ئىشقا سالاي دەيمەنكى «قولۇڭ ياغ بولسا دوستۇڭغا سۇۋا» دەپتىكەن ئاتا-بوۋىلار، مەن شۇنى ئىجرا قىلماقچىمەنكى سىلىنى ھۈنەرنىڭ جاپاسىدىن قۇتقۇزۇپ، تىجارەت ئارقىلىق بىر نىمىلىك قىلىپ قويۇش ئارزۇيۇمدۇر.

   بايۋەتچى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ شۇنداق دىدى: «سىلى ھەر ئىشتا چاققان-چىۋەر ئادەم، يېتىدۇ بىزلەردىن ھەمىشەم بولسا ياردەم، بەختىڭلار كەلسە ئەگەر ئوڭغا تارتىپ، كۈلىدۇ ئىقبالىڭلار ئوڭدا ياتىپ، ئامەتنىڭ كۆزى قارىغۇ، قولىدا ھاسىسىمۇ يوق، بەختى ئوڭ كەلگەنلەرگە ئۆزلىكىدىن چاپلىشىۋالىدۇ .

 

3

 

بايۋەتچى بىلەن بولغان سۆھبەتنىڭ نەتىجىسى شۇ بولدىكى، ئۇ ئەھمەتخاننى ئۈرۈمچىگە ئېۋەتىپ بىر سارايدا بېسىلىپ قالغان ئىككى مىڭ جىڭ پاختىنى سېتىپ كىلىشكە مەسئۇل قىلدى. ئەھمەتخان بىر بايتال ئاتنى مىندى-دە، پايدىغا تەڭ شىرىك بولۇپ ئۈرۈمچىگە قاراپ كەتتى . ئەپسۇسكى، ئۇ ئۈرۈمچىگە بېرىپلا پەلەكنىڭ جەۋرى-جاپاسىغا ئۇچرىدى . چىرىك ھاكىمىيەتنىڭ مىللەتلەرنى بىر-بىرىگە زىتلاشتۇرۇش سىياسىتى ئاستىدا يۈز بەرگەن قوزغىلاڭغا يولۇقتى، پاختىسى بۇلاڭغا ئۇچرىدى .

 

«كىشىدىن يانسا دۆلەت، ئالتۇن ئالسا بولغۇسى تۇپراق،

كۈل ئالسا بولغۇسى ئالتۇن، كىشىگە بەخت يار بولسا» .

 

                                                        (ناۋايى شېئىرىدىن)

 

   ئەھمەتخاننىڭ بەختسىزلىك دۇنياسىدا تەتۈر كەلگەن ئىقبالى ئوڭغا تارتمىدى. ھادىسىگە ئۇچراپ سەرمايىسىدىن ئاجرىدى. ھەتتا قولىدىكى بار نەرسىسى پارىخورلار ئۈچۈن پارىغا كېتىپ، ئۆزى سۆيۈملۈك يۇرتىغا قايتىشقا ئامالسىز قالدى. ئەھمەتخان ئەھۋالنىڭ تەپسىلاتىنى بايۋەتچىگە مەلۇم قىلىش ئۈچۈن شېئىرى سۆز بىلەن تۆۋەندىگىچە ئىرسال نامىنى ئېۋەتتى :

 

مەن سالام قىلدىم ساڭا قالدىم بالاغا شۇ كۈنى ،

ئىككى مىڭ جىڭ پاختىغا جاڭگۈيدى قىلدىڭ سەن مىنى .

بىرغىنا بايتال بىرىپ خوميۇزىغا بارغىل دىدىڭ ،

خوميۇزاڭغا مەن بېرىپ بىر كۈن ئامانلىق بولمىدى .

نەنسەندىن چىرىك چىقىپ خۇيخۇي بىلەن جەڭ قىلىپ ،

ئىككى مىڭ جىڭ پاختىڭىز بىردىن پىلەككە يەتمىدى .

مەن ئىدىم بىر قول-ھۈنەرۋەن بىلمىگەچ جۇڭراچىنى ،

ئۆز تىلىمدا سۆزلىسەم ھىچكىم سۆزۈمنى ئۇقمىدى .

چوكىلەردە پاختىنى قىستى،ئېلىپ كەتتى چىرىك ،

شام قىلىپ ياقتى ئۇرۇشتا پۇلنى ھىچكىم بەرمىدى .

ئەرز قىلدىم باش ئۇرۇپ ئاڭلاشقا ئىنسان تاپمىدىم ،

پارا بەرسەممۇ ئەمەلدار مەن تەرەپكە باقمىدى .

تەلمۈرۈپ يۈردۈم كىشىلەر ئشىكىدە باش ئۇرۇپ ،

بىلمىگەچ ھىچكىم مىنى بۇ يۇرتتا كۆزگە ئىلمىدى .

ئاھ، ئادالەتسىز جاھاندا باش قېتىپ جان قاخشىدى،

دەردىمە تاپماي داۋانى ئەمدى ھالىم قالمىدى .

 

   ئەھمەتخان بايانى ۋەقەدىن كىيىن، بايۋەتچىگە يىلىنىپ ئۆزىنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ماكانىغا قايتىپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى :

 

ئەرز بايان قىلدىم ساڭا سورىساڭ كاشكى،

دەرت تۆكۈپ بۇ ئەرزنى يازدىم رەھىم قىلساڭ كاشكى .

باشىغا كەلگەن دەرتلىنى ئىزھار قىلدىم ئەرزىدە ،

سال قۇلاق دەرتمەن سۆزىگە مەرت بولساڭ كاشكى .

سىزنى دەپ چۆللەر كىزىپ ئاۋارە بولدۇم نەچچە ئاي ،

چۈشتى بۇ باشىمغا سەۋدا چارە قىلساڭ كاشكى .

بىلمەيىن نادانلىقىمدىن ئوتقا تاشلايمەن ئاياغ ،

جىگا-لاڭگاڭنى بىلىپ سودامنى قىلسام كاشكى .

مىنى قۇتقازغىل بۇ يەردىن يول ئۇزاق مەنزىل يىراق ،

ئارمىنىم كەتكەي ئىدى يۇرتۇمغا قايتسام كاشكى .

مەن ساڭا دەردىمنى يازدىم، يەتمىسەڭ دەردىمگە گەر ،

تاڭ سەھەر ئاھ تارتىشىمنى ئويلىغايسەن كاشكى .

ھال سورغىل ئەھمەت ئاخۇندىن، ۋابالىم تۇتمىسۇن ،

بالا ۋاقاڭمۇ مېنىڭدەك بولمىغاي كاشكى .

ھەق-تەلەپ ئەيلەي ساڭا ئەرزىنى يازدى دوستىڭىز ،

رەھىم ئېتىپ بىچارىگە ئەجرىنى بەرسەك كاشكى .

4

 

   ئەھمەتخان ئۇزاق ئۆتمەي بايۋەتچىدىن تۆۋەندكى مەزمۇندا ئۇچۇر ئالدى : «پاختىنىڭ بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۇق، لىكىن، بۇ خىل ئەھۋال بىز بىلەن مۇناسىۋەتسىزدۇركى، بىز پاختىنى سىزنىڭ مەسئۇللىقىڭىزغا ئۆتكۈزۈپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن زىيانكەشلەر ئۈستىدىن ئەرز قىلىش ۋە تەلەپ قىلىش ياكى ئالماسلىقىڭىز سىزنىڭ ئىشىڭىزدۇر. بىز پەقەتلا سىز پاختىغا مەسئۇل بولغاندا ئۆز قەلىمىڭىز بىلەن يىزپ بەرگەن ھۆججىتىڭىزگە ئاساسەن، سىزنىڭ ئۈچ ئېغىزلىق ئۆيىڭىزنى تەسەررۇپ قىلىشلا ھوقوقىمىز بار ئىكەنلىكىدىن ۋاقىپ بولغايسىز !» .

   ئەھمەتخاننىڭ بېشىغا ئەمدى ماكانسىزلىقتا ياشاشنىڭ مۈشكۈللىگى چۈشتى. بالا-چاقىسىنىڭ تالادا قالغانلىقىنىڭ دەردىدە كۆيدى. ئەسلى بەرگەن ھۆججىتىدە: «پەرۋاسىزلىق بىلەن ئوغرىغا بېرىش، ئوت كەتكۈزۈش، ئالدىراقسانلىق بىلەن زىيان تارتىش قاتارلىق ئىشلاردا بولغان زىيانغا ئەھمەتخان جاۋاپكار» دىيىلگەن ئىدى. لىكىن بۇ خىل تاساددىپىلىق توپىلاڭدا بولغان زىياننى ئۇنىڭغا ئارتىش، بايۋەتچىگە قارىتىپ ئېيتقاندا نامەرتلىك ئىدى .

 

5

 

   بىرنەچچە يىللاپ مۇساپىرلىقتا قالغان ئەھمەتخاننىڭ ئۆز يۇرتىغا كېلىشىگە يول قالمىدى. سۆيۈملۈك خەلقى، ئەزىز يۇرتى، قەدىردان بالا-چاقىسىنى سېغىنغاندا يۈرىكى شۈركىنىپ كېتەتتى. بالا-چاقىلىرى ئاللا قاچان ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان، ئۈچ ئېغىز ئۆي بايۋەتچە تەرىپىدىن تارتېۋىلىنغان ئىدى. ئەھمەتخان كىچىك چاغلاردىكى دوستلۇقنى قانچە يىلىنغان بولسىمۇ ئاقمىدى. بىرىلگەن پارا-رىشىۋەتلەردىن سوراقچىلارنىڭ گېلى بۇلغانغان ئىدى. يۈرەك باغرىنى نەپرەت چۇلغاپ، غەزەپ كۈچىگە تاقابىل تۇرالمىغان ئەھمەتخاننىڭ قولى بايۋەتچىگە سوزۇلماق بولغان بولسىمۇ، لىكىن، بايلارنىڭ «پىيەنزە» (ئىسىم يېزىلغان بارغاق، قەغەز) سى ھۆكۈمەت ئالدىدا ئېتىۋارلىق بولغانلىقتىن  كىشىلەرنىڭ تەقدىرىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلاتتى-دە، بۇ «مۇقەددەس» باغاق ئەھمەتخاننى يامۇلنىڭ گۇندىخانىسىغا تاشلىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى :

 

باينىڭ پىيەنزىسى قىلىدۇ ئىشنى ھەل ،

ئىگىلىدۇ گۇندىدا ئىگىلمىگەن بەل .

قارا ئۆي بولىدۇ يوقسۇلنىڭ جايى ،

سۇلىدۇ بىردم-دە ئۇنىڭ چىرايى .

قارا ئۆي ئۆمۈچۈك-ساچقانغا ساراي ،

چايانلار، قوڭغۇزلار يۈرۈيدۇ تالاي .

چۇسىلار، بۈرگىلەر ئوردىكام ئوينايدۇ ،

يامرىغان پىتلەرى قاننى شورايدۇ .

سالغاندا ئاياققا كىشەن ھەم گۇندا ،

يوقالغان ئەمەسمۇ ھاياتلار مۇندا .

 

   -دىدى-دە ئۆزىنى تۇتۇپ ئالدى .

   ئەھمەتخاننىڭ كۆز ئالدىدا قەشقەرنىڭ مەشھۇر رەستىسى بولغان «ئەنجان كوچىسى» دا ياشىغان ئىبراھىم ئاخۇن ئاكىلارنىڭ «چولاق بايۋەتچە» دىگەن باي بىلەن مۇشۇ خىل ئۆي داۋاسى نامايان بولغاندەك بولدى. بۇ سەرگۈزەشتىمۇ خۇددى ئەھمەتخاننىڭ ھەرگۈزەشتىسىگە ئوخشايتتى، دىمەك، ئىبراھىم ئاخۇن ئاكىلار ئۆز ھوقوقىنى قوغداپ داۋالاشقان بولسىمۇ، لىكىن، داۋا ئاقماي ئوتتۇز يىللاپ دەۋران سۈرگەن، ئۆز سۆزىنى سۆز قىلىمەن دىگەن باينىڭ، پۇلىنىڭ كۈچ بىلەن ئاقىۋەت ئۆيى تارتېۋىلىندى. باي ئۆي ئىگېلىرىنى يامۇلدا تۇرمىغا قاماتقان ئىدى .

  مانا بۇ تارىخى تەجىربە ئەھمەتخاننىڭ ئالدىنى توستى-دە، مۇنداق داۋادىن ۋاختىنچە كەچتى ۋە بىر نەچچە يىللاپ مۇساپىرلىق دەردىنى چەكتى .

 

————

 ئىزاھات : بۇ ئەسلىمە مۇندىن 40 يىل بۇرۇن قاسىم زۇنۇن ئېيتىپ بەرگەن ۋەقەلىك بويىچە رەتلەندى .

 

مەنبە: «قەشقەر ئەدىبىياتى» ژورنىلى 1984-يىل 6-سان

خەتكۈچلەر:
يازما ئادىرىسى: ھايات ئۈچۈن كۈرەش
بارلىق ھوقۇق: خالتاغا مەنسۈپ. باشقا ئورۇندا ئىشلەتكەندە مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!
710

ئىنكاس يوللاش

تەخەللۇس:(چوقۇم تولدۇرىسىز)

ئېلخەت:(ئاشكارىلانمايدۇ، چوقۇم تولدۇرىسىز)

تور بېكەت ئادرېسى:

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif




  • ئالاقىلىشىڭ


950

无觅相关文章插件,快速提升流量