• ھازىرچە خالتىمىزدا جىق نەرسىلەر يوق بولىشى مۇمكىن، پات يېقىندا ياخشى مەزمۇنلار نى كۆرەلەيسىز.
  • ئاپتۇنۇم رايۇن ئېچى-سىرتىغا پوچتىدىن كىتاب يەتكۈزۈپ بىرىمىز، كونا كىتابلارنى ساتىمىز، سېتىۋالىمىز . 13779880195

ئەرمىيە ئېلى سايرامى

ئەرمىيە ئېلى سايرامى



شائىر نىم شېھىت ئارمىيە سايرامى 1906 – يىلى باي ناھىيىسىنى سايرامى يېزىسىغا قاراشلىق تىزەك قاغا كەنتىدە، ئېلى ئاخۇن ئىسىملىك مەرىپەتپەرۋەر كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىدۇ. ئۇ ئېلى ئاخوننىڭ ئوتتۇرانچى ئوغلى بولۇپ، ئۇنىڭدىن كىچىكى ئابدۇقادىر ئېلى ئىدى. شائىرنىڭ بۇ ئىنىسىمۇ كۆزگە كۆرۈنگەن مائارىپچى بولۇپ، 1945 – يىلى 9 – ئاينىڭ 18 – كۈنى ئوت يۈرەك ئىنقىلابچى شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن بىر قاتاردا گومىنداڭچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ.
ئەرمىيە ئېلى خەت ساۋاتىنى ئۆز يېزىسىدىكى دىنىي مەكتەپتە چىقىرىدۇ. 1922 – يىلىدىن 1930 – يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئۇ بىلىم ئىزلەپ باي ۋە كۇچا ناھىيىلىرىنىڭ مەدرىسەلىرىگە كىرىپ ئوقۇيدۇ. 1930 – يىلى ئۇنىڭ خەلق قوشاقلىرى رېتىمى ۋە شەكلى بىلەن يېزىلغان «بازار ۋە مازار» ناملىق تۇنجى شېئىرلار توپلىمى دوستلىرى ھەم خەلق ئىچىدە يازما ھالدا كەڭ تارقىلىدۇ. كېيىن شائىر بىلىم ئىزلەپ قەشقەرگە بېرىپ، خانلىق مەدرىسەگە ئوقۇشقا كىرىدۇ. ئۇ بۇ يەردە تىرىشىپ ئوقۇيدۇ ۋە پەلسەپىۋى پىكىرگە باي «مادارا ئەئزەم» (چوڭ ياراشتۇرۇش) ناملىق شېئىرلارنىڭ توپلىمىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ . بۇ توپلامدا شۇ چاغدىكى مىللىي زۇلۇم ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ بەزى تەرەپلىرى (ئاساسەن بايلىق بىلەن كەمبەغەللىكنىڭ پەرقى ھەم مەنبەلىرى) خېلى گەۋدىلىك ئېچىپ بېرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن شائىر «ئەنۋارۇلھۇدا» (ھەقىقەت نۇرلىرى) ناملىق ئىشقى قەسىدىنى جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۈرۈشىتۈىدۇ. توپلام 100 بەت ئەتراپىدا بولۇپ، كېيىنىكى كۈنلەردە شائىرنىڭ قولىدىكىلىرى گومىنداڭچىلار تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
1933 – يىلى قەشقەردە خەق قوزغىلاڭچىلىر سېپىدە بولغان شائىر ئۇرۇشتا يارىلىنىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالىدۇ. ئۇ دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن نىم شېھىت (يېرىم جان) دېگەن ئاتالغۇنى ئەدەبىي تەخەللۇس قىلىپ قوللىنىدۇ. بۇ چاغلاردا ئۇنىڭ تېنى ئاجىزلىشىپ كەتكەنلىكتىن قەشقەردىن بايغا قايتىپ كېلىپ، باي ناھىيىسىنىڭ قېرىيە دېگەن كەنتىدە، يېڭىدىن قۇرۇلغان باشلانغۇچ مەكتەپتە مۇئەللىمچىلىك قىلىدۇ.
1936 – يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى «ئاقسۇ ئۇچۇرى» ناملىق گېزىت چىقارغاندا نىم شېھىت شۇ گېزىتنىڭ مۇھەررىرلىك خىزمىتىگە يۆتكەپ كېلىنىدۇ. ئۇ 1945 – يىلىغىچە بولغان ئون يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە شۇ گېزىتنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىرىدىن بىرى بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1943 – يىلى 9 – ئايدا شائىر ئاقسۇ گېزىتخانىسىغا گومىنداڭچىلار تەرىپىدىن سۈرگەن ھېسابىدا يۆتكىلىپ بارغان ئوت يۈرەك ئىنقىلابىي شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن تونۇشىدۇ. ئۇلار بۇرۇن گېزىت يۈزىدىلا بىر – بىرى بىلەن تونۇشقان بولسا، ئەمدى خىزمەتداش، سەپداش بولۇپ ئاكا – ئۇكىلاردەك چىقىشىپ، قېرىنداشلاردەك ھەمكارلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ بىللە ئىشلەيدۇ.
شېئىرلىرىدا يېڭى – يېڭى پىكىر، ئىلغار مەزمۇنلارنى ئىپادىلەپ كەلگەن شائىر ئەرمىيە ئېلى سايرامى بۇ مەزگىللەردە رىۋايەت تەرىقىسىدە كەڭ تۈردە تارقىلىپ يۈرگەن «مىڭ ئۆي ۋە پەرھات – شېرىن» توغرىسىدىكى ماتېرىياللارنى توپلاپ ئۆگىنىپ تەتقىق قىلىپ، «مىڭ ئۆي ۋە پەرھات – شېرىن» داستانىنى يېزىپ ئاقسۇ گېزىتىدە ئېلان قىلىپ، كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرىدۇ. بۇ داستان ئۆزىگە ئۇيغۇر كلاسسىك شائىرلىرىنىڭ داستانچىلىق شەكىل ۋە ئۇسلۇبلىرىنى ئۈلگە قىلغان. جانلىق خەلق تىلى بىلەن يېزىلغان بولۇپ، شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ بۇ داستانغا يۇقىرى باھا بېرىپ، ئۇنى «نادىر ئەسەر» دەپ ئاتايدۇ.
شائىر نىم شېھىت بۇ داستاندىن كېيىن، خەلق ئارىسىدىكى رىۋايتلەرنى يىغىپ ئۆگىنىپ يۇغۇرۇپ، «لەيلى – مەجنۇن» نى ئوپېرا قىلىپ يېزىپ سەھنىلەشتۈرىدۇ. بۇ ئەسەر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ «غېرىب – سەنەم». «تاھىر – زۆھرە» ئوپېرالىرى بىلەن بىر قاتاردا ئاۋۋال ئاقسۇدا، كېيىن شۇ ۋىلايەت تەۋەسىدىكى بەزى ناھىيىلەرنىڭ سەھىنلىرىدە ئوينىلىدۇ. شۇنىڭغا ئۇلاپلا «مىڭ ئۆي ۋە پەرھات – شېرىن» داستانىنى سەھىنلەشتۈرۈشكە كىرىشىدۇ. بىراق، شائىر ئېغىر ئۆپكە ۋە مېڭە ئاغرىقىغا گىرىپتا بولۇپ قالىدۇ. دوستلىرى ئۇنى شۇ چاغدىكى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرۈتكەندە، باش دوختۇر داۋاملاشتىن باش تارتىپ، «بۇ ئادەمنىڭ كېسىلى ئېغىر، قىرىق كۈنگە يەتمەي ئۆلىدۇ، بۇنى دەرھال ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپپ بېرىڭلار !» دەپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئاقسۇ گېزىتخانسى داۋالىنىشتىكى چىقىمدىن قېچىپ، شائىر نىم شېھىتنى ئىشتىن بوشىتىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شائىر قولىدا بار مال – مۈلكىنى سېتىپ، ئۇنىڭ پۇلىغا ھارۋا كىرا قىلىپ، 1945 – يىلىنىڭ ماي كۈنلىرى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتى تىزەك قاغاغا قايتىپ كېلىدۇ.
1945 – يىلى 8 – ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ قوراللىق قىسىملىرى قېرىيە ئارقىلىق بايغا چۈشۈپ، 17 – ئاۋغۇست كۈنى باي ناھىيسىنى گومىنداڭچىلاردىن ئازاد قىلىدۇ. شائىر نىم شېھىت ئەرمىيە ئېلى ئۆز ئىختىيارى بىلەن بۇ قوشۇنغا قاتنىشىپ، قوماندانلىق شتابنىڭ تەشۋىقات ۋە مەدەنىي ئاقارتىش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1945 – يىلى 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى مىللىي ئارمىيىنىڭ ئاقسۇغا چۈشكەن قوراللىق قىسىملىرى بۇيرۇققا بىنائەن ئىلىغا قايتقاندا، شائىرمۇ قولىغا ئالغان مىلتىقى بىلەن قەلىمىنى كۆتۈرۈپ، ئۇلارغا قوشۇلۇپ غۇلجىغا چىقىپ كېتىدۇ. ئۇ غۇلجىدا مىللى قوشۇن باش قوماندانلىق شتابى تەشكىل قىلغان تارىخ يېزىش ئىشخانىسىدا ئىشلەيدۇ. ئىلى، چۆچەك ئەتراپىدا ئۇرۇش بولغان يەرلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، خەلق قەھرىمانلىرى ۋە باشقا ۋەقەشۇناس كىشىلەر بىلەن سۆزلىشىپ، شۇ يەرلەردە بولغان خەلق ئۇرۇشى ھەققىدە ناھايىتى نۇرغۇن خام ماتېرىياللارنى توپلايدۇ ۋە رەتلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا داۋاملىق شېئىر ۋە ماقالىلار يېزىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىدۇ.
1948 – يىلى ئىلىدا «شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى» قۇرۇلغاندا شائىر بۇ ئىتتىپاقنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، ئۇنىڭ نەشرى ئەپكارى بولغان «ئىتتىپاق» ژۇرنىلى تەھرىر ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ ئىشلەيدۇ ۋە پەرھات – شېرىن» داستانىنى قايتىدىن تولۇقلاپ يېزىپ چىقىپ، «ئىلى گېزىتى» دە ئېلان قىلىدۇ. كېيىن ئۇنى يازغۇچى زۇنۇن قادىرنىڭ تەشەببۇسى ۋە ئۆزىنىڭ خىراجىتى بىلەن ئايرىم كىتابچە قىلىپ، 3 مىڭ نۇسخا باستۇرۇپ تارقىتىدۇ. ئارقىدىنلا «لەيلى – مەجنۇن» ۋە «پەرھات – شېرىن» نى قايتىدىن ئوپېرالاشتۇرۇپ ئىشلەپ، ئىلى سەھنىسىدە ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرىدۇ. «يىلان مۈڭگۈزى»، «رەممال» قاتارلىق خەلق چۆچەكلىرىنى توپلاپ ئېلان قىلىدۇ.
شائىر 1952 – يىلى ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئۆلكىلىك ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ خەلق ۋەكىللەر كونفېرىنىسىيىگە ۋەكىل بولۇپ قاتنىشىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق تۈردە ئۆلكىلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىلى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولىدۇ. 1957 – يىلى مايدا ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىنىدۇ.
«4 كىشىلىك گۇرۇھ» زورلۇق – زومبۇلۇق قىلغان يىللاردىمۇ مەشھۇر شائىر قەلىمىنى تاشلىمايدۇ، بەلكى زور غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، «يۈسۈپ – زىلەيخا» داستانى «گۆر ئاغزىدىن يانغاندا» دېگەن شېئىرىي رومان ۋە كۆپلىگەن رۇبائىيلارنى يازىدۇ. لېكىن، «4 كىشىلىك گۇرۇھ» نىڭ دەھشەتلىك زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، 1972 – يىلى 8 – ئاينىڭ 22 – كۈنى ۋاپات بولىدۇ.
1972 – يىلى 3 – ئايدا شائىر ئاقلىنىپ نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.


يازما ئادىرىسى: ئەرمىيە ئېلى سايرامى
بارلىق ھوقۇق: خالتاغا مەنسۈپ. باشقا ئورۇندا ئىشلەتكەندە مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!
710

ئىنكاس يوللاش

تەخەللۇس:(چوقۇم تولدۇرىسىز)

ئېلخەت:(ئاشكارىلانمايدۇ، چوقۇم تولدۇرىسىز)

تور بېكەت ئادرېسى:

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif




  • ئالاقىلىشىڭ


950

无觅相关文章插件,快速提升流量