بۇ، سەيپىدىن ئەزىزى يازغان تارىخىي رومان بولۇپ، مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1987 – يىل 9 – ئايدا نەشر قىلىنغان. چوڭ ھەجىملىك بۇ روماندا ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى ئەڭ سەلتەنەتلىك خانلىقلارنىڭ بىرى بولغان قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ سۇلتانى سۇتۇق بۇغراخان ئاسالىق قەھرىمان قىلىنىپ، سۇتۇق بۇغراخان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كىشلەرنىڭ پائاليىيەت – سەرگۈزەشتىلىرى ئارقىلىق سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان دەۋرىدىكى ئىجتىمائىي ھايات، مەدەنىي مۇھىت، ئۆرپ – ئادەت، تارىخىي مۇناسىۋەت، دىنىي ئېتىقاد، ئىدىئولوگىيە ۋە باشقىلار تارىخىي ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، چىن، تەسىرلىك، جانلىق بايان قىلىنغان، بولۇپمۇ سۇتۇق بۇغراخان ئوبرازى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىلغان بولۇپ، كىشىگە چوڭقۇر تەسىر بېرىدۇ. بۇ ئەسەر شۇ دەۋر رېئاللىقىنىڭ بەدىئىي قامۇسى سۈپىتىدە تارىخىي رومان ئىجادىيىتىمىزدە خېلى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.