بۇ، مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ رومانى بولۇپ، شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1996 – يىل 7 – ئايدا نەشر قىلىنغان. بۇ رومان يازغۇچىنىڭ ئۆزگىچە بەدىئىي دىتىنىڭ ۋە يېڭىچە ئەدەبىيات نۇقتىسىدىن چىقىپ ئىزدىنىشىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، سيۇژىت، قۇرۇلما، پېرسۇناژ، بەدىئىي ئۇسۇل، ئەدەبىي ۋاستە، ئېستېتىك ئۈنۈم… قاتارلىق جەھەتلەردە باشقا رومانلىرىمىزغا ئوخشىمايدىغان روشەن ئۆزگىچىلىكلەرگە ۋە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. رومان سيوژىت جەھەتتە سۈپۈرگە ئاخۇن ھەققىدىكى ھېكايىلار، بارات ۋە ئۆمەر ھەققىدىكى ھېكايىلار ۋە چۆل ئوغلى ھەققىدىكى ھېكايىلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، بۇ ھېكايىلار كۆرۈنۈشتە نىسپىي مۇستەقىل، ئەمما ماھىيەتتە باغلىنىشلىق بولغاچقا، ئەسەرنى ئۆزگىچە قۇرۇلما شەكلىگە ئىگە قىلغان. ئەسەردىكى ھېكايە – ۋەقەلىكلەر، پېرسۇناژلارنىڭ سەرگۈزەشت – تەقدىرلىرى تاسادىپىيلىقلارغا، رىۋايەت – چۆچەك تۈسىگە ناھايىتى باي، بەزىدە رېئاللىق بىلەن خىيالىي مەنزىرىنى، ئوبيېكتىپ بىلەن سۇبيېكتىپنى، چىنلىق بىلەن سېھىرلىكنى ئايرىۋالقىلى بولمايدۇ. شۇڭا، ئەسەر سىرلىقلىققا، سېھىرلىككە ۋە مەپتۇنكارلىققا ئىگە قىلىنغان. ئەسەردە سىمۋوللاشتۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىپ، سىمۋوللار ئارقىلىق مەركىزىي ئىدىيە يورۇتۇپ بېرىلگەن.