-
2010-12-19
خىزمەتتىكى تۆتۈنچى تەتۈرلۈك - [تەبىئىتىمىزدىكى تەتۈرلۈكلەر]
بىز ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۆيىمىز، پارتىيىمىزنى، ھاكىميىتىمىزنى ھىمايە قىلىمىز. شۇڭلاشقا كوممۇنىستىك پارتىيىمىزنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئويۇشۇپ، ھاكىميىتىمىزنىڭ ئەمىر پەرمانلىرىغا شەرتسىز بويسۇنۇپ، ھاكىميەتنى مۇستەھكەملەش ۋە ئالەمشۇمۇل تەرەققىياتلارغا ئېرىشتۈرۇش يولىدا يۈرەك قېنىمىزنى سەرىپ قىلىمىز. تىنىمسىز ئىشلەيمىز. مانا بۇ جەمىيەتنى تەشكىل قىلغۇچى مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ چىقىش نۇقتىسىدۇر.
ئەمما بىرقىسىم كىشىلەر، بولۇپمۇ ھاكىميەت بېشىدىكى ئىنتايىن ئاز ساندىكى ھوقۇقدارلار پارتىيىمىزنىڭ، ھاكىميىتىمىزنىڭ ئۇلىنى كولىماقتا، ئۇلار پارتىيە ۋە خەلق بەرگەن ھوقۇقنى قالايمىقان ئىشلىتىپ، پارىخورلۇق، ئەمەل سېتىش، شەھۋەتپەرەسلىك، گۇروھۋازلىق، خەلقنى قاقتى- سوقتى قىلىش، پارتىيە ئىچىدە ئايرىمچىلىق قىلىش،....قاتارلىق چىرىك ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇللانماقتا، بۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ خىل جىنايەتلىرى بىلەن پارتىيىمىزنىڭ ۋە ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكمەكتە، خەلق قەلبىدىكى ئوبرازىنى خۈنۈكلەشتۇرمەكتە، ۋەتىنىمىزنىڭ پارلاق ئەتىسىگە قارا سايە تاشلىماقتا.......
نۇرغۇنلىغان كىشىلەر پاتىيە، ھۆكۈمەتكە ئاساسى خەۋىپ بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنى پائالىيەتتىن كېلىدۇ دەپ قارايدۇ، بۇمۇ توغرا، لېكىن مېنىڭچە بولغاندا ئاساسى خەۋىپ يەنىلام بىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئوتكەن مىتە قۇرۇتلاردىن كېلىۋاتىدۇ، پارتىيىمىزنىڭ، ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكۈشتىن، خەلق قەلبىدىكى ئوبرازىنى خۈنۈكلەشتۇرۈشتىن كېلىۋاتىدۇ.
بىزنىڭ بۇ يەردىكى دىمەكچى بولغان تەتۈرلىكىمىز شۇكى <<قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش جىنايىتى>>، << بولگۇنچىلىك قىلىش جىنايىتى>>، <<ۋەتەننى پارچىلاش جىنايىتى>> دىگەنگە ئوخشاش جىنايەتلەر بېكىتىلگەن. ئەمما پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە ئاساسى خەۋىپ بولىۋاتقان <<پارتىيىمىزنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكۈش جىنايىتى>>، <<ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكۈش جىنايىتى>>، <<ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىنى خۈنۈكلەشتۇرۈش جىنايىتى>>، <<پارتىيىمىزنىڭ ئوبرازىنى خۈنۈكلەشتۇرۈش جىنايىتى>> دىگەنگە ئوخشاش جىنايەتلەر تېخىچە بېكىتىلمىدى، قانۇن-نىزام ماددىلىرىغا تېخىچە كىرگۈزۈلمىدى.
收藏到:Del.icio.us