بۇ مەزمۇن 61قەۋەتتىكى sayram0998 نىڭ 2011-10-24 20:08 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار مەنمۇ فەترەت ئەھلى (ئۈزۈكچىلىك دەۋرىدىكىلەر) ھەققىدە جىق ئىزدەنگەن ئىدىم. مۇشۇ ھەقتە بىرنەچچە چوڭلاردىن سورىسام تۈزۈك قايىل قىلارلىق جاۋاپ بىرەلمىگەننى ئاز دەپ ئاچچىقلاپ خاپا بولغانلارمۇ چىقتى.ئۇلارچە بۇنداق ئۇششاق مەسىلىلەرنى ئىزدىنىپ سوراپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى ھەم ئەھمىيىتى يوقمىش؟(ئىمام ئەزەممۇ تايىنى يوق گەپلەرنى ئەقىدە مەسىلىسى دەپ كىتابىغا يېزىپ يۈرگەن ئوخشايدۇ!) ئۇلارچە بولغاندا كىتاپلارنى شاتۇتىدەك يادلاپ تەرجىمە قىلىپلا مۇلاھىزە قىلماي ،ئاق –قارىنى ئايرىمايلا ئۆتۈپ كەتسەك بولغىدەك.(ئەتراپىمىزدا بۇنداقلار ساماندەك )شۇڭا بىر كىمدىن سوراپ يۈرگىچە ماتىرىيال كۆرۈپ ئۆزەمنىڭ كاللىسىنى ئىشلىتىپ جاۋاپ تاپاي دىدىم.
بۈگۈن بۇ توغرىدا دوستلار بىلەن ئورتاقلىشىش نىسىپ بولغان ئوخشايدۇ. ئاۋال بۇ توغرىدا قەرداۋى ھەزرەتلىرىنىڭ پىكرىنى كۆرۈپ باقايلى.
دوكتور قەرداۋى ھەزرەتلىرى ئۆزىنڭ « پەيغەمبەر سۈننىتىگە قانداق مۇئامىلە قىلىمىز» دىگەن كىتابىدا مۇشۇ مەسىلە ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دىگەن..دادىسىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى سورىغان كىشىگە رەسۇلۇللا جاۋاپ بىرىپ «مىنىڭ دادام ۋە سىنىڭ داداڭ دەۋزەختە »دىگەن ئىكەن.
ئۆز ئۆزەمدىن سورىدىم. ئابدۇللا پەيغەمبەر ئۈزۈلۈپ قالغان دەۋردە ياشىغان تۇرسا، ئىشەنچىلىك قاراش بويىچە ئۇنداقلار ئازاپلانمايدىغان تۇرسا ئۇنىڭ دەۋزەختە قالغىدەك نىمە گۇناھى بار؟ ،
شۇنىڭ بىلەن كاللامغا بۇ ھەدىستىكى دادام دىگىنى بەلكىم رەسۇلۇللانى ئاسراپ ،قوغدىغان تاغىسى ئەبۇ تالىپ بولسا كىرەك دىگەن پىكىر كەلدى.چۈنكى تاغىسىنى دادام دەپ ئاتاش ئادەتتىمۇ بار ،قۇرئان كەرىمدىمۇ كەلگەن.مەسىلەن يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ بالىلىرى دادىسىغا مۇنداق دىگەن.« بىز سىنىڭ ئىلاھىڭغا،دادىلىرىڭ ئىبراھىم،ئىسمائىل ۋە ئىسھاقنىڭ ئىلاھى بولغان بىرلا ئىلاھقا ئىبادەت قىلىمىز،بىز ئۇنىڭغابويسۇنىمىز» سۈرە بەقەرە 133 –ئايەت.
.......
