باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 14188 قېتىم كۆرۈلدى
«123»Pages: 1/3     Go
تېما: ئەل - فىقھى  ئەل - ئەكبەر
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2363
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2363دانە
ئۆسۈش: 5290 %
مۇنبەر پۇلى: 29166 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-03-31
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-21 10:10

ئەل - فىقھى  ئەل - ئەكبەر

ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇللا ، جۈمە مۇبارەك قېرىنداشلار... 





ئەل - فىقھى  ئەل - ئەكبەر 

ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفە نوئمان ئىبنى سابىت


تەۋھىد ۋە ئىتقاد قىلىش توغرا بولغان نەرسىلەر

ئاللاھ تائالاغا، ئۇنىڭ پەرىشتىللىرگە، كىتاپلىرىغا، پەيغەمبەرلىرىگە، ئۆلگەندىن كىيىن قايتا تىرىلىشكە، ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولىدىغانلىقىغا ئىمان كەلتۈردۈم. ھىساپ، مىزان، جەننەت، دوۋزاخ ھەممىسى ھەقتۇر.

ـــ ئاللاھ بىردۇر، ئۇنىڭ بىرلىكى سان جەھەتتىن ئەمەس، بەلكى شىرىكى يوقلىقى، تۇغمىغانلىقى، تۇغۇلمىغانلىقى، تەڭدىشى يوقلىقى، مەخلۇقاتلىردىن بىرەر نەرسىگە ئوخشىماسلىقى، ئۇنىڭغا مەخلۇقاتلىرىدىن بىرەر نەرسىنىڭ ئوخشىماسلىقى جەھەتىندۇر.

ـــ ئاللاھ ئىسىملىرى، زاتى ۋە پېئىلىي سۈپەتلىرى(بىر ئىش قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك سۈپەتلىرى)
 بىلەن ھەمىشە بولغان ۋە بولىدۇ. تىرىكلىك، قادىرلىق، بىلىش، سۆزلىشىش، ئاڭلاش، كۆرۈش، خالاش ئاللاھنىڭ زاتىي سۈپەتلىرىدۇر. يارىتىش، رىزىق بىرىش، پەيدا قىلىش، ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش ئاللاھنىڭ پېئىلىي سۈپەتلىرىدۇر. ئاللاھ ئۆز ئىسمى ۋە سۈپەتلىرى بىلەن بولغان ۋە بولىدۇ. ئاللاھنىڭ بىرەر ئىسىم - سۈپىتى يېڭى پەيدا بولغان ئەمەس.

ـــ ئاللاھ ئۆز ئىلمى بىلەن دائىما ئالىم، ئىلىم ئاللاھنىڭ ئەزەلىي سۈپىتىدۇر. ئۇ ئۆز قۇدرىتى بىلەن دائىما قادىردۇر، قادىرلىق ئۇنىڭ ئەزەلىي سۈپىتىدۇر. ئۇ ئۆز فەلى(بىر ئىش قىلىش)
 بىلەن دائىما پائىلدۇر (قىلغۇچىدۇر)، فەل ئۇنىڭ ئەزەلىي سۈپىتىدۇر. پائىل(قىلغۇچى) ئاللاھ تائالادۇر، مەفۇل (قىلىنغۇچى)مەخلۇقدۇر، ئاللاھنىڭ فەلى مەخلۇق ئەمەس. ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى ئەزەلدە قەدىمىيدۇر، مەخلۇق ئەمەستۇر. كىم ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنى مەخلۇق ياكى يېڭىدىن پەيدا بولغان دىسە ياكى ئۇ بىتەرەپ بولسا ياكى ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىگە شۈبھىلەنسە، ئۇ ئاللاھنى ئىنكار قىلغان كافىردۇر.

ـــ قۇرئان مۇسھەپلەردە پۈتۈلگەن، قەلىپلەردە يادلانغان، تىللاردا ئوقۇلغان ۋە پەيغەمبىرمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە نازىل قىلىنغان. قۇرئاننى تەلەپپۇز قىلشىمىز، ئۇنى يېزىشىمىز ۋە ئوقۇشىمىز مەخلۇقتۇر. لىكىن قۇرئان مەخلۇق ئەمەس. ئاللاھ تائالا قۇرئاندا مۇسا ۋە ئۇنىڭدىن باشقا پەيغەمبەرلەر توغرىسىدا ھەمدە پىرئەۋىن ۋە ئىبلىس ھەققىدە ئېيىتقانلىرىنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ  ئۇلار ھەققىدە بىلدۈرگەن كالامىدۇر. مۇسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭدىن باشقا مەخلۇقلارنىڭ سۆزلىرى ھەم مەخلۇقتۇر. قۇرئان ئاللاھ تائالانىڭ كالامىدۇر، ئۇلارنىڭ كالامى ئەمەستۇر. ئاللاھ تائالا:«ئاللاھ مۇساغا گەپ قىلدى...»دەپ بايان قىلغانلىقىدىن، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ كالامىنى ئاڭلىدى. ئاللاھ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا گەپ قىلىشتىن بۇرۇن ھەم ئەزەلدىن سۆزلىگىچىدۇر. مەخلۇقاتلارنى يارىتىشتىن بۇرۇن ھەم ئەزەلدىن ياراتقۇچىدۇر.

ـــ ئاللاھ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا گەپ قىلىشنى ئىرادە قىلىشتا ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئەزەلىي سۆزلەش سۈپىتى بىلەن سۆزلىدى. ئاللاھنىڭ ھەممە سۈپەتلىرى مەخلۇقلارنىڭ سۈپىتىگە ئوخشىمايدۇ. ئاللاھ تائالا بىلىدۇ، بىلىشى بىزنىڭ بىلىشىمىزگە ئوخشىمايدۇ. ئاللاھ تائالا قادىردۇر، قۇدرىتى بىزنىڭ قۇدىرتىمىزگە ئوخشىمايدۇ. ئاللاھ تائالا ئاڭلايدۇ، ئاڭلىشى بىزنىڭ ئاڭلىشىمىزغا ئوخشىمايدۇ. ئاللاھ تائالا سۆزلەيدۇ، سۆزلىشى بىزنىڭ سۆزلىشىمىزگە ئوخشىمايدۇ. بىز ۋاستىلەر (ئەزالار) ۋە تاۋۇشلار ياردىمىدە سۆزلەيمىز، ئاللاھ تائالا بىۋاستە ۋە تاۋۇشسىز سۆزلەيدۇ. تاۋۇشلار مەخلۇقتۇر. ئاللاھنىڭ كالامى مەخلۇق ئەمەس. ئاللاھ مەۋجۇتتۇر، مەۋجۇتلىقى مەخلۇقلارنىڭ مەۋجۇتلىقى كەبى جىسىم، جەۋھەر، ئالامەتلەر بىلەن ئەمەستۇر.
ئاللاھنىڭ قارىمۇ-قارشىسى، تەڭدىشى ۋە ئوخشىشى يوقتۇر. ئاللاھ قۇرئاندا زىكىر قىلغىنىدەك، ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرسىز قولى، يۈزى ۋە نەفسى بار. ئاللاھنىڭ يەدى قۇدرىتىدۇر ياكى نىئمىتىدۇر دىيىشكە بولمايدۇ. چۈنكى بۇنداق دىيىش سۈپەتنى يوق قىلىشتۇر، قەدىرىيلەر ۋە مۇئتەزىللەرنىڭ سۆزىدۇر. يەدى ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرسىز سۈپىتىدۇر. ئاللاھنىڭ غەزىپى ۋە رىزاسى ئاللاھنىڭ، تەسسەۋۋۇرى يوق ئىككى سۈپىتىدۇر.
 
ـــ ئاللاھ تائالا نەرسىلەرنى يوقتىن ياراتتى، ئاللاھ ئۇ نەرسىلەرنى يارىتىشتىن ئىلگىرى بىلگۈچىدۇر. نەرسىلەرنىڭ ھالىتىنى تەيىن قىلىپ ھۆكۈم قىلغۇچى ئاللاھتۇر. بۇدۇنيادا ھەم ئۇدۇنيادا ھەم ھىچ نەرسە ئاللاھنىڭ خاھىشىدىن، ئىلىمىدىن، قازا ۋە قەدىرىدىن، لەۋھۇلمەھپۇزغا پۈتكىنىدىن تاشقىرى بولمايدۇ. قازا، قەدەر، خاھىش ئاللاھنىڭ ئەزەلىي، تەسەۋۋۇرى يوق سۈپەتلىرىدۇر.

ـــ ئاللاھ تائالا يوقنىڭ يوقلۇق ھالىتىدە قانداقلىقىنى ۋە ئۇنى ياراتسا قانداق بولىشىنى بىلىدۇ. ئاللاھ مەۋجۇتنىڭ ۋۇجۇتلۇق ھالىتىدە قانداقلىقىنى ۋە ئۇنىڭ يوقلىقى قانداق بولىشىنى بىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بىلىشى ئۆزگەرمەي ياكى بىلىشى يىڭى بولماي تۇرغاننى تۇرغان ھالىتىدە قانداقلىقىنى، ئەگەر ئۇ ئولتۇرسا، ئولتۇرغان ھالىتىدە قانداق بولىشىنى  بىلىدۇ. ئۆزگىرىش ۋە ھالەتتىكى ھەرخىللىق مەخلۇقلاردا يۈز بىرىدۇ.
 
ـــ ئاللاھ مەخلۇقلارنى كۇفىردىن ۋە ئىماندىن خالى ياراتتى. شۇڭا ئۇلارغا رەسۇللار ئارقىلىق خىتاپ قىلدى، ئىمان ۋە تائەتكە بۇيرىدى، كۇفۇر ۋە گۇناھتىن قايتۇردى.
شۇڭا كۇفۇر بولغان  ئۆز پېئىلى (ئۆز ئىش-ھەرىكىتى)، ئىنكارى بىلەن ۋە ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا مەدىتى بولمىغانلىقىدىن كافىر بولىدۇ. مۆئمىن بولغان ئۆز  پېئىلى (ئۆز ئىش-ھەرىكىتى)، ئىقرارى ، تەسدىقى ۋە ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا تەۋپىقى ۋە مەدىتى بىلەن مۆئمىن بولىدۇ.
ئاللاھ ئادەم ئەۋلادىنى ئۇنىڭ پۇشتىدىن زەررىلەردەك قىلىپ چىقاردى، ئەقىللىق قىلدى، ئۇلارنى ئىمانغا بۇيرىدى، كۇفۇردىن توستى. ئۇلار ئاللاھنىڭ رۇبۇبىيتىگە ئىقرار بولدى. بۇ ئۇلارنىڭ ئىمانىدۇر. ئۇلار مانا شۇ سۈپەتتە تۇغىلىدۇ.

ـــ كافىر بولغان كىشى ئىمانىنى كۇفۇرغا ئالماشتۇرىدۇ ۋە ئۆزگەرتىدۇ. مۆئمىن ئىمانىدا سابىت قالىدۇ ۋە ئۇنىڭدا داۋام ئىتىدۇ. ئاللاھ ھېچبىر مەخلۇقنى كۇفۇرغا ۋە ئىمانغا مەجبۇر قىلمايدۇ ۋە ئۇلارنى كۇفۇر قىلىپ ۋە مۆئمىن قىلىپ ياراتمىدى، ئۇلارنى كۇفۇر ۋە ئىمانغا قابىليەتلىك شەخىسلەر قىلىپ ياراتتى. ئىمان ۋە كۇفۇر بەندىلەرنىڭ فەللەرىدۇ. ئاللاھ تائالا كافىر بولغان ئىنساننى كۇفۇر ھالىتىدە قانداقلىقىنى، ئۇ ئىمان كەلتۈرسە، ئىمانلىق ھالەتتە قانداق مۆئمىنلىكىنى بىلىدۇ ۋە ياخشى كۆرىدۇ.

ـــ بەندىلەرنىڭ بارلىق ھەركەت ۋە تۇرۇش پېئىللىرى (ئىش-ھەرىكىتى) ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ كەسپىدۇر. ئۇلارنڭ ياراتقۇچىسى ئاللاھدۇر. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ خاھىشى، ئىلىمى ۋە قازايۇ قەدىرى بىلەن سادىر بولىدۇ. تائەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئەمىرى، مۇھەببىتى، رازىلىقى، ئىلىمى ۋە قازا - قەدىرى بىلەن يۈز بىرىدۇ. گۇناھلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلىمى، قازا - قەدىرى ۋە خاھىشى بىلەن سادىر بولىدۇ، ئەمما ئاللاھنىڭ ئەمىرى، رازىلىقى ۋە مۇھەببىتى بىلەن بولمايدۇ.

ھەممە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسەللەملەر چوڭ ۋە كىچىك گۇناھلاردىن ۋە كۇفۇردىن ئاسرالغاندۇر. گاھى ئۇلارنىڭ بەزىللىردىن ئېزىپ كىتىش سادىر بولغان.
پەيغەمبىرمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئاللاھنىڭ ھەبىبى، خاس بەندىسى، رەسۇلى، پەيغەمبىرى، تاللىغىنىدۇر. بۇتقا سېغىنمىغان، ئاللاھ تائالاغا ئەسلا شىرىك كەلتۈرمىگەن، چوڭ - كىچىك گۇناھلارنى ھىچ قىلمىغان.

ـــ پەيغەمبەرلەر ئەلەيھىسسالاملاردىن كىيىن، ئادەملەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ئەبۇ بەكرى سىددىق، ئاندىن ئۆمەر ئىبنى ئەل - خەتتاپ ئەل - فەرۇق، ئاندىن ئوسمان ئىبنى ئەففان زىننۇرەيىن، ئاندىن ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپتۇر. ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ئاللاھ رازى بولسۇن. ئۇلار ھەق بىلەن بولۇپ، ھەق بىلەن ئۆتكەنلەر. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى دوست تۇتىمىز. پەيغەمبىرمىز ساھابىللىرىدىن ھەر بىرلىرىنى پەقەت ياخشىلىق بىلەن يادىمىزغا ئالىمىز. بىرەر مۇسۇلماننى قىلغان گۇناھى ئۈچۈن، گەرچە ئۇ كاتتا گۇناھ قىلغان بولسىمۇ، گۇناھىنى ھالال ھىساپلىمىسا، ئۇنى كافىرغا چىقارمايمىز، ئۇنىڭدىن ئىمان نامىنى ئېلىپ تاشلىمايمىز ۋە ئۇنى ھەقىقەتتە مۆئمىن دەپ ئاتايمىز. كىشى كافىر بولماي پاسىق مۆئمىن بولىشى مۇمكىن.

ـــ مەيسىگە مەسىھ تارتىش سۈننەت بىلەن سابىتتۇر. رامىزان ئېيىدا تاراۋىھ نامىزىنى ئوقۇش سۈننەتتۇر. سالىھ ۋە سالىھ بولمىغان مۆئىنلەرنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇش جايىزدۇر. بىز مۆئمىنگە گۇناھلار زەرەر قىلمايدۇ ۋە ئۇ دوۋزاخقا كىرمەيدۇ، دۇنيادىن مۆئمىن ھالدا كەتسە، ئەگەر ئۇ پاسىق بولسىمۇ، ئەبەدىي دوۋزاقتا قالىدۇ دىمەيمىز. بىز مۇرجىئەلەر كەبى،«ياخشى ئىشلىرىمىز مەقبۇل ۋە يامان ئىشلىرىمىز مەغفۇر» دىمەيمىز.
 
ـــ ئاللاھ تائالا دۇنيادىن ئىمان بىلەن ئۆتكەننىڭ ياخشىلىقلىرىنى، شەرىتلىرىگە بىنائەن ۋە بۇزغۇچى ئەيىپلەردىن خالى قىلىپ، كۇفۇر ۋە دىندىن چىقىش بىلەن يوققا چىقارمىغان بولسا، زايا قىلمايدۇ. بەلكى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئەجىر بىرىدۇ. شىرىك ۋە كۇفۇردىن باشقا گۇناھ قىلىپ،  تەۋبە قىلماي، ئىمان بىلەن ئۆتكەن كىشى ئاللاھنىڭ خاھىشىدا. ئاللاھ خالىسا ئۇنى دوۋزاخ بىلەن ئازاپلايدۇ، خالىسا ئۇنى ئەپۇ قىلىدۇ ۋە دوۋزاخ بىلەن ئەبەدىي ئازاپلىمايدۇ، دەيمىز. بىرەر ئىشتا رىيا بولسا، ئەجىرنى يوق قىلىدۇ. مەغرۇرلىنىشمۇ شۇنداق. 

ـــ پەيغەمبەرلەر مۆجىزىللىرى، ئەۋلىيالارنىڭ كارامەتلىرى ھەقتۇر. ئەمما ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى ــ ئىبلىس، فىرئەۋىن، دەججال قاتارلىقلاردا بولغان ۋە بولىدىغان مۆجىزە ۋە ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلارنى كارامەت دەپ ئېيىتمايمىز. بۇلارنى بىز ئۇلارنىڭ ھاجەتلىرىنى چىقىرىش دەپ ئاتايمىز. چۈنكى ئاللاھ دۈشمەنلىرىنى دۇنيادا مەغرۇرلىنىش، ئاخىرەتتە ئازاپتا قېلىشى ئۈچۈن ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىدۇ. ئۇلار بۇنىڭ بىلەن مەغرۇرلىنىپ، كۇفۇردا ھەددىدىن ئېشىپ كىتىدۇ، بۇ مۇمكىندۇر.
 
ـــ ئاللاھ تائالا مەخلۇقلىرىنى يارىتىشتىن بۇرۇنمۇ ياراتقۇچى ۋە ئۇلارغا رىزىق بىرىشتىن بۇرۇنمۇ رىزىق بەرگۈچى زاتتۇر. ئاللاھ تائالا ئاخىرەتتە كۆرىنىدۇ. ئاللاھنى مۆئمىنلەر جەننەتتە كۆزلىرى بىلەن ئوخشاشسىز، تەسەۋۋۇرسىز، ئوتتۇردا مۇساپىسىز كۆرىدۇ.

ـــ ئىمان ئىقرار ۋە تەستىقدۇر. يەرـ زىمىن ئەھلىنىڭ ئىمانى ئازايمايدۇ،كۆپەيمەيدۇ. مۆئمىنلەر ئىماندا ۋە تەۋھىدتە تەڭدۇر، ئەمەللىرىدە بولسا ئۇلار بىر - بىرىدىن ئارتۇقدۇر.

ئىسلام تەسلىم بولۇش ۋە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بوي سۇنماقتۇر. «ئىسلام» ۋە «ئىمان» سۆزلىرىدە پەرىق مەۋجۇت بولسىمۇ، ئىمانسىز ئىسلام بولمىغىنىدەك، ئىسلامسىز ئىمان ھەم بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى بەل بىلەن قورساقدەك. دىن ئىمان، ئىسلام ۋە ئەھكاملارنىڭ ھەممىسىنىڭ نامىدۇر.

ـــ بىز ئاللاھ تائالانى، كىتابىدا زاتىنى ۋەسىف قىلغىنىدەك، ھەممە سۈپەتلىرى بىلەن ھەقىقىي تونۇيمىز. ھېچكىم ئاللاھقا ئۇ لايىق بولغان ھەقىقىي قۇللۇقنى ئادا قىلالمايدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئەمرى بىلەن، ئۇنىڭغا سۆيۈلىشتە، ئۇنى سۆيۈشتە، ئۇنىڭدىن رازى بولۇشتا، ئۇنىڭدىن قورقۇشتا، ئۇنىڭدىن ئۈمۈدۋار بولۇشتا ۋە ئىماندا بىر - بىرلىرى بىلەن تەڭدۇر. ئەمما ئۇلار بىر - بىرىدىن ئەمەلدە پەرىق قىلىدۇ.

ـــ ئاللاھ بەندىللىرىگە فەزلى - ئىكرام قلغۇچى ۋە ئادالەتلىك زاتتۇر. ئۇ فەزىل قىلىپ، بەندىگە ئۇ لايىق بولغىنىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ساۋاپ بىرىدۇ. ئۇ ئادىل بولۇپ، بەندىگە گۇناھى ئۈچۈن ئازاپ بىرىدۇ ۋە فەزىل ئەيلەپ، بەندىسىنىڭ گۇناھىنى ئەپۇ قىلىدۇ.

ـــ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاملارنىڭ شەرىئەتلىرى ھەقتۇر، پەيغەمبىرمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ گۇناھكار ۋە ئازاپ ئوقۇبەتكە لايىق بولغان، گۇناھى كەبىرە قىلغان مۆئمىن بەندىلەرنى شاپائەت قىلىشلىرى ھەقتۇر.

ـــ قىيامەت كۈنى تارازىدا ئەمەللەرنىڭ تارتىلىشى ھەقتۇر. پەيغەمبىرمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ جەننەتتە ئورۇنلىرى بارلىقى ھەقتۇر. قىيامەت كۈنى خۇسۇمەتچىلەر ئوتتۇرسىدا بىر - بىرلىرىدىن ياخشى ئەمەللەرنى ئېلىپ، قىساس ئېلىشلىرى ھەقتۇر. ئەگەر ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرى بولمىسا، مەزلۇملارنىڭ يامان ئەمەللىرى زالىملارغا ئارتىلىشى ھەق ۋە جائىزدۇر.

ـــ جەننەت بىلەن دوۋزاخ بۇرۇن يارتىپ قويۇلغان، ئەبەدىي يوقالمايدۇ. ھۆرلەرمۇ ئەبەدىي ئۆلمەيدۇ. ئاللاھنىڭ جازاسى ۋە ئەجرى يوق بولمايدۇ، ئۇلار ئەبەدىيدۇر. ئاللاھ خالىغان بەندىسىنى پەزلى-مەرھەمەت قىلىپ قىلىپ ھىدايەت قىلىدۇ. خالىغان بەندىسىنى ئادالەت قىلىپ
 قىلىپ، خار  قىلىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ئىزلالى خىزلانىدۇر. خىزلاننىڭ تەپسىرىسى: ــ ئۆزى رازى بولىدىغان ئەمەللەرگە بەندىنى مايىل قىلماسلىقىدۇر. بۇ ئاللاھنىڭ ئادالىتىدۇر. شۇنىڭدەك، مايىل قىلمىغاننى گۇناھ ئۈچۈن جازالاش ئادالەتتۇر. بىز شەيتان مۆئمىن بەندىنىڭ ئىمانىنى زورلاپ، غەزەپ قىلىپ تارتىپ ئالدى، دىمەيمىز. بەلكى بىز، بەندە ئالدىن ئىمانىنى تەرك قىلىدۇ، ئەنە شۇ ۋاقىتتا شەيتان ئۇنىڭدىن ئىمانىنى تارتىپ ئالىدۇ، دەيمىز.

ـــ قەبرىدە مۇنكەر ۋە نەكىر ناملىق پەرىشتىلەر سۇئاللىرىنىڭ بولىشى ھەقتۇر. قەبرىدە بەندىگە ئۇنىڭ روھى قايتۇرلىشى ھەقتۇر. قەبىرنىڭ قىسىشى ھەقتۇر. قەبرىدە ھەممە كافىرلارغا ۋە بەزى ئاسىي مۇسۇلمانلارغا ئازاپ بار ۋە بۇ ھەقتۇر.

ـــ ئاللاھ تائالانىڭ قول سۈپەتلىرىدىن باشقا مۇتەشابىھ ھەممە سۈپەتلىرىنى ئەرەپچىدىن باشقا تىلدا ئۆلىمالارنىڭ دىگەنلىرىدەك ئېيتىش جائىزدۇر. قول سۈپىتىنى باشقا تىلغا تەرجىمە قىلىپ ئېيتىش مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭدىن باشقا مۇتەشابىھ سۈپەتلىرىنى «ئوخشىشى يوق» ۋە «تەسەۋۋۇرسىز» سۆزلىرى بىلەن قوشۇپ، مەسىلەن:«ئوخشىشى يوق ۋە تەسەۋۋۇرسىز پەرۋەردىگارنىڭ يۈزى ئۈچۈن»، دەپ ئېيىتماق جائىزدۇر.

ـــ ئاللاھنڭ يېقىنلىقى ۋە يىراقلىقى مۇساپىنىڭ قىسقىلىقى ۋە ئۇزاقلى جەھەتتىمۇ،فەزىلەت جەھەتتىمۇ ئەمەس. بەلكى ئىتائەتكار ئاللاھقا تەسەۋۋۇرسىز يېقىن ۋە گۇناھكار ئاسىي ئۇنىڭغا تەسەۋۋۇرسىز يىراق دىگەن مەنىدىدۇر. يېقىنلىق، يىراقلىق، يۈزلىنىش يولۇچىغا نىسبەتەن قوللىنىلىدۇ. شۇنىڭدەك، بەندىنىڭ جەننەتتە ئاللاھقا يېقىنلىقى ۋە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرىشى تەسەۋۇرسىزدۇر.

ـــ قۇرئان پەيغەمبىرمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە نازىل قىلىنغان.ئۇ مۇسھەپلەردە پۈتۈلگەندۇر. قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ كالامى بولغانلىقىدىن پەزىلەتتە ۋە ئۇلۇغلۇقتا تەڭدۇر. ئەمما بەزى ئايەتلىرىدە ھەم زىكىر پەزىلىتى، ھەم زىكىر قىلىنغاننىڭ پەزىلىتى بار. بۇنىڭغا مىسال ئايەتۇل كۇرسىدۇر. ئۇنىڭدا ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقى، بۈيۈكلىكى ۋە سۈپەتلىرى زىكىر قىلىنغاندۇر. دىمەك، مەزكۇر ئايەتتە ئىككى پەزىلەت جەم بولغان، يەنى زىكىر پەزىلىتى ۋە زىكىر قىلىنغاننىڭ پەزىلىتى. ئەمما بەزى ئايەتلەردە پەقەت زىكىر پەزىلىتى بار. كافىرلارنىڭ قىسسىللىرى بايان قىلىنغان ئايەتلەر بۇنىڭغا مىسالدۇر. ئۇنىڭدا زىكىر قىلىنغاننىڭ ــ كافىرلارنىڭ پەزىلىتى يوقتۇر. شۇنىڭدەك، ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرى ئۇلۇغلۇق ۋە پەزىلەتتە تەڭدۇر.

ـــ پەيغەمبىرمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئاتا - ئانىللىرى كۇفۇردا ۋاپات بولغان ئەمەس. ئۇ زاتنىڭ تاغىسى ئەبۇ تالىپ كۇفۇردا بۇ دۇنيادىن ئۆتكەن. قاسىم، تاھىر، ئىبراھىم (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) پەيغەمبىرمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئوغۇللىرىدۇر. فاتىمە، رۇقىيە، ئۇممۇ گۈلسۈم ۋە زەينەپلەر پەيغەمبىرمىزنىڭ قىزلىرىدۇر.

ـــ ئەگەر مۆئمىن كىشىگە تەۋھىد ئىلىمىنىڭ نازۇك مەسىلىللىرىدىن بىرەرسى چۈشىنىكسىز بولسا، شۇ زامات بىر ئالىمنى تېپىپ ئۇنىڭدىن سوراپ بىلىشى زۆرۆردۇر. چۈشىنىپ بولغۇچە، ئاللاھنىڭ ئالدىدا قانداق توغرا بولسا، شۇنداق ئىتقاد قىلدىم، دەپ تۇرشى لازىم. ئۇ كىشىنىڭ مۇشۇنداق دەپ قويۇپلا ئالىملاردىن سوراشنى كىچىكتۈرشى مۇمكىن ئەمەس.  ئۇنى بىلمەي تۇرشى ئۆزۈر بولمايدۇ. ئەگەر تەۋھىد ئىلىمىنڭ چۈشەنمىگەن مەسىللىرىنى ئۆگۈنىشكە ھەركەت قىلمىسا كافىر بولىدۇ.
ـــ مىئراج توغرىسدىكى خەۋەر ھەقتۇر. كىم ئۇنى رەت قىلسا ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەدىن ئاجرالغان ۋە ئاداشقان بولىدۇ.

ـــ دەججالنىڭ ۋە يەجۈج - مەجۈجنىڭ چىقىشى، قۇياشنىڭ غەرىبدىن چىقىشى، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاسماندىن چۈشىشى ۋە قىيامەتنىڭ سەھىھ ھەدىسلەردە دىيىلگەن باشقا ئالامەتلىرى ھەقتۇر، يۈز بىرىدىغاندۇر.

ئاللاھ خالىغان بەندىسىنى توغرا يولغا باشلايدۇ. ھەممە ھەمدۇ سانا ۋە ماختاش  ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقىدۇر. پەيغەمبىرمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا، بارچە ساھابىللىرىگە دۇرۇت سالاملار بولسۇن.


بۇ رىسالە ئۆزبەكچە نۇسخىسىدىن سۆزمۇ_سۆز ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى.
ئۆزبەكچە نۇسخىسىنى ئابدۇقاھار شاشىي ئەرەپچىدىن(قايسى نۇسخىسى ئىنىق ئەمەس) ئۆزبەكچىگە تەرجىمە قىلغان ئىكەن.


[ بۇ يازمىنىتاھىربەگ 2011-10-26 16:55قايتا تەھرىرلىد ]
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+2(arzuyum) مەنپەئەتلىك& ..
  • ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
    دەلىل بىلەن سۆزلەيلى
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3358
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 148
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە148دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 998 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-10-30
    ئاخىرقى: 2012-02-22
    يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-10-21 16:55

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم: ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن!
    قىزىل رەڭلىك سۆزلەرنىڭ ئىزاھاتى:
    فەلى سۈپەتلىرى=پېئىلىي سۈپەتلىرى. (بىر ئىش قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك سۈپەتلىرى)
    فەل=پېئىل. (بىر ئىش قىلىش)
    فائىددۇر=پائىلدۇر. (قىلغۇچىدۇر)
    مەفۇل=مەپئۇل. (قىلىنغۇچى)
    زىددى=قارىمۇ-قارشىسى.
    يەدى=قولى.
    ئۆز فەلى=ئۆز پېئىلى (ئۆز ئىش-ھەرىكىتى)
    فەللەرى= پېئىللىرى (ئىش-ھەرىكىتى)
    ئىقابى=جازاسى
    فەزل قىلىپ=پەزلى-مەرھەمەت قىلىپ
    ئەدل قىلىپ=ئادالەت قىلىپ
    ئىزلال قىلىدۇ=خار قىلىدۇ.
    ئەدلىدۇر=ئادالىتىدۇر.
    يەد=قول
    ۋەللاھۇ ئەئلەم
    دەلىل بىلەن سۆزلەيلى
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3358
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 148
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە148دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 998 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-10-30
    ئاخىرقى: 2012-02-22
    2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-21 23:07

    12-قەۋەت (ئىزباسار) نىڭ يازمىسىغا

    ئىزباسارنىڭ سۆزىگە ئىنكاس:
    (("پەيغەمبىرمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئاتا - ئانىللىرى كۇفۇردا ۋاپات بولغان ئەمەس. ئۇ زاتنىڭ تاغىسى ئەبۇ تالىپ كۇفۇردا بۇ دۇنيادىن ئۆتكەن"
    بەلكىم بۇ ئابزاز غەلەت يېزىلىپ قالغان بۇلىشى مۇمكىن.
    ئېنىقكى رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بوۋىسى ئابدۇلمۇتەللىپ،دادىسى ئابدۇللاھ،ئانىسى،ئامىنە،دادىسىنىڭ قېرىندىشى رەسۇلىمىزنىڭ تەربىيەتچىسى ۋە ھىماتچىسى ئەبۇ تالىپ ھەممىسى مۇشرىك ھالىتىدە ۋاپات تاپقان.))


    ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بارىكاتۇھۇ!
    ئىزباسار بۇرادەر! سىز سەل ئالدىراپ ئىنكاس يېزىپ قويغاندەك قىلىسىز. ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىدەك بىر ئالىمنى خاتالاشتۇرۇش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس.
    1-رەسۇلىمىز سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاتا-ئانىسىنى مۇشرىك ھالەتتە ۋاپات بولغان، دەپ كېسىۋېتىشىڭىز قۇرئاننىڭ ئېنىق ئايەتلىرىگە خىلاپ كېلىدۇ. چۈنكى ئەبۇ تالىب تاغىسى رەسۇلۇللاھقا پەيغەمبەرلىك كەلگەندىن كېيىن ئىيمان ئېيتماي ۋاپات بولغان. ئەمما ئاتا-ئانىسى بولسا پەيغەمبەرلىك كېلىشتىن بۇرۇنلا ۋاپات بولۇپ بولغان. بۇ ئىككەيلەن ھېچ بولمىغاندا ئەھلى پەترە ھېسابلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەۋەتمىگىچە جازالىمايمىز، دەپ ئايەت بار.
    2- ئاتا-ئانىسىنىڭ مۇشرىك ۋاپات بولغانلىقىدا ئىسلام ئالىملىرى ھەممىسى ئىتتىپاق دەپپسىز. بۇنىڭدا خاتا كېتىپسىز. ئىسلام ئالىملىرى بۇنىڭدا ئىتتىپاق ئەمەس. ياكى ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە رەھمەۇتللاھى ئەلەيھىنى ئىسلام ئالىملىرى قاتارىدىن چىقىرىۋەتتىڭىزمۇ؟ يەنە ئەبۇ ھەنىيفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىدىن باشقا ئالىملارنىڭ مۇشرىك ۋاپات بولمىغان دېگەنلىرى يوقمۇ؟ يا بولسىمۇ خەۋىرىڭىز يوقمۇ؟
    [ بۇ يازمىنىyaxam 2011-10-21 23:24قايتا تەھرىرلىدى ]
    ۋەللاھۇ ئەئلەم
    دەلىل بىلەن سۆزلەيلى
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3358
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 148
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە148دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 998 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-10-30
    ئاخىرقى: 2012-02-22
    3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-22 01:51

    18-قەۋەت (ئىزباسار) نىڭ يازمىسىغا

    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھ:
    نامى چىققان ئىماملارنى خاتالاشمايدۇ، دەپ تۇرىۋېلىش خاتا ئىش بولسا، بىر تۇۋەيلىب  قوپۇپ كاتتا ئىماملار خاتالاشمىغان بىر مەسىلىدە ئۇلارنى خاتالاشتى دەۋېلىش بەكراق خەتەرلىك ئىش.
    ئىلگىرى سىز ھەممەيلەن بىلئىتتىپاق دەپ تۇرىۋالغان ئىدىڭىز. بۇ قارىشىڭىزنىڭ خاتالىقىنى تونىدىڭىزمۇ ياكى ھازىرمۇ بۇنىڭدا ئىختىلاپ يوق دەپ چىڭ تۇرامسىز؟
    مىسالغا ئالغان ئىشتىمۇ يەنە بىر خاتالىشىپسىز. چۈنكى ئىمام ئاتنى جىھاد قورالى بولغاچقا، بۇنى ئاسراپ قېلىشىمىز لازىم دەپ، ئات گۆشىنى مەكروھ دېگەن. ھارام دېمىگەن. بۇنى خاتا دەۋەتكىلى بولمايدۇ. خاتالاشتىمۇ دەيلى، ئات گۆشىدە خاتالاشسا، باشقا مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىدە خاتالىشامدۇ؟
    ئەمدى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسىلىسىدە تېخىمۇ چوڭراق خاتاغا دەسسەپسىز. چۈنكى ئىسا ئەۈلەيھىسسالام بەنى ئىسرائىلغا ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر ئىدى. ئەرەبلەرگە ئەمەس. ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام ئەرەبلەرگە ئەۋەتىلگەن. لېكىن ئارىلىق ئۇزىراپ كەتكەچكە ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام بىلەن پەيغەمبىرىمىز ئارىلىقى ئەھلى پەترە دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ ھۆكمى ئايرىم.
    ئابدۇل مۇتتەلىپ بۇتلارغا قۇربانلىق قىلغان بولسا، رەسۇلۇللاھنىڭ ئاتىسى ئابدۇللاھ بىلەن ئانىسى ئامىنەمۇ بۇتقا قۇربانلىق قىلغانما؟ ئىسپات كەلتۈرۈڭ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز ئاتا-ئانىسى توغرىسىدا مۇنازىرە قىلىۋاتىمىزغۇ دەيمەن. ئابدۇل مۇتتەلىپ بوۋىسى.
    كاپىرنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىشقا بولامدۇ؟
    ۋەللاھۇ ئەئلەم
    دەلىل بىلەن سۆزلەيلى
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3358
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 148
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە148دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 998 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-10-30
    ئاخىرقى: 2012-02-22
    4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-22 12:36

    25-قەۋەت (ئىزباسار) نىڭ يازمىسىغا

    [كاپىرنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىش مەسىلىسىگە كەلسەك ئۇ يولغا قۇيۇلغان ئىش. چۇنكى قەبرە زىيارەت قىلغان ئادەم پەقەت ئىمانىنى كۈچلەندۇرۇش ئۈچۈن،ئاخىرەتنى ئەسلەش ئۈچۈنلا زىيارەت قىلىدۇ.]

    ئىماننى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن مۇسۇلماننىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىش يېتەرلىك بولماي كاپىرنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىش لازىم ئوخشىمامدۇ؟ مەن: كاپىرنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىشقا، جىنازىسىغا قاتنىشىشقا، قەبرىسى بېشىدا تۇرۇشقا بولمايدۇ، دەپ قارايمەن. دەلىلىم: ئاللاھ تائالا: (سەن ئۇلاردىن ئۆلگەن ھېچبىر ئادەمنىڭ نامىزىنى چۈشۈرمىگىن، ئۇنىڭ قەبرىسى ئۈستىدىمۇ تۇرمىغىن، چۇنكى ئۇلار ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلدى. ئۇلار پاسىق ھالىتى بىلەن ئۆلدى.) دېگەن. (تەۋبە سۈرىسى 84-ئايەت.)
    ۋەللاھۇ ئەئلەم
    دەلىل بىلەن سۆزلەيلى
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3358
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 148
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە148دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 998 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-10-30
    ئاخىرقى: 2012-02-22
    5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-22 12:56

    26-قەۋەت (ئىزباسار) نىڭ يازمىسىغا

    ئەلفىقھۇل ئەكبەر دېگەن كىتابنى ئىمامنىپ شاگىرتى ئەبۇ مۇتىيئ ئەلبەلخى ئىمامدىن رىۋايەت قىلغان. ھەنەفى مەزھەب ئالىملىرى بۇ كىتابنى ئىمامنىڭ دەپ قارايدۇ. مۇشۇ يېتەرلىك. باشقىلار ئەمەس دېسە ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشى.
    ئەمدى سىز ئەھلى پەترە توغۇرلۇق مەلۇمات بەرسىڭىز. بۇلار كىملەر؟ ھۆكمى نېمە؟
    ۋەللاھۇ ئەئلەم
    دەلىل بىلەن سۆزلەيلى
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3358
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 148
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە148دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 998 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-10-30
    ئاخىرقى: 2012-02-22
    6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-22 13:01

    مۇنازىرىنى سېسىق ھاقارەتتىن خالى پاكىز  ئېلىپ بارايلى! مۇسۇلمانغا لايىق ئەدەب بىلەن سۆز قىلايلى!
    ۋەللاھۇ ئەئلەم
    دەلىل بىلەن سۆزلەيلى
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3358
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 148
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە148دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 998 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-10-30
    ئاخىرقى: 2012-02-22
    7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-22 13:08

    ئىشلىتىش
    بۇ مەزمۇن 28قەۋەتتىكى ئىزباسار نىڭ 2011-10-22 11:14 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :

     بۇ ئايەت مەدىنىدىكى مۇناپىقلارنىڭ كاتتىۋېشى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي توغۇرلۇق نازىل بولغان. بۇ ئايەتتىن كاپىر،مۇشرىكنىڭغۇ نامىزىنى ئوقۇمايدۇ ھەتتا پاسىقلارنىڭمۇ (بەزىلەر نامازنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئوقۇمىغان كىشى كاپىر بولمايدۇ بەلكى پاسىق بۇلىدۇ دەيدۇ) نامىزىنى چۈشۈرۈشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى كۈرۋالغىلى بۇلىدۇ.
    تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئىبنى كەسىرگە مۇشۇ ئايەتنىڭ قانداق تەپسىر قىلىنغانلىقىغا قاراپ بېقىڭ.
     

    ئۇ ئايەتتىكى پاسىق سۆزىدىن دىندىن چىقىپ كەتكەن كاپىرلار مەقسەت قىلىنىدۇ.
    ۋەللاھۇ ئەئلەم
    دەلىل بىلەن سۆزلەيلى
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3358
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 148
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە148دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 998 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-10-30
    ئاخىرقى: 2012-02-22
    8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-23 12:29

    44-قەۋەت (ئىزباسار) نىڭ يازمىسىغا

    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام:
    سىز كاپىرلارنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىشنى چەكلەيدىغان بىرەر دەلىل يوق، دەپسىز. ئۇنداقتا سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە قۇرئان ئايىتى دەلىل بولالمامدىكەن؟ دەلىل چوقۇم ھەدىس بولۇشى كېرەكمۇ؟
    مەن ئاللاھ تائالانىڭ: (سەن ئۇلاردىن ئۆلگەن ھېچبىر ئادەمنىڭ نامىزىنى چۈشۈرمىگىن، ئۇنىڭ قەبرىسى ئۈستىدىمۇ تۇرمىغىن، چۇنكى ئۇلار ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلدى. ئۇلار پاسىق ھالىتى بىلەن ئۆلدى.) دېگەن. (تەۋبە سۈرىسى 84-ئايەت.) ئايىتىنى كاپىرنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىغا دەلىل قىلدىم. زىيارەت قىلىشمۇ قەبرىسى ئۈستىدە تۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىمام بەيزاۋى تەپسىرىدە: قەبرىسى ئۈستىدە تۇرمىغىن، دېگەننى: قەبرىسىنىڭ قېشىدا دەپنە قىلىشقا ياكى زىيارەت قىلىشقا تۇرمىغىن، دەپ تەپسىر قىلغان.
    سىز كەلتۈرگەن رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەھى ۋەسەللەمگە ئانىسىنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىشقا بەرگەن ئىجازەت بۇ ئايەتكە زىت كەلمەيدۇ، چۈنكى مەزكۇر ھەدىستە: "ماڭا ئىجازەت بەردى"، دېگەنلىكى ئىككى ئىشنى بىلدۈرىدۇ:
    1. ئەسلىدە زىيارەت قىلىش ئومۇمۇەن چەكلىنىدىغان ئىش. ئىجازەت بەردى، دېگەن سۆزىدىن بۇ چىقىپ تۇرىدۇ.
    2. ماڭا دېگەن سۆزدىن رەسۇلۇللاھقىلا خاس ئىجازەت بەرگەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ.
    ئەمما ھەدىسنىڭ ئاخىرىدىكى قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىڭلار دېگەن ئىبارە مۇسۇلمانلارنىڭ قەبرىسىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى بۇرۇن قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىشتىن توسقان. كېيىن رۇخسەت قىلىنغان. بۇنىڭ دەلىلى يەنە بىر ھەدىستە: مەن سىلەرنى قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىشتىن توسقان ئىدىم، ئەمدى زىيارەت قىلىڭلار، دېگەن.
    ھاپىز ئىبنى ھەجەر: ھەدىسلەردە كاپىر ياكى مۆمىن دەپ تەپسىلى ئايرىمىغانلىقتىن ئومۇمەن  جائىز، دېگەن سۆزى قوبۇل قىلىنمايدۇ، چۈنكى بۇ ھەدىستە لەپزى ئام كەلگەن بىلەن ئايەتتە كاپىرلارغا قارىتا چەكلىمە بار. دەلىللەرنى جەملەپ چۈشىنىش كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە تەپسىلى بايان قىلمىغان بولسا ئومۇملىقنى بىلدۈرىدۇ، دېگەن قائىدە شافىئى مەزھەب قائىدىسى. ھافىز ئىبنى ھەجەرمۇ سافىئى. شۇڭا ئۇنىڭ بۇ سۆزى بىلەن قائىدىسى قۇرئان ئايىتىگە زىت كېلىدۇ.
    مەنمۇ شۇنى قىستۇرۇپ قوياي: دەلىل بايان قىلغاندا قۇرئاننىمۇ دەلىل دەپ ئېتىراپ قىلساق، قۇرئاننى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ باشقا ئېھتىماللىق دەلىللەرنى ئەكىلىپ شۇنىڭغىلا ئېسىلىۋالمىساق. ھەدىسنى قۇرئان ئايىتى بىلەن بىللە تۇرغۇزۇپ چۈشەنسەك.
    بىز ئىمام ئەبۇ ھەنىپىگە مەزھەبى تەئەسسۇپلۇق قىلغىنىمىز يوق. بۇرۇنقى ئالىملار بولسۇن ھازىرقى زامان ئالىملىرى بولسۇن ھەممىگە ھۆرمەت قىلىمىز. ئاللاھ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن. ئەمما بۇ يەردە بىز سۈرۈشتە قىلىۋاتقىنى دەلىل. ھازىرقى زامان ئالىملىرىنىڭمۇ دەلىلى بولمىسا بەرىبىر. دەلىل ئۈستىدە توختىلايلى، شەخسلەر ئۈستىدە ئەمەس.
    بولسا كېسىپ چاپلاشنىڭ ئورنىغا دەلىلنى مۇلاھىزە قىلساق.
    ۋەللاھۇ ئەئلەم
    دەلىل بىلەن سۆزلەيلى
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3358
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 148
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە148دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 998 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-10-30
    ئاخىرقى: 2012-02-22
    9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-23 12:34

    ئىشلىتىش
    بۇ مەزمۇن 45قەۋەتتىكى ئىزباسار نىڭ 2011-10-23 09:29 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :


    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
    شەرىئەت دىندىن چىقىپ كەتكەنلەرنى پاسىق دىمەيدۇ. بەلكى مۇرتەد دەيدۇ. بۇ مەسىلە ئىنىق بۇلىشى كىرەك.



    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام: قېرىندىشىم كېيىنكى مەزھەب ياكى فىقھى ئىستىلاھىنى شەرىئەتكە تاڭمىساق. سىزگە تەۋسىيەم: قۇرئاننى باشتىن ئاخىر بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىپ پاسىقون ياكى پاسىقىين دېگەن سۆزلەر كەلگەن ئايەتلەرنى بىر تەھلىل قىلىپ كۆرۈڭ. بۇ سۆز كاپىرلارغا ئىشلىتىلەمدىكەن ياكى ئاسىي مۇسۇلمانلارغىمۇ؟
    ۋەللاھۇ ئەئلەم