ـــ ئاللاھ بىردۇر، ئۇنىڭ بىرلىكى سان جەھەتتىن ئەمەس، بەلكى شىرىكى يوقلىقى، تۇغمىغانلىقى، تۇغۇلمىغانلىقى، تەڭدىشى يوقلىقى، مەخلۇقاتلىردىن بىرەر نەرسىگە ئوخشىماسلىقى، ئۇنىڭغا مەخلۇقاتلىرىدىن بىرەر نەرسىنىڭ ئوخشىماسلىقى جەھەتىندۇر.
ـــ ئاللاھ ئىسىملىرى، زاتى ۋە پېئىلىي سۈپەتلىرى(بىر ئىش قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك سۈپەتلىرى)
بىلەن ھەمىشە بولغان ۋە بولىدۇ. تىرىكلىك، قادىرلىق، بىلىش، سۆزلىشىش، ئاڭلاش، كۆرۈش، خالاش ئاللاھنىڭ زاتىي سۈپەتلىرىدۇر. يارىتىش، رىزىق بىرىش، پەيدا قىلىش، ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش ئاللاھنىڭ پېئىلىي سۈپەتلىرىدۇر. ئاللاھ ئۆز ئىسمى ۋە سۈپەتلىرى بىلەن بولغان ۋە بولىدۇ. ئاللاھنىڭ بىرەر ئىسىم - سۈپىتى يېڭى پەيدا بولغان ئەمەس.
ـــ ئاللاھ ئۆز ئىلمى بىلەن دائىما ئالىم، ئىلىم ئاللاھنىڭ ئەزەلىي سۈپىتىدۇر. ئۇ ئۆز قۇدرىتى بىلەن دائىما قادىردۇر، قادىرلىق ئۇنىڭ ئەزەلىي سۈپىتىدۇر. ئۇ ئۆز فەلى(بىر ئىش قىلىش)
بىلەن دائىما پائىلدۇر (قىلغۇچىدۇر)، فەل ئۇنىڭ ئەزەلىي سۈپىتىدۇر. پائىل(قىلغۇچى) ئاللاھ تائالادۇر، مەفۇل (قىلىنغۇچى)مەخلۇقدۇر، ئاللاھنىڭ فەلى مەخلۇق ئەمەس. ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى ئەزەلدە قەدىمىيدۇر، مەخلۇق ئەمەستۇر. كىم ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنى مەخلۇق ياكى يېڭىدىن پەيدا بولغان دىسە ياكى ئۇ بىتەرەپ بولسا ياكى ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىگە شۈبھىلەنسە، ئۇ ئاللاھنى ئىنكار قىلغان كافىردۇر.
ـــ قۇرئان مۇسھەپلەردە پۈتۈلگەن، قەلىپلەردە يادلانغان، تىللاردا ئوقۇلغان ۋە پەيغەمبىرمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە نازىل قىلىنغان. قۇرئاننى تەلەپپۇز قىلشىمىز، ئۇنى يېزىشىمىز ۋە ئوقۇشىمىز مەخلۇقتۇر. لىكىن قۇرئان مەخلۇق ئەمەس. ئاللاھ تائالا قۇرئاندا مۇسا ۋە ئۇنىڭدىن باشقا پەيغەمبەرلەر توغرىسىدا ھەمدە پىرئەۋىن ۋە ئىبلىس ھەققىدە ئېيىتقانلىرىنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئۇلار ھەققىدە بىلدۈرگەن كالامىدۇر. مۇسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭدىن باشقا مەخلۇقلارنىڭ سۆزلىرى ھەم مەخلۇقتۇر. قۇرئان ئاللاھ تائالانىڭ كالامىدۇر، ئۇلارنىڭ كالامى ئەمەستۇر. ئاللاھ تائالا:«ئاللاھ مۇساغا گەپ قىلدى...»دەپ بايان قىلغانلىقىدىن، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ كالامىنى ئاڭلىدى. ئاللاھ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا گەپ قىلىشتىن بۇرۇن ھەم ئەزەلدىن سۆزلىگىچىدۇر. مەخلۇقاتلارنى يارىتىشتىن بۇرۇن ھەم ئەزەلدىن ياراتقۇچىدۇر.
ـــ ئاللاھ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا گەپ قىلىشنى ئىرادە قىلىشتا ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئەزەلىي سۆزلەش سۈپىتى بىلەن سۆزلىدى. ئاللاھنىڭ ھەممە سۈپەتلىرى مەخلۇقلارنىڭ سۈپىتىگە ئوخشىمايدۇ. ئاللاھ تائالا بىلىدۇ، بىلىشى بىزنىڭ بىلىشىمىزگە ئوخشىمايدۇ. ئاللاھ تائالا قادىردۇر، قۇدرىتى بىزنىڭ قۇدىرتىمىزگە ئوخشىمايدۇ. ئاللاھ تائالا ئاڭلايدۇ، ئاڭلىشى بىزنىڭ ئاڭلىشىمىزغا ئوخشىمايدۇ. ئاللاھ تائالا سۆزلەيدۇ، سۆزلىشى بىزنىڭ سۆزلىشىمىزگە ئوخشىمايدۇ. بىز ۋاستىلەر (ئەزالار) ۋە تاۋۇشلار ياردىمىدە سۆزلەيمىز، ئاللاھ تائالا بىۋاستە ۋە تاۋۇشسىز سۆزلەيدۇ. تاۋۇشلار مەخلۇقتۇر. ئاللاھنىڭ كالامى مەخلۇق ئەمەس. ئاللاھ مەۋجۇتتۇر، مەۋجۇتلىقى مەخلۇقلارنىڭ مەۋجۇتلىقى كەبى جىسىم، جەۋھەر، ئالامەتلەر بىلەن ئەمەستۇر.
ئاللاھنىڭ قارىمۇ-قارشىسى، تەڭدىشى ۋە ئوخشىشى يوقتۇر. ئاللاھ قۇرئاندا زىكىر قىلغىنىدەك، ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرسىز قولى، يۈزى ۋە نەفسى بار. ئاللاھنىڭ يەدى قۇدرىتىدۇر ياكى نىئمىتىدۇر دىيىشكە بولمايدۇ. چۈنكى بۇنداق دىيىش سۈپەتنى يوق قىلىشتۇر، قەدىرىيلەر ۋە مۇئتەزىللەرنىڭ سۆزىدۇر. يەدى ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرسىز سۈپىتىدۇر. ئاللاھنىڭ غەزىپى ۋە رىزاسى ئاللاھنىڭ، تەسسەۋۋۇرى يوق ئىككى سۈپىتىدۇر.
ـــ ئاللاھ تائالا نەرسىلەرنى يوقتىن ياراتتى، ئاللاھ ئۇ نەرسىلەرنى يارىتىشتىن ئىلگىرى بىلگۈچىدۇر. نەرسىلەرنىڭ ھالىتىنى تەيىن قىلىپ ھۆكۈم قىلغۇچى ئاللاھتۇر. بۇدۇنيادا ھەم ئۇدۇنيادا ھەم ھىچ نەرسە ئاللاھنىڭ خاھىشىدىن، ئىلىمىدىن، قازا ۋە قەدىرىدىن، لەۋھۇلمەھپۇزغا پۈتكىنىدىن تاشقىرى بولمايدۇ. قازا، قەدەر، خاھىش ئاللاھنىڭ ئەزەلىي، تەسەۋۋۇرى يوق سۈپەتلىرىدۇر.
ـــ ئاللاھ تائالا يوقنىڭ يوقلۇق ھالىتىدە قانداقلىقىنى ۋە ئۇنى ياراتسا قانداق بولىشىنى بىلىدۇ. ئاللاھ مەۋجۇتنىڭ ۋۇجۇتلۇق ھالىتىدە قانداقلىقىنى ۋە ئۇنىڭ يوقلىقى قانداق بولىشىنى بىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بىلىشى ئۆزگەرمەي ياكى بىلىشى يىڭى بولماي تۇرغاننى تۇرغان ھالىتىدە قانداقلىقىنى، ئەگەر ئۇ ئولتۇرسا، ئولتۇرغان ھالىتىدە قانداق بولىشىنى بىلىدۇ. ئۆزگىرىش ۋە ھالەتتىكى ھەرخىللىق مەخلۇقلاردا يۈز بىرىدۇ.
ـــ ئاللاھ مەخلۇقلارنى كۇفىردىن ۋە ئىماندىن خالى ياراتتى. شۇڭا ئۇلارغا رەسۇللار ئارقىلىق خىتاپ قىلدى، ئىمان ۋە تائەتكە بۇيرىدى، كۇفۇر ۋە گۇناھتىن قايتۇردى.
شۇڭا كۇفۇر بولغان ئۆز پېئىلى (ئۆز ئىش-ھەرىكىتى)، ئىنكارى بىلەن ۋە ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا مەدىتى بولمىغانلىقىدىن كافىر بولىدۇ. مۆئمىن بولغان ئۆز پېئىلى (ئۆز ئىش-ھەرىكىتى)، ئىقرارى ، تەسدىقى ۋە ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا تەۋپىقى ۋە مەدىتى بىلەن مۆئمىن بولىدۇ.
ئاللاھ ئادەم ئەۋلادىنى ئۇنىڭ پۇشتىدىن زەررىلەردەك قىلىپ چىقاردى، ئەقىللىق قىلدى، ئۇلارنى ئىمانغا بۇيرىدى، كۇفۇردىن توستى. ئۇلار ئاللاھنىڭ رۇبۇبىيتىگە ئىقرار بولدى. بۇ ئۇلارنىڭ ئىمانىدۇر. ئۇلار مانا شۇ سۈپەتتە تۇغىلىدۇ.
ـــ كافىر بولغان كىشى ئىمانىنى كۇفۇرغا ئالماشتۇرىدۇ ۋە ئۆزگەرتىدۇ. مۆئمىن ئىمانىدا سابىت قالىدۇ ۋە ئۇنىڭدا داۋام ئىتىدۇ. ئاللاھ ھېچبىر مەخلۇقنى كۇفۇرغا ۋە ئىمانغا مەجبۇر قىلمايدۇ ۋە ئۇلارنى كۇفۇر قىلىپ ۋە مۆئمىن قىلىپ ياراتمىدى، ئۇلارنى كۇفۇر ۋە ئىمانغا قابىليەتلىك شەخىسلەر قىلىپ ياراتتى. ئىمان ۋە كۇفۇر بەندىلەرنىڭ فەللەرىدۇ. ئاللاھ تائالا كافىر بولغان ئىنساننى كۇفۇر ھالىتىدە قانداقلىقىنى، ئۇ ئىمان كەلتۈرسە، ئىمانلىق ھالەتتە قانداق مۆئمىنلىكىنى بىلىدۇ ۋە ياخشى كۆرىدۇ.
ـــ بەندىلەرنىڭ بارلىق ھەركەت ۋە تۇرۇش پېئىللىرى (ئىش-ھەرىكىتى) ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ كەسپىدۇر. ئۇلارنڭ ياراتقۇچىسى ئاللاھدۇر. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ خاھىشى، ئىلىمى ۋە قازايۇ قەدىرى بىلەن سادىر بولىدۇ. تائەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئەمىرى، مۇھەببىتى، رازىلىقى، ئىلىمى ۋە قازا - قەدىرى بىلەن يۈز بىرىدۇ. گۇناھلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلىمى، قازا - قەدىرى ۋە خاھىشى بىلەن سادىر بولىدۇ، ئەمما ئاللاھنىڭ ئەمىرى، رازىلىقى ۋە مۇھەببىتى بىلەن بولمايدۇ.
ھەممە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسەللەملەر چوڭ ۋە كىچىك گۇناھلاردىن ۋە كۇفۇردىن ئاسرالغاندۇر. گاھى ئۇلارنىڭ بەزىللىردىن ئېزىپ كىتىش سادىر بولغان.
پەيغەمبىرمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئاللاھنىڭ ھەبىبى، خاس بەندىسى، رەسۇلى، پەيغەمبىرى، تاللىغىنىدۇر. بۇتقا سېغىنمىغان، ئاللاھ تائالاغا ئەسلا شىرىك كەلتۈرمىگەن، چوڭ - كىچىك گۇناھلارنى ھىچ قىلمىغان.
ـــ پەيغەمبەرلەر ئەلەيھىسسالاملاردىن كىيىن، ئادەملەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ئەبۇ بەكرى سىددىق، ئاندىن ئۆمەر ئىبنى ئەل - خەتتاپ ئەل - فەرۇق، ئاندىن ئوسمان ئىبنى ئەففان زىننۇرەيىن، ئاندىن ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپتۇر. ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ئاللاھ رازى بولسۇن. ئۇلار ھەق بىلەن بولۇپ، ھەق بىلەن ئۆتكەنلەر. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى دوست تۇتىمىز. پەيغەمبىرمىز ساھابىللىرىدىن ھەر بىرلىرىنى پەقەت ياخشىلىق بىلەن يادىمىزغا ئالىمىز. بىرەر مۇسۇلماننى قىلغان گۇناھى ئۈچۈن، گەرچە ئۇ كاتتا گۇناھ قىلغان بولسىمۇ، گۇناھىنى ھالال ھىساپلىمىسا، ئۇنى كافىرغا چىقارمايمىز، ئۇنىڭدىن ئىمان نامىنى ئېلىپ تاشلىمايمىز ۋە ئۇنى ھەقىقەتتە مۆئمىن دەپ ئاتايمىز. كىشى كافىر بولماي پاسىق مۆئمىن بولىشى مۇمكىن.
ـــ مەيسىگە مەسىھ تارتىش سۈننەت بىلەن سابىتتۇر. رامىزان ئېيىدا تاراۋىھ نامىزىنى ئوقۇش سۈننەتتۇر. سالىھ ۋە سالىھ بولمىغان مۆئىنلەرنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇش جايىزدۇر. بىز مۆئمىنگە گۇناھلار زەرەر قىلمايدۇ ۋە ئۇ دوۋزاخقا كىرمەيدۇ، دۇنيادىن مۆئمىن ھالدا كەتسە، ئەگەر ئۇ پاسىق بولسىمۇ، ئەبەدىي دوۋزاقتا قالىدۇ دىمەيمىز. بىز مۇرجىئەلەر كەبى،«ياخشى ئىشلىرىمىز مەقبۇل ۋە يامان ئىشلىرىمىز مەغفۇر» دىمەيمىز.
ـــ ئاللاھ تائالا دۇنيادىن ئىمان بىلەن ئۆتكەننىڭ ياخشىلىقلىرىنى، شەرىتلىرىگە بىنائەن ۋە بۇزغۇچى ئەيىپلەردىن خالى قىلىپ، كۇفۇر ۋە دىندىن چىقىش بىلەن يوققا چىقارمىغان بولسا، زايا قىلمايدۇ. بەلكى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئەجىر بىرىدۇ. شىرىك ۋە كۇفۇردىن باشقا گۇناھ قىلىپ، تەۋبە قىلماي، ئىمان بىلەن ئۆتكەن كىشى ئاللاھنىڭ خاھىشىدا. ئاللاھ خالىسا ئۇنى دوۋزاخ بىلەن ئازاپلايدۇ، خالىسا ئۇنى ئەپۇ قىلىدۇ ۋە دوۋزاخ بىلەن ئەبەدىي ئازاپلىمايدۇ، دەيمىز. بىرەر ئىشتا رىيا بولسا، ئەجىرنى يوق قىلىدۇ. مەغرۇرلىنىشمۇ شۇنداق.
ـــ پەيغەمبەرلەر مۆجىزىللىرى، ئەۋلىيالارنىڭ كارامەتلىرى ھەقتۇر. ئەمما ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى ــ ئىبلىس، فىرئەۋىن، دەججال قاتارلىقلاردا بولغان ۋە بولىدىغان مۆجىزە ۋە ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلارنى كارامەت دەپ ئېيىتمايمىز. بۇلارنى بىز ئۇلارنىڭ ھاجەتلىرىنى چىقىرىش دەپ ئاتايمىز. چۈنكى ئاللاھ دۈشمەنلىرىنى دۇنيادا مەغرۇرلىنىش، ئاخىرەتتە ئازاپتا قېلىشى ئۈچۈن ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىدۇ. ئۇلار بۇنىڭ بىلەن مەغرۇرلىنىپ، كۇفۇردا ھەددىدىن ئېشىپ كىتىدۇ، بۇ مۇمكىندۇر.
ـــ ئاللاھ تائالا مەخلۇقلىرىنى يارىتىشتىن بۇرۇنمۇ ياراتقۇچى ۋە ئۇلارغا رىزىق بىرىشتىن بۇرۇنمۇ رىزىق بەرگۈچى زاتتۇر. ئاللاھ تائالا ئاخىرەتتە كۆرىنىدۇ. ئاللاھنى مۆئمىنلەر جەننەتتە كۆزلىرى بىلەن ئوخشاشسىز، تەسەۋۋۇرسىز، ئوتتۇردا مۇساپىسىز كۆرىدۇ.
ـــ ئىمان ئىقرار ۋە تەستىقدۇر. يەرـ زىمىن ئەھلىنىڭ ئىمانى ئازايمايدۇ،كۆپەيمەيدۇ. مۆئمىنلەر ئىماندا ۋە تەۋھىدتە تەڭدۇر، ئەمەللىرىدە بولسا ئۇلار بىر - بىرىدىن ئارتۇقدۇر.
ئىسلام تەسلىم بولۇش ۋە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بوي سۇنماقتۇر. «ئىسلام» ۋە «ئىمان» سۆزلىرىدە پەرىق مەۋجۇت بولسىمۇ، ئىمانسىز ئىسلام بولمىغىنىدەك، ئىسلامسىز ئىمان ھەم بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى بەل بىلەن قورساقدەك. دىن ئىمان، ئىسلام ۋە ئەھكاملارنىڭ ھەممىسىنىڭ نامىدۇر.
ـــ بىز ئاللاھ تائالانى، كىتابىدا زاتىنى ۋەسىف قىلغىنىدەك، ھەممە سۈپەتلىرى بىلەن ھەقىقىي تونۇيمىز. ھېچكىم ئاللاھقا ئۇ لايىق بولغان ھەقىقىي قۇللۇقنى ئادا قىلالمايدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئەمرى بىلەن، ئۇنىڭغا سۆيۈلىشتە، ئۇنى سۆيۈشتە، ئۇنىڭدىن رازى بولۇشتا، ئۇنىڭدىن قورقۇشتا، ئۇنىڭدىن ئۈمۈدۋار بولۇشتا ۋە ئىماندا بىر - بىرلىرى بىلەن تەڭدۇر. ئەمما ئۇلار بىر - بىرىدىن ئەمەلدە پەرىق قىلىدۇ.
ـــ ئاللاھ بەندىللىرىگە فەزلى - ئىكرام قلغۇچى ۋە ئادالەتلىك زاتتۇر. ئۇ فەزىل قىلىپ، بەندىگە ئۇ لايىق بولغىنىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ساۋاپ بىرىدۇ. ئۇ ئادىل بولۇپ، بەندىگە گۇناھى ئۈچۈن ئازاپ بىرىدۇ ۋە فەزىل ئەيلەپ، بەندىسىنىڭ گۇناھىنى ئەپۇ قىلىدۇ.
ـــ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاملارنىڭ شەرىئەتلىرى ھەقتۇر، پەيغەمبىرمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ گۇناھكار ۋە ئازاپ ئوقۇبەتكە لايىق بولغان، گۇناھى كەبىرە قىلغان مۆئمىن بەندىلەرنى شاپائەت قىلىشلىرى ھەقتۇر.
ـــ قىيامەت كۈنى تارازىدا ئەمەللەرنىڭ تارتىلىشى ھەقتۇر. پەيغەمبىرمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ جەننەتتە ئورۇنلىرى بارلىقى ھەقتۇر. قىيامەت كۈنى خۇسۇمەتچىلەر ئوتتۇرسىدا بىر - بىرلىرىدىن ياخشى ئەمەللەرنى ئېلىپ، قىساس ئېلىشلىرى ھەقتۇر. ئەگەر ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرى بولمىسا، مەزلۇملارنىڭ يامان ئەمەللىرى زالىملارغا ئارتىلىشى ھەق ۋە جائىزدۇر.
ـــ جەننەت بىلەن دوۋزاخ بۇرۇن يارتىپ قويۇلغان، ئەبەدىي يوقالمايدۇ. ھۆرلەرمۇ ئەبەدىي ئۆلمەيدۇ. ئاللاھنىڭ جازاسى ۋە ئەجرى يوق بولمايدۇ، ئۇلار ئەبەدىيدۇر. ئاللاھ خالىغان بەندىسىنى پەزلى-مەرھەمەت قىلىپ قىلىپ ھىدايەت قىلىدۇ. خالىغان بەندىسىنى ئادالەت قىلىپ
قىلىپ، خار قىلىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ئىزلالى خىزلانىدۇر. خىزلاننىڭ تەپسىرىسى: ــ ئۆزى رازى بولىدىغان ئەمەللەرگە بەندىنى مايىل قىلماسلىقىدۇر. بۇ ئاللاھنىڭ ئادالىتىدۇر. شۇنىڭدەك، مايىل قىلمىغاننى گۇناھ ئۈچۈن جازالاش ئادالەتتۇر. بىز شەيتان مۆئمىن بەندىنىڭ ئىمانىنى زورلاپ، غەزەپ قىلىپ تارتىپ ئالدى، دىمەيمىز. بەلكى بىز، بەندە ئالدىن ئىمانىنى تەرك قىلىدۇ، ئەنە شۇ ۋاقىتتا شەيتان ئۇنىڭدىن ئىمانىنى تارتىپ ئالىدۇ، دەيمىز.
ـــ قەبرىدە مۇنكەر ۋە نەكىر ناملىق پەرىشتىلەر سۇئاللىرىنىڭ بولىشى ھەقتۇر. قەبرىدە بەندىگە ئۇنىڭ روھى قايتۇرلىشى ھەقتۇر. قەبىرنىڭ قىسىشى ھەقتۇر. قەبرىدە ھەممە كافىرلارغا ۋە بەزى ئاسىي مۇسۇلمانلارغا ئازاپ بار ۋە بۇ ھەقتۇر.
ـــ ئاللاھ تائالانىڭ قول سۈپەتلىرىدىن باشقا مۇتەشابىھ ھەممە سۈپەتلىرىنى ئەرەپچىدىن باشقا تىلدا ئۆلىمالارنىڭ دىگەنلىرىدەك ئېيتىش جائىزدۇر. قول سۈپىتىنى باشقا تىلغا تەرجىمە قىلىپ ئېيتىش مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭدىن باشقا مۇتەشابىھ سۈپەتلىرىنى «ئوخشىشى يوق» ۋە «تەسەۋۋۇرسىز» سۆزلىرى بىلەن قوشۇپ، مەسىلەن:«ئوخشىشى يوق ۋە تەسەۋۋۇرسىز پەرۋەردىگارنىڭ يۈزى ئۈچۈن»، دەپ ئېيىتماق جائىزدۇر.
ـــ ئاللاھنڭ يېقىنلىقى ۋە يىراقلىقى مۇساپىنىڭ قىسقىلىقى ۋە ئۇزاقلى جەھەتتىمۇ،فەزىلەت جەھەتتىمۇ ئەمەس. بەلكى ئىتائەتكار ئاللاھقا تەسەۋۋۇرسىز يېقىن ۋە گۇناھكار ئاسىي ئۇنىڭغا تەسەۋۋۇرسىز يىراق دىگەن مەنىدىدۇر. يېقىنلىق، يىراقلىق، يۈزلىنىش يولۇچىغا نىسبەتەن قوللىنىلىدۇ. شۇنىڭدەك، بەندىنىڭ جەننەتتە ئاللاھقا يېقىنلىقى ۋە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرىشى تەسەۋۇرسىزدۇر.
ـــ قۇرئان پەيغەمبىرمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە نازىل قىلىنغان.ئۇ مۇسھەپلەردە پۈتۈلگەندۇر. قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ كالامى بولغانلىقىدىن پەزىلەتتە ۋە ئۇلۇغلۇقتا تەڭدۇر. ئەمما بەزى ئايەتلىرىدە ھەم زىكىر پەزىلىتى، ھەم زىكىر قىلىنغاننىڭ پەزىلىتى بار. بۇنىڭغا مىسال ئايەتۇل كۇرسىدۇر. ئۇنىڭدا ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقى، بۈيۈكلىكى ۋە سۈپەتلىرى زىكىر قىلىنغاندۇر. دىمەك، مەزكۇر ئايەتتە ئىككى پەزىلەت جەم بولغان، يەنى زىكىر پەزىلىتى ۋە زىكىر قىلىنغاننىڭ پەزىلىتى. ئەمما بەزى ئايەتلەردە پەقەت زىكىر پەزىلىتى بار. كافىرلارنىڭ قىسسىللىرى بايان قىلىنغان ئايەتلەر بۇنىڭغا مىسالدۇر. ئۇنىڭدا زىكىر قىلىنغاننىڭ ــ كافىرلارنىڭ پەزىلىتى يوقتۇر. شۇنىڭدەك، ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرى ئۇلۇغلۇق ۋە پەزىلەتتە تەڭدۇر.
ـــ پەيغەمبىرمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئاتا - ئانىللىرى كۇفۇردا ۋاپات بولغان ئەمەس. ئۇ زاتنىڭ تاغىسى ئەبۇ تالىپ كۇفۇردا بۇ دۇنيادىن ئۆتكەن. قاسىم، تاھىر، ئىبراھىم (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) پەيغەمبىرمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئوغۇللىرىدۇر. فاتىمە، رۇقىيە، ئۇممۇ گۈلسۈم ۋە زەينەپلەر پەيغەمبىرمىزنىڭ قىزلىرىدۇر.
ـــ ئەگەر مۆئمىن كىشىگە تەۋھىد ئىلىمىنىڭ نازۇك مەسىلىللىرىدىن بىرەرسى چۈشىنىكسىز بولسا، شۇ زامات بىر ئالىمنى تېپىپ ئۇنىڭدىن سوراپ بىلىشى زۆرۆردۇر. چۈشىنىپ بولغۇچە، ئاللاھنىڭ ئالدىدا قانداق توغرا بولسا، شۇنداق ئىتقاد قىلدىم، دەپ تۇرشى لازىم. ئۇ كىشىنىڭ مۇشۇنداق دەپ قويۇپلا ئالىملاردىن سوراشنى كىچىكتۈرشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇنى بىلمەي تۇرشى ئۆزۈر بولمايدۇ. ئەگەر تەۋھىد ئىلىمىنڭ چۈشەنمىگەن مەسىللىرىنى ئۆگۈنىشكە ھەركەت قىلمىسا كافىر بولىدۇ.
ـــ مىئراج توغرىسدىكى خەۋەر ھەقتۇر. كىم ئۇنى رەت قىلسا ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەدىن ئاجرالغان ۋە ئاداشقان بولىدۇ.
ـــ دەججالنىڭ ۋە يەجۈج - مەجۈجنىڭ چىقىشى، قۇياشنىڭ غەرىبدىن چىقىشى، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاسماندىن چۈشىشى ۋە قىيامەتنىڭ سەھىھ ھەدىسلەردە دىيىلگەن باشقا ئالامەتلىرى ھەقتۇر، يۈز بىرىدىغاندۇر.
ئاللاھ خالىغان بەندىسىنى توغرا يولغا باشلايدۇ. ھەممە ھەمدۇ سانا ۋە ماختاش ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقىدۇر. پەيغەمبىرمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا، بارچە ساھابىللىرىگە دۇرۇت سالاملار بولسۇن.
بۇ رىسالە ئۆزبەكچە نۇسخىسىدىن سۆزمۇ_سۆز ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى.
ئۆزبەكچە نۇسخىسىنى ئابدۇقاھار شاشىي ئەرەپچىدىن(قايسى نۇسخىسى ئىنىق ئەمەس) ئۆزبەكچىگە تەرجىمە قىلغان ئىكەن.