باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 14194 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: ئەل - فىقھى  ئەل - ئەكبەر
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2364
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2364دانە
ئۆسۈش: 5290 %
مۇنبەر پۇلى: 29176 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-04-01
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-21 10:10

ئەل - فىقھى  ئەل - ئەكبەر

ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇللا ، جۈمە مۇبارەك قېرىنداشلار... 





ئەل - فىقھى  ئەل - ئەكبەر 

ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفە نوئمان ئىبنى سابىت


تەۋھىد ۋە ئىتقاد قىلىش توغرا بولغان نەرسىلەر

ئاللاھ تائالاغا، ئۇنىڭ پەرىشتىللىرگە، كىتاپلىرىغا، پەيغەمبەرلىرىگە، ئۆلگەندىن كىيىن قايتا تىرىلىشكە، ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولىدىغانلىقىغا ئىمان كەلتۈردۈم. ھىساپ، مىزان، جەننەت، دوۋزاخ ھەممىسى ھەقتۇر.

ـــ ئاللاھ بىردۇر، ئۇنىڭ بىرلىكى سان جەھەتتىن ئەمەس، بەلكى شىرىكى يوقلىقى، تۇغمىغانلىقى، تۇغۇلمىغانلىقى، تەڭدىشى يوقلىقى، مەخلۇقاتلىردىن بىرەر نەرسىگە ئوخشىماسلىقى، ئۇنىڭغا مەخلۇقاتلىرىدىن بىرەر نەرسىنىڭ ئوخشىماسلىقى جەھەتىندۇر.

ـــ ئاللاھ ئىسىملىرى، زاتى ۋە پېئىلىي سۈپەتلىرى(بىر ئىش قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك سۈپەتلىرى)
 بىلەن ھەمىشە بولغان ۋە بولىدۇ. تىرىكلىك، قادىرلىق، بىلىش، سۆزلىشىش، ئاڭلاش، كۆرۈش، خالاش ئاللاھنىڭ زاتىي سۈپەتلىرىدۇر. يارىتىش، رىزىق بىرىش، پەيدا قىلىش، ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش ئاللاھنىڭ پېئىلىي سۈپەتلىرىدۇر. ئاللاھ ئۆز ئىسمى ۋە سۈپەتلىرى بىلەن بولغان ۋە بولىدۇ. ئاللاھنىڭ بىرەر ئىسىم - سۈپىتى يېڭى پەيدا بولغان ئەمەس.

ـــ ئاللاھ ئۆز ئىلمى بىلەن دائىما ئالىم، ئىلىم ئاللاھنىڭ ئەزەلىي سۈپىتىدۇر. ئۇ ئۆز قۇدرىتى بىلەن دائىما قادىردۇر، قادىرلىق ئۇنىڭ ئەزەلىي سۈپىتىدۇر. ئۇ ئۆز فەلى(بىر ئىش قىلىش)
 بىلەن دائىما پائىلدۇر (قىلغۇچىدۇر)، فەل ئۇنىڭ ئەزەلىي سۈپىتىدۇر. پائىل(قىلغۇچى) ئاللاھ تائالادۇر، مەفۇل (قىلىنغۇچى)مەخلۇقدۇر، ئاللاھنىڭ فەلى مەخلۇق ئەمەس. ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى ئەزەلدە قەدىمىيدۇر، مەخلۇق ئەمەستۇر. كىم ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنى مەخلۇق ياكى يېڭىدىن پەيدا بولغان دىسە ياكى ئۇ بىتەرەپ بولسا ياكى ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىگە شۈبھىلەنسە، ئۇ ئاللاھنى ئىنكار قىلغان كافىردۇر.

ـــ قۇرئان مۇسھەپلەردە پۈتۈلگەن، قەلىپلەردە يادلانغان، تىللاردا ئوقۇلغان ۋە پەيغەمبىرمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە نازىل قىلىنغان. قۇرئاننى تەلەپپۇز قىلشىمىز، ئۇنى يېزىشىمىز ۋە ئوقۇشىمىز مەخلۇقتۇر. لىكىن قۇرئان مەخلۇق ئەمەس. ئاللاھ تائالا قۇرئاندا مۇسا ۋە ئۇنىڭدىن باشقا پەيغەمبەرلەر توغرىسىدا ھەمدە پىرئەۋىن ۋە ئىبلىس ھەققىدە ئېيىتقانلىرىنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ  ئۇلار ھەققىدە بىلدۈرگەن كالامىدۇر. مۇسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭدىن باشقا مەخلۇقلارنىڭ سۆزلىرى ھەم مەخلۇقتۇر. قۇرئان ئاللاھ تائالانىڭ كالامىدۇر، ئۇلارنىڭ كالامى ئەمەستۇر. ئاللاھ تائالا:«ئاللاھ مۇساغا گەپ قىلدى...»دەپ بايان قىلغانلىقىدىن، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ كالامىنى ئاڭلىدى. ئاللاھ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا گەپ قىلىشتىن بۇرۇن ھەم ئەزەلدىن سۆزلىگىچىدۇر. مەخلۇقاتلارنى يارىتىشتىن بۇرۇن ھەم ئەزەلدىن ياراتقۇچىدۇر.

ـــ ئاللاھ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا گەپ قىلىشنى ئىرادە قىلىشتا ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئەزەلىي سۆزلەش سۈپىتى بىلەن سۆزلىدى. ئاللاھنىڭ ھەممە سۈپەتلىرى مەخلۇقلارنىڭ سۈپىتىگە ئوخشىمايدۇ. ئاللاھ تائالا بىلىدۇ، بىلىشى بىزنىڭ بىلىشىمىزگە ئوخشىمايدۇ. ئاللاھ تائالا قادىردۇر، قۇدرىتى بىزنىڭ قۇدىرتىمىزگە ئوخشىمايدۇ. ئاللاھ تائالا ئاڭلايدۇ، ئاڭلىشى بىزنىڭ ئاڭلىشىمىزغا ئوخشىمايدۇ. ئاللاھ تائالا سۆزلەيدۇ، سۆزلىشى بىزنىڭ سۆزلىشىمىزگە ئوخشىمايدۇ. بىز ۋاستىلەر (ئەزالار) ۋە تاۋۇشلار ياردىمىدە سۆزلەيمىز، ئاللاھ تائالا بىۋاستە ۋە تاۋۇشسىز سۆزلەيدۇ. تاۋۇشلار مەخلۇقتۇر. ئاللاھنىڭ كالامى مەخلۇق ئەمەس. ئاللاھ مەۋجۇتتۇر، مەۋجۇتلىقى مەخلۇقلارنىڭ مەۋجۇتلىقى كەبى جىسىم، جەۋھەر، ئالامەتلەر بىلەن ئەمەستۇر.
ئاللاھنىڭ قارىمۇ-قارشىسى، تەڭدىشى ۋە ئوخشىشى يوقتۇر. ئاللاھ قۇرئاندا زىكىر قىلغىنىدەك، ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرسىز قولى، يۈزى ۋە نەفسى بار. ئاللاھنىڭ يەدى قۇدرىتىدۇر ياكى نىئمىتىدۇر دىيىشكە بولمايدۇ. چۈنكى بۇنداق دىيىش سۈپەتنى يوق قىلىشتۇر، قەدىرىيلەر ۋە مۇئتەزىللەرنىڭ سۆزىدۇر. يەدى ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرسىز سۈپىتىدۇر. ئاللاھنىڭ غەزىپى ۋە رىزاسى ئاللاھنىڭ، تەسسەۋۋۇرى يوق ئىككى سۈپىتىدۇر.
 
ـــ ئاللاھ تائالا نەرسىلەرنى يوقتىن ياراتتى، ئاللاھ ئۇ نەرسىلەرنى يارىتىشتىن ئىلگىرى بىلگۈچىدۇر. نەرسىلەرنىڭ ھالىتىنى تەيىن قىلىپ ھۆكۈم قىلغۇچى ئاللاھتۇر. بۇدۇنيادا ھەم ئۇدۇنيادا ھەم ھىچ نەرسە ئاللاھنىڭ خاھىشىدىن، ئىلىمىدىن، قازا ۋە قەدىرىدىن، لەۋھۇلمەھپۇزغا پۈتكىنىدىن تاشقىرى بولمايدۇ. قازا، قەدەر، خاھىش ئاللاھنىڭ ئەزەلىي، تەسەۋۋۇرى يوق سۈپەتلىرىدۇر.

ـــ ئاللاھ تائالا يوقنىڭ يوقلۇق ھالىتىدە قانداقلىقىنى ۋە ئۇنى ياراتسا قانداق بولىشىنى بىلىدۇ. ئاللاھ مەۋجۇتنىڭ ۋۇجۇتلۇق ھالىتىدە قانداقلىقىنى ۋە ئۇنىڭ يوقلىقى قانداق بولىشىنى بىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بىلىشى ئۆزگەرمەي ياكى بىلىشى يىڭى بولماي تۇرغاننى تۇرغان ھالىتىدە قانداقلىقىنى، ئەگەر ئۇ ئولتۇرسا، ئولتۇرغان ھالىتىدە قانداق بولىشىنى  بىلىدۇ. ئۆزگىرىش ۋە ھالەتتىكى ھەرخىللىق مەخلۇقلاردا يۈز بىرىدۇ.
 
ـــ ئاللاھ مەخلۇقلارنى كۇفىردىن ۋە ئىماندىن خالى ياراتتى. شۇڭا ئۇلارغا رەسۇللار ئارقىلىق خىتاپ قىلدى، ئىمان ۋە تائەتكە بۇيرىدى، كۇفۇر ۋە گۇناھتىن قايتۇردى.
شۇڭا كۇفۇر بولغان  ئۆز پېئىلى (ئۆز ئىش-ھەرىكىتى)، ئىنكارى بىلەن ۋە ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا مەدىتى بولمىغانلىقىدىن كافىر بولىدۇ. مۆئمىن بولغان ئۆز  پېئىلى (ئۆز ئىش-ھەرىكىتى)، ئىقرارى ، تەسدىقى ۋە ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا تەۋپىقى ۋە مەدىتى بىلەن مۆئمىن بولىدۇ.
ئاللاھ ئادەم ئەۋلادىنى ئۇنىڭ پۇشتىدىن زەررىلەردەك قىلىپ چىقاردى، ئەقىللىق قىلدى، ئۇلارنى ئىمانغا بۇيرىدى، كۇفۇردىن توستى. ئۇلار ئاللاھنىڭ رۇبۇبىيتىگە ئىقرار بولدى. بۇ ئۇلارنىڭ ئىمانىدۇر. ئۇلار مانا شۇ سۈپەتتە تۇغىلىدۇ.

ـــ كافىر بولغان كىشى ئىمانىنى كۇفۇرغا ئالماشتۇرىدۇ ۋە ئۆزگەرتىدۇ. مۆئمىن ئىمانىدا سابىت قالىدۇ ۋە ئۇنىڭدا داۋام ئىتىدۇ. ئاللاھ ھېچبىر مەخلۇقنى كۇفۇرغا ۋە ئىمانغا مەجبۇر قىلمايدۇ ۋە ئۇلارنى كۇفۇر قىلىپ ۋە مۆئمىن قىلىپ ياراتمىدى، ئۇلارنى كۇفۇر ۋە ئىمانغا قابىليەتلىك شەخىسلەر قىلىپ ياراتتى. ئىمان ۋە كۇفۇر بەندىلەرنىڭ فەللەرىدۇ. ئاللاھ تائالا كافىر بولغان ئىنساننى كۇفۇر ھالىتىدە قانداقلىقىنى، ئۇ ئىمان كەلتۈرسە، ئىمانلىق ھالەتتە قانداق مۆئمىنلىكىنى بىلىدۇ ۋە ياخشى كۆرىدۇ.

ـــ بەندىلەرنىڭ بارلىق ھەركەت ۋە تۇرۇش پېئىللىرى (ئىش-ھەرىكىتى) ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ كەسپىدۇر. ئۇلارنڭ ياراتقۇچىسى ئاللاھدۇر. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ خاھىشى، ئىلىمى ۋە قازايۇ قەدىرى بىلەن سادىر بولىدۇ. تائەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئەمىرى، مۇھەببىتى، رازىلىقى، ئىلىمى ۋە قازا - قەدىرى بىلەن يۈز بىرىدۇ. گۇناھلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلىمى، قازا - قەدىرى ۋە خاھىشى بىلەن سادىر بولىدۇ، ئەمما ئاللاھنىڭ ئەمىرى، رازىلىقى ۋە مۇھەببىتى بىلەن بولمايدۇ.

ھەممە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسەللەملەر چوڭ ۋە كىچىك گۇناھلاردىن ۋە كۇفۇردىن ئاسرالغاندۇر. گاھى ئۇلارنىڭ بەزىللىردىن ئېزىپ كىتىش سادىر بولغان.
پەيغەمبىرمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئاللاھنىڭ ھەبىبى، خاس بەندىسى، رەسۇلى، پەيغەمبىرى، تاللىغىنىدۇر. بۇتقا سېغىنمىغان، ئاللاھ تائالاغا ئەسلا شىرىك كەلتۈرمىگەن، چوڭ - كىچىك گۇناھلارنى ھىچ قىلمىغان.

ـــ پەيغەمبەرلەر ئەلەيھىسسالاملاردىن كىيىن، ئادەملەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ئەبۇ بەكرى سىددىق، ئاندىن ئۆمەر ئىبنى ئەل - خەتتاپ ئەل - فەرۇق، ئاندىن ئوسمان ئىبنى ئەففان زىننۇرەيىن، ئاندىن ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپتۇر. ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ئاللاھ رازى بولسۇن. ئۇلار ھەق بىلەن بولۇپ، ھەق بىلەن ئۆتكەنلەر. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى دوست تۇتىمىز. پەيغەمبىرمىز ساھابىللىرىدىن ھەر بىرلىرىنى پەقەت ياخشىلىق بىلەن يادىمىزغا ئالىمىز. بىرەر مۇسۇلماننى قىلغان گۇناھى ئۈچۈن، گەرچە ئۇ كاتتا گۇناھ قىلغان بولسىمۇ، گۇناھىنى ھالال ھىساپلىمىسا، ئۇنى كافىرغا چىقارمايمىز، ئۇنىڭدىن ئىمان نامىنى ئېلىپ تاشلىمايمىز ۋە ئۇنى ھەقىقەتتە مۆئمىن دەپ ئاتايمىز. كىشى كافىر بولماي پاسىق مۆئمىن بولىشى مۇمكىن.

ـــ مەيسىگە مەسىھ تارتىش سۈننەت بىلەن سابىتتۇر. رامىزان ئېيىدا تاراۋىھ نامىزىنى ئوقۇش سۈننەتتۇر. سالىھ ۋە سالىھ بولمىغان مۆئىنلەرنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇش جايىزدۇر. بىز مۆئمىنگە گۇناھلار زەرەر قىلمايدۇ ۋە ئۇ دوۋزاخقا كىرمەيدۇ، دۇنيادىن مۆئمىن ھالدا كەتسە، ئەگەر ئۇ پاسىق بولسىمۇ، ئەبەدىي دوۋزاقتا قالىدۇ دىمەيمىز. بىز مۇرجىئەلەر كەبى،«ياخشى ئىشلىرىمىز مەقبۇل ۋە يامان ئىشلىرىمىز مەغفۇر» دىمەيمىز.
 
ـــ ئاللاھ تائالا دۇنيادىن ئىمان بىلەن ئۆتكەننىڭ ياخشىلىقلىرىنى، شەرىتلىرىگە بىنائەن ۋە بۇزغۇچى ئەيىپلەردىن خالى قىلىپ، كۇفۇر ۋە دىندىن چىقىش بىلەن يوققا چىقارمىغان بولسا، زايا قىلمايدۇ. بەلكى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئەجىر بىرىدۇ. شىرىك ۋە كۇفۇردىن باشقا گۇناھ قىلىپ،  تەۋبە قىلماي، ئىمان بىلەن ئۆتكەن كىشى ئاللاھنىڭ خاھىشىدا. ئاللاھ خالىسا ئۇنى دوۋزاخ بىلەن ئازاپلايدۇ، خالىسا ئۇنى ئەپۇ قىلىدۇ ۋە دوۋزاخ بىلەن ئەبەدىي ئازاپلىمايدۇ، دەيمىز. بىرەر ئىشتا رىيا بولسا، ئەجىرنى يوق قىلىدۇ. مەغرۇرلىنىشمۇ شۇنداق. 

ـــ پەيغەمبەرلەر مۆجىزىللىرى، ئەۋلىيالارنىڭ كارامەتلىرى ھەقتۇر. ئەمما ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى ــ ئىبلىس، فىرئەۋىن، دەججال قاتارلىقلاردا بولغان ۋە بولىدىغان مۆجىزە ۋە ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلارنى كارامەت دەپ ئېيىتمايمىز. بۇلارنى بىز ئۇلارنىڭ ھاجەتلىرىنى چىقىرىش دەپ ئاتايمىز. چۈنكى ئاللاھ دۈشمەنلىرىنى دۇنيادا مەغرۇرلىنىش، ئاخىرەتتە ئازاپتا قېلىشى ئۈچۈن ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىدۇ. ئۇلار بۇنىڭ بىلەن مەغرۇرلىنىپ، كۇفۇردا ھەددىدىن ئېشىپ كىتىدۇ، بۇ مۇمكىندۇر.
 
ـــ ئاللاھ تائالا مەخلۇقلىرىنى يارىتىشتىن بۇرۇنمۇ ياراتقۇچى ۋە ئۇلارغا رىزىق بىرىشتىن بۇرۇنمۇ رىزىق بەرگۈچى زاتتۇر. ئاللاھ تائالا ئاخىرەتتە كۆرىنىدۇ. ئاللاھنى مۆئمىنلەر جەننەتتە كۆزلىرى بىلەن ئوخشاشسىز، تەسەۋۋۇرسىز، ئوتتۇردا مۇساپىسىز كۆرىدۇ.

ـــ ئىمان ئىقرار ۋە تەستىقدۇر. يەرـ زىمىن ئەھلىنىڭ ئىمانى ئازايمايدۇ،كۆپەيمەيدۇ. مۆئمىنلەر ئىماندا ۋە تەۋھىدتە تەڭدۇر، ئەمەللىرىدە بولسا ئۇلار بىر - بىرىدىن ئارتۇقدۇر.

ئىسلام تەسلىم بولۇش ۋە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بوي سۇنماقتۇر. «ئىسلام» ۋە «ئىمان» سۆزلىرىدە پەرىق مەۋجۇت بولسىمۇ، ئىمانسىز ئىسلام بولمىغىنىدەك، ئىسلامسىز ئىمان ھەم بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى بەل بىلەن قورساقدەك. دىن ئىمان، ئىسلام ۋە ئەھكاملارنىڭ ھەممىسىنىڭ نامىدۇر.

ـــ بىز ئاللاھ تائالانى، كىتابىدا زاتىنى ۋەسىف قىلغىنىدەك، ھەممە سۈپەتلىرى بىلەن ھەقىقىي تونۇيمىز. ھېچكىم ئاللاھقا ئۇ لايىق بولغان ھەقىقىي قۇللۇقنى ئادا قىلالمايدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئەمرى بىلەن، ئۇنىڭغا سۆيۈلىشتە، ئۇنى سۆيۈشتە، ئۇنىڭدىن رازى بولۇشتا، ئۇنىڭدىن قورقۇشتا، ئۇنىڭدىن ئۈمۈدۋار بولۇشتا ۋە ئىماندا بىر - بىرلىرى بىلەن تەڭدۇر. ئەمما ئۇلار بىر - بىرىدىن ئەمەلدە پەرىق قىلىدۇ.

ـــ ئاللاھ بەندىللىرىگە فەزلى - ئىكرام قلغۇچى ۋە ئادالەتلىك زاتتۇر. ئۇ فەزىل قىلىپ، بەندىگە ئۇ لايىق بولغىنىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ساۋاپ بىرىدۇ. ئۇ ئادىل بولۇپ، بەندىگە گۇناھى ئۈچۈن ئازاپ بىرىدۇ ۋە فەزىل ئەيلەپ، بەندىسىنىڭ گۇناھىنى ئەپۇ قىلىدۇ.

ـــ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاملارنىڭ شەرىئەتلىرى ھەقتۇر، پەيغەمبىرمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ گۇناھكار ۋە ئازاپ ئوقۇبەتكە لايىق بولغان، گۇناھى كەبىرە قىلغان مۆئمىن بەندىلەرنى شاپائەت قىلىشلىرى ھەقتۇر.

ـــ قىيامەت كۈنى تارازىدا ئەمەللەرنىڭ تارتىلىشى ھەقتۇر. پەيغەمبىرمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ جەننەتتە ئورۇنلىرى بارلىقى ھەقتۇر. قىيامەت كۈنى خۇسۇمەتچىلەر ئوتتۇرسىدا بىر - بىرلىرىدىن ياخشى ئەمەللەرنى ئېلىپ، قىساس ئېلىشلىرى ھەقتۇر. ئەگەر ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرى بولمىسا، مەزلۇملارنىڭ يامان ئەمەللىرى زالىملارغا ئارتىلىشى ھەق ۋە جائىزدۇر.

ـــ جەننەت بىلەن دوۋزاخ بۇرۇن يارتىپ قويۇلغان، ئەبەدىي يوقالمايدۇ. ھۆرلەرمۇ ئەبەدىي ئۆلمەيدۇ. ئاللاھنىڭ جازاسى ۋە ئەجرى يوق بولمايدۇ، ئۇلار ئەبەدىيدۇر. ئاللاھ خالىغان بەندىسىنى پەزلى-مەرھەمەت قىلىپ قىلىپ ھىدايەت قىلىدۇ. خالىغان بەندىسىنى ئادالەت قىلىپ
 قىلىپ، خار  قىلىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ئىزلالى خىزلانىدۇر. خىزلاننىڭ تەپسىرىسى: ــ ئۆزى رازى بولىدىغان ئەمەللەرگە بەندىنى مايىل قىلماسلىقىدۇر. بۇ ئاللاھنىڭ ئادالىتىدۇر. شۇنىڭدەك، مايىل قىلمىغاننى گۇناھ ئۈچۈن جازالاش ئادالەتتۇر. بىز شەيتان مۆئمىن بەندىنىڭ ئىمانىنى زورلاپ، غەزەپ قىلىپ تارتىپ ئالدى، دىمەيمىز. بەلكى بىز، بەندە ئالدىن ئىمانىنى تەرك قىلىدۇ، ئەنە شۇ ۋاقىتتا شەيتان ئۇنىڭدىن ئىمانىنى تارتىپ ئالىدۇ، دەيمىز.

ـــ قەبرىدە مۇنكەر ۋە نەكىر ناملىق پەرىشتىلەر سۇئاللىرىنىڭ بولىشى ھەقتۇر. قەبرىدە بەندىگە ئۇنىڭ روھى قايتۇرلىشى ھەقتۇر. قەبىرنىڭ قىسىشى ھەقتۇر. قەبرىدە ھەممە كافىرلارغا ۋە بەزى ئاسىي مۇسۇلمانلارغا ئازاپ بار ۋە بۇ ھەقتۇر.

ـــ ئاللاھ تائالانىڭ قول سۈپەتلىرىدىن باشقا مۇتەشابىھ ھەممە سۈپەتلىرىنى ئەرەپچىدىن باشقا تىلدا ئۆلىمالارنىڭ دىگەنلىرىدەك ئېيتىش جائىزدۇر. قول سۈپىتىنى باشقا تىلغا تەرجىمە قىلىپ ئېيتىش مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭدىن باشقا مۇتەشابىھ سۈپەتلىرىنى «ئوخشىشى يوق» ۋە «تەسەۋۋۇرسىز» سۆزلىرى بىلەن قوشۇپ، مەسىلەن:«ئوخشىشى يوق ۋە تەسەۋۋۇرسىز پەرۋەردىگارنىڭ يۈزى ئۈچۈن»، دەپ ئېيىتماق جائىزدۇر.

ـــ ئاللاھنڭ يېقىنلىقى ۋە يىراقلىقى مۇساپىنىڭ قىسقىلىقى ۋە ئۇزاقلى جەھەتتىمۇ،فەزىلەت جەھەتتىمۇ ئەمەس. بەلكى ئىتائەتكار ئاللاھقا تەسەۋۋۇرسىز يېقىن ۋە گۇناھكار ئاسىي ئۇنىڭغا تەسەۋۋۇرسىز يىراق دىگەن مەنىدىدۇر. يېقىنلىق، يىراقلىق، يۈزلىنىش يولۇچىغا نىسبەتەن قوللىنىلىدۇ. شۇنىڭدەك، بەندىنىڭ جەننەتتە ئاللاھقا يېقىنلىقى ۋە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرىشى تەسەۋۇرسىزدۇر.

ـــ قۇرئان پەيغەمبىرمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە نازىل قىلىنغان.ئۇ مۇسھەپلەردە پۈتۈلگەندۇر. قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ كالامى بولغانلىقىدىن پەزىلەتتە ۋە ئۇلۇغلۇقتا تەڭدۇر. ئەمما بەزى ئايەتلىرىدە ھەم زىكىر پەزىلىتى، ھەم زىكىر قىلىنغاننىڭ پەزىلىتى بار. بۇنىڭغا مىسال ئايەتۇل كۇرسىدۇر. ئۇنىڭدا ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقى، بۈيۈكلىكى ۋە سۈپەتلىرى زىكىر قىلىنغاندۇر. دىمەك، مەزكۇر ئايەتتە ئىككى پەزىلەت جەم بولغان، يەنى زىكىر پەزىلىتى ۋە زىكىر قىلىنغاننىڭ پەزىلىتى. ئەمما بەزى ئايەتلەردە پەقەت زىكىر پەزىلىتى بار. كافىرلارنىڭ قىسسىللىرى بايان قىلىنغان ئايەتلەر بۇنىڭغا مىسالدۇر. ئۇنىڭدا زىكىر قىلىنغاننىڭ ــ كافىرلارنىڭ پەزىلىتى يوقتۇر. شۇنىڭدەك، ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرى ئۇلۇغلۇق ۋە پەزىلەتتە تەڭدۇر.

ـــ پەيغەمبىرمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئاتا - ئانىللىرى كۇفۇردا ۋاپات بولغان ئەمەس. ئۇ زاتنىڭ تاغىسى ئەبۇ تالىپ كۇفۇردا بۇ دۇنيادىن ئۆتكەن. قاسىم، تاھىر، ئىبراھىم (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) پەيغەمبىرمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئوغۇللىرىدۇر. فاتىمە، رۇقىيە، ئۇممۇ گۈلسۈم ۋە زەينەپلەر پەيغەمبىرمىزنىڭ قىزلىرىدۇر.

ـــ ئەگەر مۆئمىن كىشىگە تەۋھىد ئىلىمىنىڭ نازۇك مەسىلىللىرىدىن بىرەرسى چۈشىنىكسىز بولسا، شۇ زامات بىر ئالىمنى تېپىپ ئۇنىڭدىن سوراپ بىلىشى زۆرۆردۇر. چۈشىنىپ بولغۇچە، ئاللاھنىڭ ئالدىدا قانداق توغرا بولسا، شۇنداق ئىتقاد قىلدىم، دەپ تۇرشى لازىم. ئۇ كىشىنىڭ مۇشۇنداق دەپ قويۇپلا ئالىملاردىن سوراشنى كىچىكتۈرشى مۇمكىن ئەمەس.  ئۇنى بىلمەي تۇرشى ئۆزۈر بولمايدۇ. ئەگەر تەۋھىد ئىلىمىنڭ چۈشەنمىگەن مەسىللىرىنى ئۆگۈنىشكە ھەركەت قىلمىسا كافىر بولىدۇ.
ـــ مىئراج توغرىسدىكى خەۋەر ھەقتۇر. كىم ئۇنى رەت قىلسا ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەدىن ئاجرالغان ۋە ئاداشقان بولىدۇ.

ـــ دەججالنىڭ ۋە يەجۈج - مەجۈجنىڭ چىقىشى، قۇياشنىڭ غەرىبدىن چىقىشى، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاسماندىن چۈشىشى ۋە قىيامەتنىڭ سەھىھ ھەدىسلەردە دىيىلگەن باشقا ئالامەتلىرى ھەقتۇر، يۈز بىرىدىغاندۇر.

ئاللاھ خالىغان بەندىسىنى توغرا يولغا باشلايدۇ. ھەممە ھەمدۇ سانا ۋە ماختاش  ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقىدۇر. پەيغەمبىرمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا، بارچە ساھابىللىرىگە دۇرۇت سالاملار بولسۇن.


بۇ رىسالە ئۆزبەكچە نۇسخىسىدىن سۆزمۇ_سۆز ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى.
ئۆزبەكچە نۇسخىسىنى ئابدۇقاھار شاشىي ئەرەپچىدىن(قايسى نۇسخىسى ئىنىق ئەمەس) ئۆزبەكچىگە تەرجىمە قىلغان ئىكەن.


[ بۇ يازمىنىتاھىربەگ 2011-10-26 16:55قايتا تەھرىرلىد ]
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+2(arzuyum) مەنپەئەتلىك& ..
  • ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8576
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 151
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە151دانە
    ئۆسۈش: 330 %
    مۇنبەر پۇلى: 1593 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-08-13
    ئاخىرقى: 2012-03-26
    يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-10-23 00:37

    ئەلۋەتتە، ئەبۇھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن خاتالىقتىن خالىي ئەمەس، ئەمما شۇنداق كاتتا ئالىمنى كىچىك فىقىھى مەسىللىرىدە خاتالىشىپ قالدى دېسەڭلار بۇنىڭغا ئېشەنسەك بولىدۇ، لېكىن مۇنداق چوڭ فىقىھى مەسىلىرىدە خاتالىشىپ قالدى دېسەڭلار تازا ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ، جۇمۇ!
    مۇنازىرە ناھايتى ئىلمىي داۋاملىشىۋاتىدۇ، لېكىن گەپ سۆزلەرگە سەل دىققەت قىلىپ، ئالىملىرىمىزغا تاپا-تەنە قىلماي، ئاخىرغىچە ئىلمىي ھالدا داۋاملاشتۇرايلى! يازغان ئىنكاس گەپ سۆزلىرىمىزنى تازا ئوبدان بىر ئوقۇۋېتىپ، لوگىكا، گىرامماتىكىسىغا بىر قارىۋېتىپ(گەرچە ئۇيغۇرچە بولسىمۇ)، ئاندىن يوللايلى، بولمىسا، ئورۇنسىز ئۇقۇشماسلىقلار كېلىپ چىقىدۇ.  مەسىلەن يۇقىرقىدەك، بارلىق ئالىملار بىلئىتتىپاق، دەپ ئۇنىڭدىن ئەبۇھەنىيفە نى مۇستەسنا قىلىۋېتىشنى ئۇنتۇپ قېلىپلا يوللىۋەتكەندەك.
    يەنە بىر گەپ مۇجتەھىد ئالىملار گەرچە ئىجتىھاتتا خاتالىشىپ قالسىمۇ، ئۇلارنى سۇننەتكە قارشى چىققاننىڭ قاتارىغا چىقرۋەتمەيلى، شۇ ئالىملار بىزگە سۈننەتنىڭ نېمىلىكىنى يەتكۈزگەندۇر. ئەھكامدىن باشقا مەسىلىلەردە ئاھاد كەلگەن ھەدىسلەرگە گەرچە سەھى سەنەد بىلەن كەلگەن بولسىمۇ سەل چىڭىراق مۇئامىلە قىلىنىدۇ، دەپ قارايدىغان ئالىملارمۇ بار، ئەبۇ ھەنىيفەمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلغان بولىشى مۇمكىن. بۇنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ سۆزىگە قارشى چىقتى. رەيىنى ھەدىسنىڭ ئالدىغا ئۆتكۈزۋالدى، دەپ چۈشىنىۋالمايلى. ئەھلىي مۇسۇلمانلارنىڭ بولۇپمۇ  مۇجتەھىد ئالىملارنىڭ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ سۆزىگە قارشى چىقىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ھەدىسنى تەئۋىل قىلىۋەتكەن بولسا ئۇنىڭغا ئۆزىگە چۇشلۇق ئاساسىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئاندىن تەئۋىل قىلىۋەتكەن. ھەرگىز ئاساسىز  ئىنكار قىلغان ئەمەس، ھەم ئۇنداق قىلىشقىمۇ ھەددى ئەمەس.
    [ بۇ يازمىنىabdullajan 2011-10-23 16:01قايتا تەھرىرل ]
    http://www.tesniym.com/
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8576
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 151
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە151دانە
    ئۆسۈش: 330 %
    مۇنبەر پۇلى: 1593 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-08-13
    ئاخىرقى: 2012-03-26
    2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-23 01:41

    Re:Re:18-قەۋەت (ئىزباسار) نىڭ يازمىسىغا

    ئىشلىتىش
    بۇ مەزمۇن 24قەۋەتتىكى qutluq نىڭ 2011-10-22 04:10 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل Re:18-قەۋەت (ئىزباسار) نىڭ يازمىسىغا :


    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم.
    ئىمام بۇ گەپنى قايسى كىتابىدا دېگەن؟

    .......

    ھەنەفىي مەزھەبتە ئات گۆشى ھارام دېمەيدۇ، بەلكى مەكروھ، دەپ پەتىۋا بېرىدۇ.(ئەينىي ۋاقىتتا ئات ئۇرۇشتا جەڭ قورالى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ياكى باشقا بىر ئىللەت بىلەن).
    رەسۇلىللاھ ئات گۆشىنى يېيىشكە رۇخسەت قىلدى، دىيىلگەن ھەدىستە رۇخسەت قىلدى دېگەندىن ئىلگىرى چەكلىگەنمۇ قانداق دېگەن سوئال تۇغۇلار، ياكى رۇخسەت قىلغان بولسا، زۆرۈرىيەتتىن رۇخسەت قىلغان بولىشى ئېھتىماللىقىمۇ باردۇ؟ زۆرۈرىيەت ئەھۋالىدا مەكروھ نەرسە ئەمەس ھارام نەرسىنى يېيىشمۇ رۇخسەتقۇ؟
    ئەبۇ ھەنىفە ئات گۆشىنى كەسكىن ھارام دېمىگەن، لېكىن ئالدىغا كەلتۈرۈلسە يېمىگەن، بۇنىڭغا قاراپ شاگىرتلىرى ئىمامىمىز بۇنى كەرىھ كۆرىدىكەن، بايان قىپ بەرمىگىنىگە قارىغاندا ھاراممۇ دەپ قارىمايدىكەن،(چۈنكى، مۇجتەھىد ئالىمنىڭ ھارامنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنى دەپ بەرمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.) دەپ ، كېيىن مۇشۇ بويىچە پەتىۋا بەرگەن، دەپ قارىلىدۇ.
    گەپ سۆزلەردە سەل سىلىق سىپايىراق بولسىڭىز. بۇ يەردە ھېچكىم ھەدىسكە قارشى چىققىنى يوق. ئالىملار ھەدىسشۇناسلىق قائىدىلىرىنى بىزدىن ئوبدانراق بىلىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ ھەدىس سەھىھ بۇنى باش ئۈستىگە، دەپ قوبۇل قىلىمىز. لېكىن ئىمانغا تاقاپ كەتكۈدەك دەرىجىدە بۇ دەللىلىي قەتئىيەمۇ- يا دەللىلىي زاننىيەمۇ؟ دالالىتى قەتئىيىي بولسا، ئالىملار ئىختىلاپ قىلشمىغان بولاتتى.
    ئەنە شۇ ئىماملار بىزگە ئىمان مەسىلىسىنى يەتكۈزىۋاتمامدۇ.
    [ بۇ يازمىنىabdullajan 2011-10-23 01:50قايتا تەھرىرل ]
    http://www.tesniym.com/
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8576
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 151
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە151دانە
    ئۆسۈش: 330 %
    مۇنبەر پۇلى: 1593 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-08-13
    ئاخىرقى: 2012-03-26
    3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-23 01:54

    Re:Re:12-قەۋەت (ئىزباسار) نىڭ يازمىسىغا

    ئىشلىتىش
    بۇ مەزمۇن 23قەۋەتتىكى qutluq نىڭ 2011-10-22 03:57 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل Re:12-قەۋەت (ئىزباسار) نىڭ يازمىسىغا :

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم.
    1. بۇ ھەقتە ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھنى خاتالاشتۇرۇش ئارتۇقچە. چۈنكى بۇ كىتابنى ئەبۇھەنىفەنىڭ يازغانلىقىغا قاراش بىردەك ئەمەس. ئەگەر كىتابنى ئىمام يازدى، دېيىلسە رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزى بار ئىشتا غىت قىسىڭ، چۈنكى سىز پەيغەمبەر ئەمەس،دەپ قويىمىز.
    2. پەيغەمبەر ئەۋەتمىگىچە جازالىمايمىز،دېگەن ئايەتتىن پەيغەمبەر پەقەت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، دېگەنلىك چىقمايدۇ. بىز مۇسۇلمانلار رەسۇلۇللاھتىن ئىلگىركى پەيغەمبەرلەرنىمۇ ئېتىراپ قىلىمىز.ئۇندىن باشقا، رەسۇلۇللاھنىڭ كاززاب ئەمەس ئىكەنلىكىگىمۇ ئىمانىمىز كامىل. رەسۇلۇللاھ ئانىسى توغرۇلۇق شۇنداق دېگەنكى، ئەللاھتىن ئانامنىڭ گۇناھىنىڭ كەچۈرۈلۈشىگە ئىزنى بېرىشىنى سورىسام، ئىزنى بېرىلمىدى. قەبرىسىنى يوقلاشقا ئىزنى سورىسام، ئىزنى بېرىلدى...(مۇسلىم، ئەبۇداۋۇد، نەسەئىي، ئىبنى ماجە، ئەھمەد،بەززار، ئىبنۇ ھىببان،ئەبۇ يەئلا، بەيھەقىي، ھاكىم قاتارلىقلار توپلىغان). يەنە بىر كىشى رەسۇلۇللاھتىن: دادام نەدە؟ دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ: دوزاقتا،دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ كىشى قايتىۋىدى، رەسۇلۇللاھ چاقىرىۋېلىپ: سېنىڭ داداڭ بىلەن مېنىڭ دادام دوزاقتا، دېدى(مۇسلىم، ئەھمەد، ئەبۇداۋۇد،بەززار، ئەبۇيەئلا، بەيھەقىي،ئەبۇئەۋانە، ئىبنۇخۇزەيمە،تەبەرانىي قاتارلىقلار توپلىغان)

    ئەھكامدىن باشقا مەسىلىلەردە ئاھاد كەلگەن ھەدىسلەرگە گەرچە سەھى سەنەد بىلەن كەلگەن بولسىمۇ سەل چىڭىراق مۇئامىلە قىلىنىدۇ، دەپ قارايدىغان ئالىملارمۇ بار، ئەبۇ ھەنىيفەمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلغان بولىشى مۇمكىن. بۇنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ سۆزىگە قارشى چىقتى. رەيىنى ھەدىسنىڭ ئالدىغا ئۆتكۈزۋالدى، دەپ چۈشىنىۋالمايلى. ئەھلىي مۇسۇلمانلارنىڭ بولۇپمۇ مۇجتەھىد ئالىملارنىڭ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ سۆزىگە قارشى چىقىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ھەدىسنى تەئۋىل قىلىۋەتكەن بولسا ئۇنىڭغا ئۆزىگە چۇشلۇق ئاساسىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئاندىن تەئۋىل قىلىۋەتكەن. ھەرگىز ئاساسىز ئىنكار قىلغان ئەمەس، ھەم ئۇنداق قىلىشقىمۇ ھەددى ئەمەس.
    [ بۇ يازمىنىabdullajan 2011-10-23 15:59قايتا تەھرىرل ]
    http://www.tesniym.com/
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8576
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 151
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە151دانە
    ئۆسۈش: 330 %
    مۇنبەر پۇلى: 1593 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-08-13
    ئاخىرقى: 2012-03-26
    4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-23 16:39

    Re:Re:Re:Re:18-قەۋەت (ئىزباسار) نىڭ يازمىسىغا

    ئىشلىتىش
    بۇ مەزمۇن 41قەۋەتتىكى qutluq نىڭ 2011-10-23 04:36 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل Re:Re:Re:18-قەۋەت (ئىزباسار) نىڭ يازمىسىغا :


    موللا ئەلى قارىنىڭ: شەرھۇ مۇختەسەر ۋىقايە، سىدە: ئەبۇھەنىپەنىڭ قارىشىدا ئات گۆشى ھالال ئەمەس، دېيىلگەن. ئەبۇھەنىپە ئات گۆشىنى مەكرۇھ، دېسە، ئەگەشكۈچىلىرى ھالال ئەمەس، دەپ تەرەققى قىلدۇردىمۇ؟ بۇمۇ بىر مەسىلە. ئۇندىن باشقا مەكروھ: ھارام مەكروھ، پاك مەكروھ، دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ، ھەنەپىيلەر قارىشىدا.بۇ يەرگە كەلگەندە، موللا ئەلى قارى گېپى ئىنكار قىلىنىۋەتسىمۇ مەيلى.

    ئابدۇللاجان، مۇنۇ بىر جۈملە  ئەبۇھەنىپە ھاياتىدا بولغان ئىشمۇ ياكى ئەبۇھەنىپە نامىدىن توقۇلغانمۇ؟ سىز قايسى ئىشەنچلىك مەنبەدىن كۆردىڭىز؟ ئەسلىي نۇسخىسى بىلەن مەنبەنى جىجاپ قويسىڭىز.

    ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىدىن ئات گۆشىنى ئېنىق ھارام دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنمىغان، بەلكى ئۇنى ياقتۇرمىغانلىقى ۋە يامان كۆرىدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ بۇنى ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرى مەكرۇھ، دەپ چۈشەنگەن، لېكىن بۇنىڭ تەنزىيھىي مەكرۇھ ياكى تەھرىيمىي مەكرۇھ ئىكەنلىكىدە ئىختىلاپلاشقان. ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ ئىككى شاگىرتى بولسا باشقا كۆپچىلىك ئالىملار بىلەن بىللە ھالال دەپ قارىغان، شۇڭا ھەنەفىي مەزھەبنىڭ ئۆزىدە ھارام دەيدىغان قاراش يوق، بەلكى ھەنەفىي مەزھەبتە پەتىۋا بېرىلىدىغان قاراش: تەنزىيھىي مەكرۇھلۇق بىلەن ھالال دېگەن قاراشتۇر.(ئەلمەبسۇت 11/233 ئەلھىدايە 4/68 بەدائىئ 5/38 ئەتتەجرىيد 12/6375 ھاشىيە ئىبنى ئابىدىين 6/305)
    ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئۇرۇش قورالى بولغان ئاتنى يەپ تۈگىتىۋېتىپ جەڭ قىلغاندا پىيادە قالماسلىق ئۈچۈن يېيىشنى چەكلىگەن بولۇپ، بۇ ئات گۆشىنىڭ ئۆزىنىڭ مەينەت ياكى ھاراملىقىنى بىلدۈرمەيدۇ، باشقا سەرەبتىن يېيىشنى توغرا تاپمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
    لېكىن دەلىل جەھەتتىن ئات گۆشى ھالال دېگەن قاراش كۈچلۈك. 

     بەزى مەسىلىلەرنى ئالىملارغا دۆڭگەپ قويمايلى.
    http://www.tesniym.com/
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8576
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 151
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە151دانە
    ئۆسۈش: 330 %
    مۇنبەر پۇلى: 1593 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-08-13
    ئاخىرقى: 2012-03-26
    5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-23 17:11

    ئەسلىي مەسىلىنى قويۇپ، باشقا مەسىلەردە ئىختىلابنى يەنە باشلىدۇق-دېسە، ئالىملارغا تەنە قىلغۇچىلار يەنە باشلىدى... توۋۋا
    http://www.tesniym.com/
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8576
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 151
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە151دانە
    ئۆسۈش: 330 %
    مۇنبەر پۇلى: 1593 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-08-13
    ئاخىرقى: 2012-03-26
    6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-23 17:24

    ئەسلىي مەسىلىگە كەلسەك، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ كۇفىردا ۋاپات بولغان - بولمىغانلىقى  ئۇنچە چوڭ، بىلمىسە بولمايدىغان ئەقىدە مەسسىلىلىرىدىن بولمىسا كېرەك. ئەگەر يۇقىردا نەقىل قىلىنغان ھەدىسلەر بويىچە راستىنىلا شۇنداق يەنى رەسۇللىلاھ سەللىلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئاتا-ئانىسى كۇفىرىدا ۋاپات بولغان، دەپ ھۆكۈم ئېلىنغان تەقدىردىمۇ بۇنى دەپ، سۆزلەپ يۈرۈشنىڭ ئۆزىلا بىر خاتالىق. چۈنكى بۇ  رەسۇللىلاھ سەللىلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئەرزىيەت يەتكۈزگەنلىكتۇر. شۇڭا ھاياجىنىمىزنى بېسىۋالايلى. «كۇفىرىدا ۋاپات بولمىغان.» دەپ قارايدىغانلار «ئۇنداق ئەمەس، كۇفىرىدا ۋاپات بولغان،» دەپ قارايدىغانلارنى ئەيىبلىمەيلى.   «كۇفىرىدا ۋاپات بولمىغان.» دەپ قاراش ئادەمنىڭ كۆڭلىنى بەكرەك خاتىرجەم قىلىدىكەن.
    http://www.tesniym.com/
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8576
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 151
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە151دانە
    ئۆسۈش: 330 %
    مۇنبەر پۇلى: 1593 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-08-13
    ئاخىرقى: 2012-03-26
    7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-23 18:57

    Re:Re:Re:Re:Re:Re:18-قەۋەت (ئىزباسار) نىڭ يازمىسىغا

    ئىشلىتىش
    بۇ مەزمۇن 53قەۋەتتىكى qutluq نىڭ 2011-10-23 18:19 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل Re:Re:Re:Re:Re:18-قەۋەت (ئىزباسار) نىڭ يازمىسىغا :

    ماۋۇ سوئالغا جاۋاب بەرمەپسىز. جاۋابىنى يېزىپ قويسىڭىز. باشقا سىز دېگەن يىپ بازىرى گەپنى بىر ئۆمۈر تالاشسا يەنە ئېشىپ قالىدۇ.

    .(ئەلمەبسۇت 11/233 ئەلھىدايە 4/68 بەدائىئ 5/38 ئەتتەجرىيد 12/6375 ھاشىيە ئىبنى ئابىدىين 6/305)
    http://www.tesniym.com/
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8576
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 151
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە151دانە
    ئۆسۈش: 330 %
    مۇنبەر پۇلى: 1593 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-08-13
    ئاخىرقى: 2012-03-26
    8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-23 19:05

    ئىشلىتىش
    بۇ مەزمۇن 54قەۋەتتىكى qutluq نىڭ 2011-10-23 18:24 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :

    كۆڭۈلنىڭ خاتىرىجەملىكى قوش تىرناق ئىچىدىكىسى بولماستىن، بۇ پەتىۋانى مەزھەب مۇتەئەسسۇبلىرى چىقارغاچقا، بولدىمىكى؟ بولمىسا رەسۇلۇللاھنىڭ ئادەم ئاتىغا قەدەر تۇتاشقان نەسەبىنى كۇفرىدا ۋاپات بولمىغان، دېسە تېخىمۇ كۆڭۈل خاتىرىجەم بولىدۇ. ئەمما، بۇ كۆڭۈل خاتىرىجەملىكى دەلىل بىلەن سۆزلەيدىغانلارغا ئەمەس، نېشە چەكمەي مەست بولىدىغانلارغا بەكرەك لايىق.

    سىزدەك مۇجتەھىد دەرىجىسىگە يەتمىگەندىكىن، مۇجتەھىد ئىماملاردىن بىرىنىڭ يولىدىنى تۇتۇپلا ئىختىلاپتىن ساقلانغان ياخشى. دەپ قارىدۇق.... بەس مېنىڭ ئارتۇقچە گەپ قىلغۇم يوق، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئەگەر كۆڭلىڭىزگە كەلگۈدەك گەپ قىلىپ سالغان بولسام كەچۈرۈڭ! زىيادە تالاش-تارتىشتىن خالىي بولايلى. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىز رەسۇللىلاھ سەللىلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسسەللەمنى قانداق سۆيسىڭىز مەنمۇ شۇنداق سۆيىمەن. ھەم بارچە مۇسۇلمان شۇنداق سۆيىدۇ دەپ قارايمەن.
    http://www.tesniym.com/
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8576
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 151
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە151دانە
    ئۆسۈش: 330 %
    مۇنبەر پۇلى: 1593 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-08-13
    ئاخىرقى: 2012-03-26
    9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-24 00:27

    Re:Re:Re:Re:Re:Re:Re:Re:18-قەۋەت (ئىزباسار) نىڭ يازمىسىغا

    ئىشلىتىش
    بۇ مەزمۇن 57قەۋەتتىكى qutluq نىڭ 2011-10-23 19:33 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل Re:Re:Re:Re:Re:Re:Re:18-قەۋەت (ئىزباسار) نىڭ يازمىسىغا :


    ئاۋۇ جۈملىنى مۇنۇ كىتابلاردىكى ئەسلى ئەرەبچىسىنى، مەزكۇر كىتابقا ئەبۇھەنىپەدىن قانداق يېتىپ كەلگەن؟ ئەبۇھەنىپە بىلەن كىتاب مۇئەللىپلىرى ئارىسىدىكى كىشىلەرنىمۇ(خۇددى ھەدىس سەنەدلىرىدەك) يېزىپ قويسىڭىز.

    بۇنداق سورىشىمدىكى مەقسەت: مەن ئەبۇھەنىپەنى ئىنتايىن تەقۋا مۇجتەھىد، سۈننەتچى ئالىم، دەپ چۈشىنىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ كىشى رەسۇلۇللاھ مەدھىيلىگەن زاماندا يەنى دەسلەپكى 3 دەۋردە ياشىغان تەبىئى تابىئىن. ئەمما، بۇ ئالىىمىمىز نامىدىن توقۇلغان سۆز - ئەپسانىلەر ھەنەپىيە كىتابلىرىدا ساماندەك. شۇڭا، ئالىمنى مەدھىيلىگۈچىلەرمۇ پاكىتى بىلەن مەدھىيلىسە؛ تەنقىتچىلەرمۇ پاكىتى بىلەن تەنقىتلىسە. چۈنكى، مەن بەزىلەردەك بۇ كىشىنى ئىلاھلاشتۇرۇپ ياكى پەيغەمبەر دەرىجىسىدە كۆرمەيمەن. شۇنداقلا داۋاملىق خاتالىشىپ تۇرىدىغان، قايسى پاكىت كۈچلۈك بولسا شۇنىڭغا قايتالايدىغان ئېسىل پەزىلەتلىك كىشى. مەن بۇ كىشىنىڭ: ئىشەنچلىك ھەدىس مەزھىبىمدۇر، دېگەن مەنىدىكى سۆزىنى توغرا كۆرىمەن، شۇ بويىچە ئىش كۆرۈشكە تىرىشىمەن. دېمەك، مەن ئەبۇھەنىپە ماڭغان رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەر يولىدا مېڭىشقا داۋاملىق تىرىشقۇچى. بىز بىر يولدا. ئەمما، ئىمام نامىدىن پايدىلىنىپ، شەرىئەتكە توقۇلغان، قوشۇلغان ئاتالمىش ھەنەپىيە قارىشىنى سېسىق پايتىمىنى چۈرۈپ تاشلىغاندەك تاشلىۋېتىمەن.

    كىتابلار باب بەت سانلىرىغىچە بېرىلدى، شۇنىڭغا قارىسىڭىز بولىدۇ، ئەرەبچىسىنى بۇ يەردە كەلتۈرۈش ئەپسىز، ھەم ئۇنىڭغا ۋاقىت يوق. شۇ كىتابلارنى تېپىپ ئالدىرىماي قاراپ باقسىڭىز بولىدۇ. باشقىلارغا نىسپەتەن ياخشى گۇماندا بولۇڭ. ھېچكىم ئەبۇ ھەنىيفەنى ئىلاھلاشتۇرىۋالغىنى يوق. ئەگەر ئۇنداق قىلسا ئۇنىڭ مۇشىرىكلاردىن، يەھۇدىي-ناسارالاردىن نېمە پەرىقى؟! ئەبۇ ھەنىيفەنى ھۆرمەتلىگەن، ياخشى گېپىنى قىلىپ قويغانلا ئادەم بولسا ئۇنى ئىلاھلاشتۇرۋالغان ياكى پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا قويىۋالغان بولمايدۇ . ئىلگىركى دەۋرلەردە ئالىملار كىتاب يازسا شاگىرتلىرى ئۇنى خاتىرلىگەندە، كىتابنىڭ كىرش سۆزىدە ئۇستازىنى ئالاھىدە ماختاپ،ھۆرمەتلەپ تىلغا ئېلىپ قوياتتى. بۇ شۇ دەۋردە بىر مودىدەك بولغان ۋە كۆپ كۆرۈلگەن ئىش. ئۇ كىتابلار قول-يازما ھالەتتىكىلىرىدە سىز دېگەندەك بەزى بىر خاتا، يالغان جايلار باردۇ، لېكىن كۆپ قىسىمى توغرا. ھەدىس توپلاملىرىدىمۇ تەپسىر كىتابلىرىدىمۇ يالغان توقۇلما ھەدىسلەر مەزمۇنلار بولىدىغۇ، بۇخارىي مۇسلىمدىن باشقا قايسى ھەدىس كىتابى ئېتىزازدىن خالىي بوپ باققان. لېكىن تەققىھلىنىپ بولغانلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر. ئەگەر مەن ئۇ كىتابلارنى تەھقىھلىيەلەيدىغان قوليازمىنى نەشىرگە تەييارلىيالايدىغان بولسام، بۇ يەردە سىز بىلەن مۇنازىرە قىلىپ ئولتۇرماييتىم، ئۇدۇل ئەزھەرگە بېرىپ دوكتۇرلۇقنى ئالغان بوللاتتىم. ئاۋامۇنناسنىڭ مەزھەپ ئىماملىرىغا ئەگەشكەنلىكىنى خاتا چۈشىنىپ قالماڭ. ئۇلار سىزدەك دەللىلەرنى سېلىشتۇرۇپ، توغرا ئانالىز قىلالمىغاندىكىن مەزھەب ئىماملىرىغا تەقلىد قىلماي ئامال يوق. مۇسۇلمانلاردىن ھېچكىم ئايەت ، ھەدىسكە قارشى چىقمايدۇ. لېكىن ئايەت ھەدىسنى چۈشىنىشى ئوخشاش بولمايدۇ. ئۆزىڭىزگە ئوخشاش چۈشەنمىگەن ئادەمنىڭ ھەممىسىنى خاتالاشتى دېسىڭىز بولمايدۇ.
    http://www.tesniym.com/