-
مەڭگۇنۇر: مەن تۈركىيەدە قانداق ئوقۇدۇم(1) How I came to study in Turkey,by Mengunur - [America ئامرىكا]
2009-03-18
Jeck ئىلاۋىسى: تورداش مەڭگۇنۇر ئوزۇندىن بۇيان Jeck تور خاتىرىسىنىڭ سادىق ئوقۇرمەنى ۋە يازما تەھرىرلەشكە ياردەملەشكۈچىسى. ئۇ بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىنى پۈتتۈرۈپ ئوزۇن ئۈتمەي تۈركىيەگە چىقىپ ئوقۇغان بولۇپ ھازىرمۇ شۇ يەردە ئىستانبول ئۇنۋېرسىتىتدا ئوقۇۋاتىدۇ. يېقىندا مىنىڭ تەكلىۋىم بىلەن ئۈزىنىڭ تۈركىيەگە ئوقۇشقا بېرىش ۋە ئوقۇش جەريانىدىكى كۆرگەن بىلگەنلىرىنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچى. تۈركىيەگە چىقىپ ئوقۇش توغرىسىدا تەييارلىق قىلىۋاتقانلارغا ئازدۈر كۆپتۇر پايدىسى بۇلىشىغا ئىشىنىمەن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم Jeck تور خاتىرىسىنىڭ سادىق ئوقۇرمەنلىرى. بۈگۈن Jeck نىڭ تەكلىۋى بىلەن بۇ يازمىنى تورداشلار ئۈچۈن تەييارلىدىم. قاملاشمىغان جايلىرى بولسا كەچۈرگەيسىزلەر. ئاۋال ئۆزەم توغرىلىق قىسقىچە مەلۇمات بىرىپ ئۆتەي.
مېنىڭ ئىسمىم مەڭگۈنۇر مۇتەللىپ،قۇۋۇق ناھىيىسىدە تۇغۇلدۇم .قاراماي شەھەرلىك 2-باشلانغۇچ ۋە قاراماي شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈردۈم.تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ 2001-يىلى بېيجىڭ پىداگوكىكا ئۇنۋېرسىتىتىغا تاللاندىم ۋە 2001-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنۋېرسىتىتىدا 2يىل تەييارلىق ئوقۇدۇم.2003-يىلى 7-ئايدا بېيجىڭ پىداگوكىكا ئۇنۋېرسىتىتىدا مائارىپ ئىلمىدە ( مائارىپ پىسكولوگىيىسى ) 4يىل باكلاۋۇرلۇقتا ئوقۇدۇم،2007-يىلى بېيجىڭ پىداگوكىكا ئۇنۋېرسىتىتىنى پۈتتۈردۇم ۋە ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپلا تۇركىيەدە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلدىم.
مەن ئۇنۋېرسىتىتتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا ئەسلىدە گىرمانىيە مىيۇنخىن ئۇنۋېرسىتىنىڭ پىسخولوگىيە كەسپىدە ئوقۇشنى ئويلىغانىدىم،شۇڭا بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىدا ئىشتىن سىرت بىر يېرىم يىل نېمىس تىلى ئۆگەندىم ۋە ئىمتىھان بەردىم ،گىرمان تىلىدىن 4-دەرىجىدىن ئۆتتۈم،ئەمما كىيىنچە ئۆيدىكىلەرنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئۇنچە ياخشى ئەمەسلىگىنى نەزەردە تۇتۇپ گىرمانىيەدە ئوقۇشتىن ۋاز كەچتىم. لېكىن مىنىڭ يەنىلا چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش خىيالىدىن ۋاز كەچكۇم يوق ئىدى. شۇڭا چەتئەلدىكى دوستلىرىم ۋە Jeck تور خاتىرىسىدىكى تۈركىيەدە ئوقۇش تېمىسىدىكى يازمىلاردىن تۈركىيەدە ئوقۇش پۈرسىتى بارلىقىنى بىلدىم. شۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيەدىكى دوستلىرىمغا دەپ ئۇ يەرنىڭ چاقىرتىش قەغىزىنى ئالدىم. ئۇندىن كىيىن كېرەكلىك ماتىرياللارنى تەييارلاپ،تۈركىيە كونسۇلغا ماتىرياللىرىمنى تاپشۇردۇم. شۇنچىلىك ۋاقىتتىن بېرى نېمىس تىلى ئۆگۈنۈپ تۇيۇقسىزلا تۈركىيەدە ئوقۇش پىلانى چىقىپ قالغاچقا سەل گاڭگىراپ قالدىم. چۈنكى گىرمانىيەدە ئوقۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى ۋە ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن نېمىس تىلىمۇ ئۆگۈنۈپ،بىر يەرلەرگە بارغانىدىم. شۇنداقتىمۇ ئەمىلىيەتنى قۇبۇل قىلىپ بىر ئاز تۈرك تىلى ئۆگۈنۈشكە تۇتۇشتۇم. بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتىدا تۈرۈك تىلى ئۆگۈنۈشكە باشلىدىم .بۇ جەرياندا كۆڭلۈم ناھايىتى تەڭپۇڭسىز ئىدى. بۇ ۋاقىتلارنى ئۈز -ئۈزەمگە تەسەللى بىرىپ ئارزۇيۇمغا بىر قەدەم بىر قەدەمدىن يىتىشنى پىلانلىدىم. ئوزۇن ئۈتمەي تۈركىيەنىڭ ۋىزىسىمۇ چىقتى. شۇنىڭ بلەن تۈركىيەگە قاراپ يولغا چىقتىم.
پاسپورتنى مەن بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا بىجىرىپ قويغان ئىدىم. پاسپورت ھەل قىلىش ئۈچۈن 200يۈەن ،رەسىم ئۈچۈن 70يۈەن تۆلىدىم. مەن يەنە پاسپورتنىڭ ئەسكەرتىش دېگەن بېتىگە ئەسكەرتىش قىلىپ ئىسمىمنى خەنزۇچە پىنيىن يېزىقىدىن نورمال لاتىنچىگە ئۆزگەرتىشكە بىر ئىلتىماس قىلدىم ۋە بۇنىڭ ئۈچەن 40 يۈەن تاپشۇردۇم. پاسپورت 2 ھەپتىدە چىقتى.ئەسكەرتىش يېزىش ئۈچۈن 3كۈن كەتتى.
تۈركىيەگە ئىلتىماس قىلىش ۋىزا چىقىشتىن بۇرۇن بىر ئاز ۋاقىت بولغاچقا ئۈرۈمچىگە قايتىپ كىلىپ ئۈرۈمچى ئىستىقبال چەتئەل تىلى تەربىيلەش مەركىزىگە ئوقۇتقۇچىلىققا ئىلتىماس قىلدىم ۋە بۇ يەردە بىر مەزگىل ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ ئىشلىدىم .كىچىكىمدىن تارتىپلا ئوقۇتقۇچى بۇلۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم،ئۇ كۈنلەرنى ھازىرمۇ دائىم ئەسلەپ تۇرىمەن.ئۇ يەردە بىر مەزگىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغاندىن كېيىن تۈركىيەگە ۋېيزا ئىلتىماس قىلغان تەلىۋىمدىن جاۋاپ كەلدى،ئۆيگە بېرىپ تەييارلىق قىلدىم-دە ،ھاياتىمدىكى يەنە بىر يېڭى مۇساپەمنى باشلاپ تۈركىيەگە يولغا چىقتىم.ئايروپىلان قوزغالغان جەرياندا،كاللامدىن نۇرغۇن ئىشلار خۇددى بىر فىلىم كۆرگەندەك بۇلۇپ ئۆتتى.ھاياتىمدا ھېچبىر ئاياغ دەسسەپ باقمىغان ناتونۇش دۆلەتكە بولغان قىزىقىش ۋە بىر خىل ئەنسىرەشلەر كاللامدىن ئۆتتى.شۇ خىياللار بىلەن قاچانلاردۇر ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ ئسىتانبۇلغا ئاز قالدۇق دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدىم، سىتانبۇل شەھىرىگە چۈشكەندىن ئۆز يۇرتۇمدىن شۇنچە يىراق مەملىكەتتىكى كىشىلەرنىڭ تىلى ماڭا شۇنچە يېقىن ۋە يېقىملىق بىلىندى.سىتانبۇلدىكى ھاياتىم شۇنىڭ بىلەن باشلاندى.
تۈركىيەگە كېلىش ئۈچۈن پۇل لازىم بولدى. ئۆيدىكىلەرنىڭ بەرگەن پۇلى ۋە ئۆزۈمنىڭ بۇرۇن ئوقۇش جەريانىدا مەكتەپتە ئىشلەپ يىغقان پۇلۇم بىلەن بۇلۇپ 3000دوللار توپلاندى،ئۈرۈمچىدىن تۈركىيەگە بارىدىغان ئايروپىلان بېلىتىنى 3000نەچچە يۈەنگە ئالدىم،تۈركىيەگە بېرىپ تۈرۈك تىلى ئۆگۈنۈش سىنىپى (تومار)غا ئوقۇش پۇلى تاپشۇردۇم، بىر يىللىق ئوقۇش پۇلى 600دوللار بولدى.ئۇ يەردە تۇرۇشقا كىنىشكە(ئىكامېت) ئېلىش ئۈچۈن بىر ئاز كەتتى. 4 ئايلىق تىل كۇرسىنى ئوقۇدۇم،( نورمال بولغاندا ، تىل كۇرسىنىڭ بىر يىللىق ئوقۇش پۇلى 600 دوللار بولىدىكەن) . تۈرك تىلى گەرچە ئۇيغۇر تىلىغا ئىنتايىن يېقىن بولسىمۇ ،ئەمما ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئۈچۈن خېلى يۇقىرى تىل سەۋىيىسى تەلەپ قىلىدىكەن،دەسلەپكى مەزگىلدە خېلى قىيىنچىلىققا ئۇچرىدىم،بېيجىڭدا ئازراق ئۆگەنگەن تۈركچە تىلى ئۇ يەردە ھېچبىر گەپ ئەمەس ئىكەن. ئەمما ئىمى ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىسەم جوڭگوغا قايتۇرۋېتەتتى ،شۇڭا كېچە-كۈندۈز ئۆگەندىم. يىغلىغان ۋاقتىممۇ بولدى،ئائىلەمدىكىلەرنىڭ رىغبەتلەندۈرىشى ماڭا ھەر ۋاقىت يار-يۆلەك بولدى.3- ئايدا (y?s)دېگەن ئىمتىھاننى بەردىم. بۇ ئىمتىھاننى ماتىماتىكا ۋە تۈرىكچىدىن بەردىم. 4- ئايدا (tcs) دېگەن ئىمتىھاننى بەردىم.كۆپ تىرىشچانلىقلار بەدىلىگە باشقا ساۋاقداشلار خېلى ئۇزاق ۋاقىتتا ئۆتىدىغان تىل ئىمتىھانىدىن 4 ئايدىن كېيىنلا ئۆتتۈم،ئەلۋەتتە بۇ جەريانلاردا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدىم،يېڭى بىر دۆلەتتە دەسلەپكى ھاياتنى باشلاش ئۈچۈن ئۇزاق بىر جەريان كېرەك ئىكەن. ئىمتىھان نەتىجىسى ئاخرى چىقتى. ئسىتانبۇل ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى قولغا ئالغىنىمدا تولىمۇ خوشال بولدۇم.
تۈركىيەگە بېرىپ ئۇ يەردە تۈرك قىزلار بىلەن بىر ئۆيدە تۇردۇم. ئۆي ئىجارىسىنى ئايدا 100لىرادىن بەردىم. يېمەكلىرىگە پەقەت كۆنەلمىدىم. ئامالسىز ئاچ-توق يۈردۈم. كېتىش خىيالىممۇ بولدى،ئۆيدىكىلەرگە تېلىفون قىلدىم ،ئاپام بىلەن ئۇزاق باراڭلاشتىم،ئۆيدىكىلەرنىڭ يېتەكلىشى بىلەن يەنە داۋاملىق تىرىشىشقا باشلىدىم،ئۆزۈم ئۆيدە ئۇ يەرچە تاماق ئېتىشكە باشلىدىم.ئۇنى تاپسام بۇ يوق،تاپقان نەرسەم تېخى ئۆيدىكىگە ئوخشىمىغان،ئۆيدىكى تۈرۈك قىزلارمۇ ماڭا كۆپ ياردەم قىلدى،مېنىڭ بۇنداق قىيىنچىلىقلىرىمنى كۆرۈپ مەن نېمە دېسەم كۈچىنىڭ بارىچە تەييارلاپ بەردى،ئۈچ ئاي ئۆتكەندىن كېيىن خېلى ئۆزلىشىپ قالدىم،تۈرۈكلەرنىڭ تاماقلىرىنىمۇ ئېتىشنى ئۆگەندىم،مەكتەپتە تۈرۈك تىلى ئۆگۈنۈشكە ئەتىگەن باراتتىىم،يېرىم كۈنلۈك دەرس ئىدى،ئۆيگە قايتىپ يەنە تۈرۈكچە ئۆگۈنەتتىم،قارىماققا تۈرۈك تىلى ئاددىدەك قىلغىنى بىلەن ئەمما يەنە چوڭ پەرق بار ئىدى،گىرامماتىكا ۋە سىرتتىن قوبۇل قىلغان سۆزلىرىمۇ ئۆزگىچە ئىدى.
تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن پۇلۇم ئۇنى ،بۇنى قىلىپ تۈگەپ قالدى. بىر يەردىن ئىش تېپىپ ئىشلىشىم كېرەك ئىدى،دوسلىرىمغا ھاۋالە قىلدىم ،شۇنىڭ بىلەن تەرجىمانلىق قىلىدىغان ئىش چىقىپ قالدى،3كۈنلۈك تەرجىمانلىق قىلدىم ،خەنزۇچە ،تۈرۈكچە 3كۈنلۈك تەرجىمانلىق قىلىپ 450دوللار تاپتىم.ئۆز تۇرمۇش پۇلۇمنى تېپىش ۋە ئوقۇشۇمنى ياخشى تاماملاش ئۈچۈن كۆپ تىرىشتىم،2008-يىلى 5-ئايدا تۈرۈك تىلى سىنىپىم تۈگىدى.ئىمتىھاننىمۇ بەردىم،تەتىلدە يەنە مۇشۇنداق تەرجىمانلىق ئىشلىرىنى تېپىپ ئىشلىدىم،بۇرۇن تەرجىمانلىق قىلىپ بەرگەن مۇشتىرلىرىم تۈركىيەگە كەلگەندە داۋاملىق مېنىڭ ئۇلارغا تەرجىمانلىق قىلىپ بېرىشىمنى دەيدىغان بولدى.ئىستانبۇل ئۇنۋېرسىتىغا كىردىم،يېرىم يىللىق ئوقۇش پۇلى ئۈچۈن 144لىرا تاپشۇردۇم.،مەكتەپ ماڭا بىر يىللىق تۈركىيەدە تۇرۇش پۇرسىتىنى پۇلسىز بەردى.ئادەتتە مەكتەپتە ئۇتۇق قازانغان ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپ پۇلسىز تۇرۇش پۇرسىتى بېرىدۇ.تاكى مەكتەپ پۈتتۈرگىچە.
تۈركىيەدە مائارىپ: تۈركىيەدە 6-14ياشقا قەدەر مەجبۇرىي مائارىپ تۈزۈمى يولغا قويۇلغان ئىكەن. پۈتۈن دۆلەتتە 820دىن ئارتۇق ئۇنۋېرسىتىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوقۇتۇش ئورۇنلىرى بار،ئومۇمىي سانى بىر مىليوندىن ئاشىدىغان ئوقۇغۇچىسى بار ئىكەن. دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئاساسلىق ئۇنۋېرسىتىتىلار ئاساسەن ئستانبۇل ۋە ئەنقەرەگە جايلاشقان. 1923-يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى يېڭى قۇرۇلغاندا ،پۈتۈن دۆلەتتە %10كىمۇ يەتمىگەن كىشى خەت تونۇيدىكەندۇق. مۇستافا كامال يېتەكچىلىكىدە ،مائارىپ ئىنتايىن تېز تەرەققىي قىپتۇ. 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا پۈتۈن دۆلەتنىڭ ساۋاتلىشىشى %76كە كۆتۈرۈلۈپتۇ. ھازىر تۈركىيەدە 85ئۇنۋېرسىتىت بار. ئاساسلىقى دۆلەت ۋە شەخسىي ئىگىدارچىلىق قىلغان. دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۇلى تۆۋەنرەك. ئەمما شەخسىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۇلى بەزىدە 15000دوللارغا يېقىنلىشىدۇ. ھەر يىلى مەكتەپكە دۆلەتتىن بىر تۇتاش ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى تەلەيلىك ئوقۇغۇچىلار ئۇنۋېرسىتىتى ھاياتىنى باشلايدۇ. تۈركىيەنىڭ ئۇنۋېرسىتىتىلىرىنىڭ تۈزۈمى بەك ئوخشاپ كەتمەيدۇ. بەزى ئۇنۋېرسىتىتىلار دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.
تۈركىيە مائارىپ سېتسىمىسىدە:
1) تۈركىيەگە باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىش ئۈچۈن بارغانلار yosدېگەن ئىمتىھاننى بېرىدۇ.بۇنىڭغا ئاساسلىق تۈرۈك تىلى،ماتىماتىكا ،iqدىن ئىبارەت ئۈچ تۈردىن بېرىدۇ.
2) ماگىستېرلىق قىلىش ئۈچۈن كەلگەنلەر alesۋەtsc دىن ئىبارەت ئىككى ئىمتىھاننى بېرىدۇ،ales تە ماتىماتىكا ۋە تۈرۈك تىلىدىن بېرىدۇ،tsc تە تۈرۈكچىدىن ئىمتىھان بېرىدۇ.
ئستانبۇل ئۇۋېرسىتىتى : تۈركىيەدە تارىخى ئەڭ ئۇزۇن ،ئاساسلىق ئالىي بىلىم يۇرتىدۇر. كۆپلىگەن بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى ساھالىرىدە ئاساسلىق رول ئويناۋاتىدۇ.نۇرغۇنلىغان تۈركىيەگە داڭلىق سىياسەتچى ،سودىگەرلەر ۋە باشقا نۇرغۇن ساھالەردە مۇۋەپپىقىيەتلەرگە ئېرىشكەن كىشىلەر بۇ مەكتەپنى ئوقۇپ پۈتتۈرگەنلەر. مەكتەپ ستانبۇلنىڭ نۇرغۇن رايونلىرىغا تارقالغان بۇلۇپ ئاساسلىق مەكتەپ رايونى ستانبۇلنىڭ بىيازىت مەيدانىغا جايلاشقان. ئستانبۇل ئۇۋېرسىتىتى 1846-يىلى23-ئىيۇلدا قۇرۇلغان،لېكىن تېخىمۇ ئۇزاق تەكشۈرسەك ئەمەلىيەتتە بۇ مەكتەپ 1453يىلدىن باشلاپلا بىر مەدرىس سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. بۈگۈن پۈتۈن مەكتەپنىڭ 5 ئوقۇش رايونى،2000غا يېقىن پىروفسسورى ۋە 4000غا يېقىن ياردەمچى تەتىقىقاتچى،60000دىن ئارتۇق تولۇق كۇرۇس،8000غا يېقىن ماگىستېر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىسى بار.ئستانبۇل ئۇنۋېرسىتىتى نۇرغۇن تۈرك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇ ۋە ئۈمۈدى پۈكۈلگەن مەكتەپ.ئۇ شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ پەخرى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ،تۈركىيەگە شۇنداقلا دۇنيانىڭ ئىلىم-پەن ساھاسىگە تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن ئىزدەنمەكتە.
مەن ئستانبۇل ئۇۋېرسىتىتىدا يەنە بۇرۇنقى كەسپىم بولغان مائارىپ پىسخولوگىيسىدىن ماستېرلىق(ماگىستىرلىق) ئوقۇشنى قارار قىلدىم.ئوقۇشقا كىرگەندىن كېيىن مۇئەللىملەر يەنە بىر قېتىملىق ئىمتىھان ئالدى ۋە بېيجىڭ پىداگوكىكا ئۇنۋېرسىتىتىدىكى نەتىجىلىرىمنى قايتا كۆردى،بۇ ئىمتىھان مېنىڭ كەسىپتىن تەييارلىق ئوقۇش-ئوقۇماسلىقىمنى سىنايدىغان ئىمتىھان ئىدى.نۇرغۇنلىغان كەسپىي ئاتالغۇلار بولغاچقا ئىمتىھاندىن سەل قورقتۇم.ئاتالغۇلارنى كېچە-كۈندۈز ئۆگەندىم.،بۇنچىلىك قىلىشىم ۋاقىتنى يېڭىش ئۈچۈن ئىدى.ئىمتىھاندىن ئۆتتۈم ۋە كەسىپ ئوقۇشقا باشلىدىم،بىزنىڭ كەسىپتىن ماگىستىرلىق پۈتتۈرۈش ئۈچۈن جەمئى 8پەن دەرس ئېلىشىمىز كېرەك بۇلۇپ،مەن 4دەرس تاللاپ ئوقۇپ تۈگىتىپ بولدۇم.دەرس نەتىجىلىرىممۇ ناھايىتى ياخشى بولدى.ھازىر كەلگەن دەرسلىرىمنى ئوقۇۋاتىمەن،بۇ يىل 6-ئايدا دەرسلىرىمنى پۈتۈنلەي تۈگىتىش پىلانىم بار.ماقالە داۋاملىشىدۇ. ئاخرىنى كەينىدىكى تىمىدىن ئوقۇڭ.
历史上的今天:
Cows & Countries: Politics Explained 2008-03-18ئامرىكا غايىسى American Dream 2008-03-18بصز توردا نصمة قصلالايمصز(2) 2007-03-18
收藏到:Del.icio.us
مەڭگۇنۇر: مەن تۈركىيەدە قانداق ئوقۇدۇم(2) . How I came to study in Turkey,by Mengunur
Blog:Jeck تور خاتىرىسى2009-04-24 02:20:25
评论