جۇڭگو ئاخبارات تورى 23–ئىيۇن تېلېگراممىسى : جۇڭگو يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش ئىستانسىسى تورىنىڭ ئۆلچەپ بېكىتىشىچە ، بېيجىڭ ۋاقتى 23–ئىيۇن سائەت 5:50 دە ، ياپونىيەنىڭ خونشو ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىغا يېقىن جايدىكى دېڭىز رايونىدا (شىمالىي كەڭلىك 39.9 گىرادۇس ، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 142.6 گىرادۇس) 7.0 بال يەر تەۋرىگەن ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 20 كىلومېتىر كېلىدىكەن .
باشقا بىر ئۇچۇردا ئېيتىلىشىچە ، شۇ جاي ۋاقتى 23–ئىيۇن سەھەر سائەت 6:51 دە ، ياپونىيەنىڭ ئىۋاتې ناھىيەسىگە يېقىن دېڭىز رايونىدا 6.7 بال يەر تەۋرىگەن . ياپونىيە مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى دېڭىز تاشقىنىدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتقان .
نۆۋەتتە ، ئادەم ئۆلۈش–يارىلىنىش ئەھۋالى ۋە مال–مۈلۈك زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات يوق .