جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 21-ئىيۇن خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ش ئا ئە ت 21-ماي لىۋىيە ھاۋا تەۋەلىكىدە رازۋېتكا ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ رادار بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى ئېيتقان، بىرلا ۋاقىتتا ش ئا ئە ت نىڭ بىر ھۇجۇمچى تىك ئۇچار ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتكەنلىكىگە ئالاقىدار خەۋەرنى ئىنكار قىلغان.
ش ئا ئە ت ئارمىيىسىنىڭ باياناتچىسى مايك برېيكېن (Mike Bracken) بايانات ئېلان قىلىپ، گرېنۋىچ ۋاقتى 21-ئىيۇن سائەت 07:20 ئۆتكەندە (ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 13:20 ئۆتكەندە)، ئىتالىيەنىڭ نابلىسقا جايلاشقان ش ئا ئە ت بىرلەشمە قوماندانلىق مەركىزى بىلەن بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان.
مايك:«بۇ ئۇچقۇچىسىز تىك ئۇچار ئايروپىلان لىۋىيە بوشلىقىدا ئاخبارات-يوشۇرۇنچە ئاڭلاش ۋە رازۋېتكا قىلىش خىزمىتى ئىجرا قىلىپ، ئاممىغا تەھدىت سالغان قازافى ئارمىيىسىنى نازارەت قىلىۋاتاتتى. بىز ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈۋاتىمىز» دېگەن.
ئۇ:«ش ئا ئە ت جەزىم قىلىدۇكى، بىرلەشمە قوغداش ھەرىكىتىدە ھېچقانداق بىر ھۇجۇمچى تىك ئۇچار ئايروپىلان چىقىم تارتمىدى» دېگەن.