ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئىران جۇندۇللاھ بېرېگادىسىنىڭ 4 ئادىمىنى قولغا ئالدى

2011-يىلى06-ئاينىڭ22-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
ئىران سىستان-بالۇچىستان ئۆلكىسىنىڭ باش تەپتىشى ئىبراھىم ھەمىدى جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 22-ئىيۇن خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تورى شۇ جاي ۋاقتى 21-ئىيۇن خەۋەر قىلىپ، 21-ئىيۇن ئىران ساقچىلى
   ئىران سىستان-بالۇچىستان ئۆلكىسىنىڭ باش تەپتىشى ئىبراھىم ھەمىدى
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 22-ئىيۇن خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تورى شۇ جاي ۋاقتى 21-ئىيۇن خەۋەر قىلىپ، 21-ئىيۇن ئىران ساقچىلىرىنىڭ توپىلاڭچى ئارمىيە «ئاللاھ برېگادىسى-Jundallah» نىڭ 4 نەپەر خادىمىنى قولغا ئالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى قوزغاش مەقسىتىدە بولغانلىقىنى ئېيتقان.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئىران تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى ئىراننىڭ جەنۇبىي قىسىمىدىكى سىستان-بالۇچىستان ئۆلكىسىنىڭ باش تەپتىشى ئىبراھىم ھەمىدىنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىشىچە، جۇندۇللاھنىڭ 4 نەپەر ئادىمى بومبا ئورنىتىلغان جىلتىكە كىيىپ، مەزكۇر ئۆلكىگە كىرمەكچى بولغان، ئېھتىمال مەخپىي ھۇجۇم قىلىش قەستىدە بولغان بولىشى مۇمكىن ئىكەن، شۇڭا قولغا ئېلىنغان.
بۇ 4 ئادەم جاسۇسلۇق جىنايىتى ۋە توپىلاڭچىلار بىلەن ھەمكارلاشقانلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىدىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردا ھۆكۈمەتكە قارشى تەشكىلات ئىران «ئاللاھ برېگادىسى» ئېغىر ئۆلۈم-يېتىم پەيدا قىلغان بىر قاتار ھۇجۇملارغا مەسئول بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇلتۇر 12-ئايدا، مەزكۇر تەشكىلات چاباھاردا يۈز بەرگەن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ۋەقەسىگە مەسئول بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، بۇ ھۇجۇمدا 39 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.
ئىران دائىرلىرى «ئاللاھ برېگادىسى» نىڭ غەرب دۆلەتلىرى ۋە ئىسرائىلىيە، پاكىستاننىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.   
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!