ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئىران پارلامېنتى 21-ئىيۇن دېپلوماتىيە مىنىستىرى سالىھنى ئەيىبلەش تەكلىپ لاھىيىسىگە بېلەت

2011-يىلى06-ئاينىڭ21-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 21-ئىيۇن خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 21-ئىيۇن، ئىران پارلامېنتى (مەجلىسى) دېپلوماتىيە مىنىستىرى ئەلى ئەكبەر سالىھىنى ئەيىبلەشنى كۈنتەرتىپكە قويغان، سەۋەبى كۆپلىگەن پارلامېنت ئەزالىرى ئۇنىڭ يېق
  

 
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 21-ئىيۇن خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 21-ئىيۇن، ئىران پارلامېنتى (مەجلىسى) دېپلوماتىيە مىنىستىرى ئەلى ئەكبەر سالىھىنى ئەيىبلەشنى كۈنتەرتىپكە قويغان، سەۋەبى كۆپلىگەن پارلامېنت ئەزالىرى ئۇنىڭ يېقىندا تەيىنلىگەن مۇئاۋىن ياردەمچىسىدىن نارازى بولغان، قىسمەن پارلامېنت ئەزلىرى تەھدىت سېلىپ، ئەگەر ئەلى ئەكبەر سالىھى مۇئاۋىن ياردەمچىسىنىڭ خىزمىتىنى بىكار قىلمىسا ئۆزىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىران پارلامېنتى تورىنىڭ بىر باياناتىدا دېيىلىشىچە، پارلامېنت 21-ئىيۇن 33 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ سالىھنى ئەيىبلەش تەكلىپ لاھىيىسىنى كۈنتەرتىپكە قويۇشنى تەلەپ قىلغان. ئىران ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن، پارلامېنتتىكى 290 ئادەم ئىچىدە، 10 ئارتۇق ئادەم ۋەزىپىدىكى ئەمەلدارلارنى ئەيىبلەش تەكلىپ لاھىيىسىگە ئىمزا قويسا، پارلامېنت چوقۇم ئەيىبلەش تەرتىپىنى قوزغىتىشى كېرەك.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئەيىبلەنمەكچى بولغان ئەمەلدار 10 كۈن ئىچىدە ئۆزىنى ئاقلاپ، يەنە بىر قېتىم ئىشەنچ بېلىتى تاشلاشنى تەلەپ قىلسا بولىدىكەن.
بۇنىڭدىن بۇرۇنقى خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، ئىران دېپلوماتىيە مىنىستىرى ئەلى ئەكبەر سالىھى مۇھەممەد سەھرىف مالىكزادەھنى مۇئاۋىن دېپلوماتىيە مىنىستىرى قىلىپ تەيىنلەپ، باشقۇرۇش ۋە مالىيە ئىشلىرىغا مەسئول قىلغان، بۇ بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قارشى تۇرىشىغا ئۇچرىغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ پارلامېنت ئەزلىرى مالىكزادەھكە قارشى تۇرۇشىنىڭ سەۋەبى، ئۇ پىرىزدېنت ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇدىرىنىڭ تۇغقىنى ئىكەن. ئەمما بۇ مۇدىر پىرىزدېنت ئەخمەد نىجادنىڭ تۇغقىنى ئىكەن. ئەخمەد نىجاد ئۇنى بىرىنچى مۇئاۋىن پىرىزدېنتلىققا تەيىنلىگەن، ئەمما پارلامېنتنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان؛ كېيىن ئەخمەد نىجاد ئۇنى پىرىزدېنت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى قىلىپ تەيىنلىگەن، بۇ يىل 4-ئايدا بېسىم ئاستىدا ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى بىكار قىلغان.
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، مۇئاۋىن دېپلوماتىيە مىنىستىرى مۇھەممەد سەھرىف مالىكزادەھ بېسىملار ئاستىدا ئىستىپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان، ئۇنىڭ ئىستىپانامىسى قوبۇل قىلىنغان.     ئىرانىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇق كۈرىشى ئايەتۇللاھ ۋە ئايال پېرىخۇن

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!