ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئامېرىكا لىۋىيەنى تېخىمۇ قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2011-يىلى06-ئاينىڭ22-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

  
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

ئامېرىكا كازافىي ھۆكۈمىتىگە قىلغان بېسىمىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى 21-ئىيۇن لىۋىيە ھۆكۈمىتى ئىگىدارچىلىقىدىكى ياكى باشقۇرىشىدىكى 3 بانكا، 6 شىركەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمىئىي 9ئەمەلىي گەۋدىگە جازالاش تەدبىرى قوللىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى لىۋىيەنىڭ سابىق نېفىت مىنىستىرى قوشۇمچە دۆلەت نېفىت شىركىتىنىڭ سابىق باش لىدىرى جانىمنىڭ ئالدىنقى ئايدا كازافىي ھۆكۈمىتىدىن ئايرىلىپ چىققانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا قارىتىلغان جازالاش تەدبىرىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى لىۋىيە بىلەن مۇناسىۋىتى بار ئەمەلىي گەۋدىلەرنى قاتتىق نازارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ جازالاش تەدبىرىگە خىلاپ ھالدا كازافىي ھۆكۈمىتىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ، دېدى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!