ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

رۇسىيە لىۋىيە ۋەزىيىتىگە باشقىلارنىڭ قول تىقىشىغا قارشى تۇردى

2011-يىلى06-ئاينىڭ22-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

فىرانسىيەدە زىيارەتتە بولىۋاتقان رۇسىيە باش مىنىستىرى پۇتىن 21-ئىيۇن پارىژدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى، رۇسىيە تاشقى كۈچلەرنىڭ لىۋىيە ۋەزىيىتىگە قول تىقىشىغا قارشى تۇرىدۇ، چۈنكى «ئىگىلىك ھوقۇقلۇق بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارلىشىشنىڭ كەلگۈسىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ».

پۇتىن فىرانسىيەنىڭ باش مىنىستىرى فىللون بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كىيىن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا يۇقىرىقى سۆزلەرنى قىلغان. فىللون بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى لىۋىيە ۋەزىيىتىدە شۈك تۇرۇۋالماسلىقى كېرەك ئىدى، دەپ قارىدى. فىللون يەنە فىرانسىيەنىڭ رۇسىيەنىڭ يىل ئاخىرىغىچە دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشىنى قوللاش مەيدانىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!