جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 21-ئىيۇن خەۋىرى: تۇنىس جىنايى ئىشلار سوتى 20-ئىيۇن ئاغدۇرۇپ تاشلانغان سابىق پىرىزدېنت بىن ئەلى (Zine al-Abidine Ben Ali) گە دۆلەت بايلىقىغا خىيانەت قىلىش جىنايى ئۈچۈن 35 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بەرگەن.بىن ئەلى ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىنى ئىسيان قاپلىغاندىن بۇيانقى جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان تۇنجى ھۆكۈمدار.
سوت كۆرسەتكەن ئاقلىغۇچى ئاۋدوكاتنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، بىن ئەلىنىڭ ئايالى لېيلا ترابېلسىمۇ (Leila Trabelsi) ئوخشاشلا 35 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. بىن ئەلى ۋە ئايالى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا بولۇپ، سوتقا چىقمىغان.
سوت كۆرسەتكەن ئاۋدوكاتنىڭ دېيىشىچە، بىن ئەلىگە 41 مىليون تۇنىس دىنارى (تەخمىنەن 29 مىليون 600 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى) جەرىمانە قويۇلغان، بىن ئەلى بۇ يىل 1-ئايدا تۇنىستىن كەتكەندىن كېيىنكى نەچچە ھەپتىدە بىر جايدىن بايقالغان نەق پۇل سوممىسى بولۇپ، دەل شۇ قېتىمقى نەق پۇل بىن ئەلىنىڭ دۆلەت مۈلكىگە خىيانەت قىلغانلىقىغا پاكىت بولغان. بۇنىڭدىن سىرت، بىن ئەلى يەنە تۇنىس خەلقىگە 50 مىليون تۇنىس دىنارى زىيان-زەخمەت تۆلىمى بېرىشى كېرەك ئىكەن.
بىن ئەلى لىۋاندىكى كاتىپى ئارقىلىق ئەيىبلەشنى ئىنكار قىلغان. مۇخبىر بىن ئەلى بىلەن ئالاقىلىشالمىغان. سوت كۆرسەتكەن ئاۋدوكاتلارنىڭ بىرى مەسئۇدنىڭ دېيىشىچە، ئەگەر بىن ئەلى بىلەن ئايالى ھۆكۈم ئۈستىن ئەرز سۇنماقچى بولسا، ئۇلار چوقۇم تۇنىسقا قايتىپ كېلىشى كېرەك ئىكەن.
چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش تەشكىلاتى ئاشكارا خەلقئارانىڭ سىتاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بىن ئەلى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن 23 يىلدا، ئۇنىڭ بىلەن ئائىلىسىدىكى باشقا كىشىلەر بانكا، تېلېگراف شېركىتى، ئۆي-مۈلۈك شېركىتى ۋە باشقا ھەر خىل كارخانىلار ئارقىلىق غايەت زور بايلىق توپلىغان، تۇنىسنىڭ 44 مىليار ئامېرىكا دوللىرىلىق دۆلەت ئىقتىسادىدا، ئۈچتىن بىرقىسىمىنى ئۇلار كونترول قىلغان. بىن ئەلى جەمەتى تۇنىس ۋە چەتئەللەردىكى بىر قانچە ھەشىمەتلىك داچىلىرىدا داغدۇغىلىق يىغىلىش ئۆتكۈزگەن، پۇلنى بۇزۇپ-چېچىپ، ئۆزىنىڭ بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلغان.