ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئامېرىكا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى پاكىستاندا 6 قوراللىقنى پارتلىتىپ ئۆلتۈردى

2011-يىلى06-ئاينىڭ21-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 20-ئىيۇن خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پاكىستان ئەمەلدارىنىڭ دېيىشىچە، ئامېرىكا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى 20-ئىيۇن پاكىستاننىڭ كۇررام (Kurram) قەبىلە رايونىغا كۆپلىگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىپ، ئەل-قائى
  
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 20-ئىيۇن خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پاكىستان ئەمەلدارىنىڭ دېيىشىچە، ئامېرىكا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى 20-ئىيۇن پاكىستاننىڭ كۇررام (Kurram) قەبىلە رايونىغا كۆپلىگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىپ، ئەل-قائىد بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق بولغان ھەققانىي تەشكىلاتىنىڭ 6 نەپەر خادىمىنى پارتلىتىپ ئۆلتۈرگەن.
بىرىنچى قېتىملىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى پاكىستان ئافغانىستان چېگرىسىدىكى كۇررام رايونىدا يۈز بەرگەن، باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىر ماشىنا ۋە يېقىندىكى قۇرۇلۇشقا تېگىپ، 3 نەپەر قوراللىقنى ئۇنسۇرنى پارتلىتىپ ئۆلتۈرگەن.
پاكىستان بىخەتەرلىك ئەمەلدارى:«ئىككىنچى قېتىملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا زەربىسى تالىباننىڭ بىر تۇرالغۇسىنى نىشان قىلغان. 3 نەپەر قوراللىق ئۇنسۇرنى پارتلىتىپ ئۆلتۈردى» دېگەن.
مەزكۇر ئەمەلدار:«بارلىق پارتلاپ ئۆلگەن قوراللىق ئۇنسۇرلار ئافغانىستانلىقلار، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھەققانى تەشكىلاتىنىڭ ئادىمى» دېگەن.
 
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!