جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 20-ئىيۇن خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، سۇرىيە پىرىزدېنتى ئاساد شۇ جاي ۋاقتى 20-ئىيۇن سۇرىيە ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆز قىلىپ، سۇرىيەنىڭ نۆۋەتتە ھەل قىلغۇچ «بۇرۇلۇش نۇقتىسى» دا تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن، ئەمما «بۇزغۇنچىلىق ۋە مالىمانچىلىق سۈيقەستى» قاپلىغان پەيتتە، دۆلەت ئىچىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا ئامالسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بىرلا ۋاقىتتا سۆزلىشىش شەكلى ئارقىلىق دۆلەت ئىچى كىرزىسىنى ھەل قىلىشقا دەۋەت قىلغان.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئاساد سۇرىيەنىڭ «قىيىنچلىق مەزگىلى» ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىنكى «بۇرۇلۇش نۇقتىسى» دا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، «بۇزغۇنچىلىق ۋە مالىمانچىلىق سۈيقەستى» گە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان.
ئۇ بۇ يىل 3-ئايدىن بۇيان سۇرىيەدىكى توپىلاڭلاردا «قۇربان» بولغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىدىن ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما بىرلا ۋاقىتتا يەنە ئەگەر مۇقىملىق، تەرەققىيات بولمىسا، «بۇزغۇنچىلىق ۋە مالىمانچىلىق سۈيقەستى» قاپلىغان پەيتتە، دۆلەت ئىچىدە ئىسلاھات يۈرگۈزەلمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
ئۇ سۇرىيە خەلقىنىڭ ئاز قىسىملارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان، خەلقنىڭ ياخشى ئارزۇ-ئارمانلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش سۈيقەستىدە بولغان بۇزغۇنچىلاردىن چەك-چېگرا ئايرىشىنى تەلەپ قىلغان.