يەر شارى تورىنىڭ 20-ئىيۇن خەۋىرى: ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرلىكى ئۇچۇر بېرىشىچە، ھىندىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى جۇڭگو-ھىندىستان چېگرا رايونىدىكى ساقچى قىسىمىنى ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەسىگە كىرگۈزۈپ، جۇڭگو-ھىندىستان چېگرىسىنى تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇپ، جۇڭگو ئارمىيىسىنىڭ ئەمەلىي كونترول سىزىقى يېنىغا بولغان «تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتى» نى توسماقچى بولغان.
«ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 20-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرلىكىدىكى ئۇچۇر بەرگۈچى زات دېيىشىچە، ھىندىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ئەگەر جۇڭگو-ھىندىستان چېگرا رايونىدىكى تىبەتلەر بۆلىكىنىڭ ساقچى قىسىمىنى ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەسىگە كىرگۈزۈۋالسا، چېگرا باشقۇرۇش ھالىتىدە جىددىي زۆرۈر بولغان «ئۇيۇشۇش كۈچى، ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىق رولى» ئەمەلگە ئېشىپ، بۇ ئۈچ نۇقتا ھىندىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى جۇڭگو ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ «تاجاۋۇزچىلىق» ىغا قارىتا زۆرۈر دەپ قارايدىكەن.
خەۋەردە تونۇشتۇرۇشىچە، ھىندىستاننىڭ بۇ ساقچى قىسىمى ھىندىستان ئىچكى سىياسىي ئىشلار مىنىستېرلىكىنىڭ قارمىقىدىكى 7 تارماق مەركىزىي ساقچى ئەترىتىنىڭ بىرى بولۇپ، كونكرېت شەرقىي شىمال رايوندىكى جۇڭگو-ھىندىستان ئەمەلىي كونترول سىزىقىنى باشقۇرۇشقا مەسئول ئىكەن. ھىندىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ قارىشىچە، ئەگەر ئۆز باشقۇرۇشىغا كىرگۈزۈۋالسا، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى ئۈنۈملۈك بولىدىكەن.