ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئارمىيىسى تالىبان بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتىدۇ

2011-يىلى06-ئاينىڭ19-كۈنىمەنبە:www.okyan.com يوللىغۇچى: ئايگۈل
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 18-ئىيۇن خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئافغانىستان پىرىزدېنتى كارزاي 18-ئىيۇن ئاشكارلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن تالىبان نۆۋەتتە سۆھبەتلىشىۋېتىپتۇ. بۇ خىل سۆھبەتنىڭ تۇنجى قېتىم ھۆكۈمەتنىڭ ئىسپاتلىشىشغا ئېرىشىشى ئى
  


جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 18-ئىيۇن خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئافغانىستان پىرىزدېنتى كارزاي 18-ئىيۇن ئاشكارلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن تالىبان نۆۋەتتە سۆھبەتلىشىۋېتىپتۇ. بۇ خىل سۆھبەتنىڭ تۇنجى قېتىم ھۆكۈمەتنىڭ ئىسپاتلىشىشغا ئېرىشىشى ئىكەن.
كارزاي كابۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا:«ئامېرىكا بىلەن تالىباننىڭ سۆھبىتى باشلىنىپ بولدى...... سۆھبەتنىڭ تەرەققىياتى ئوڭۇشلۇق بولماقتا. چەتئەل قوشۇنى، بولۇپمۇ ئامېرىكا ئارمىيىسى سۆھبەتنى قانات يايدۇردى» دېگەن.


بۇ ئىشقا ئالاقىدار سوئال سورالغاندا، ئامېرىكىنىڭ كابۇلدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ۋاقتىنچە كارزاينىڭ سۆزىگە باھا بەرمىگەن.
كابۇلدا تۇرۇشلۇق غەرب ئەمەلدارى تەكىتلەپ، تالىبان بىلەن ئالاقىلىشىش خىزمىتى يەنىلا دەسلەپكى باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ، تالىباننىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى بىلەن ئالاقە باغلاشقا داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز دېگەن.
چەتئەل ئاخباراتلىرى 5-ئايدا خەۋەر قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن تالىبان رەھبىرى ئۆمەرنىڭ يېقىن ئادىمى قاتار ۋە گېرمانىيەدە ئاز دېگەندە 3 قېتىم سۆھبەتلەشكەنلىكىنى ھەمدە ئۆمەر بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەت باغلىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ بىر قاتار سۆھبەتلەرگە تەييارلىق قىلىش خىزمىتى بىن لادىن ئېتىپ تاشلىنىشتىن بۇرۇنلا باشلانغان. 


 ئافغانىستاننىڭ ساقچى باشلىقى بىلدۈرۈشىچە، ئافغانىستاننىڭ شەرقىي رايونىدا 18-ئىيۇن 2 قېتىم يول بويى بومبىسى پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ش ئا ئە ت بازىسىغا ماددىي ئەشيا توشۇش ماشىنا ئەترىتىنىڭ قوغداش خىزمىتىنى قىلىدىغان شەخسىي ئىگىلىكتىكى شېركەتنىڭ 4 نەپەر قوغدىغۇچى ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلغان.
غەزنە ئۆلكىسى ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ھۇسەيىننىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىمقى ھۇجۇم ۋەقەسى شۇ جاي ۋاقتى 18-ئىيۇن ئەتىگەندە يۈز بەرگەن. ئىككى قېتىملىق پارتلاشنىڭ ئارىلىقى 2 سائەت بولغان، ئۆلگۈچىلەر ئافغانىستانلىق خىزمەتچى خادىملار ئىكەن.


خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!