ﻫاۋا ئىللىپ يىلان قاسراق تاشلىدى ،
تومۇز ئىسسىق ئازابلاشنى باشىلدى ،
ئېشەكلەرمۇ ئەنە يۇڭنى تاشلىدى ،
ئۈرۈمچىدە ياز بولمىسا بولغىدەك . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
چىدالمىدىم دېدى بىر قىز ئىسسىققا ،
مودا دېدى كىيگەن كىيمى بەك قىسقا ،
ئوخشاپ قالدى ياۋرۇپالىق " خېنىم "غا ،
ئۈرۈمچىدە ياز بولمىسا بولغۇدەك ... www.iz.la
بۇنى كۆرۈپ باشقا قىزلار دوراشتى ،
يىلان كەبى بەس-بەس قاسراق تاشلاشتى ،
يالىڭاچمۇ يول يۈرۈشنى باشلاشتى ،
ئۈرۈمچىدە ياز بولمىسا بولغۇدەك .... ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئەنئەنىدىن كىچىش زامان مودىسى ،
لەنەت مودا مەدەنىيەت قوغلىشى ،
كۈپكۈندۈزى پۈتەر ئىشرەت سودىسى ،
ئۈرۈمچىدە ياز بولمىسا بولغۇدەك ....
ئىز تورى بەك ياخشى
بىرلىرى بار جىندىن ئەقىل سورايدۇ ،
مودا دېسە بىلىپ بىلمەي قوغلايدۇ ،
ياۋرۇپالىق مومىسىنى دورايدۇ ،
ئۈرۈمچىدە ياز بولمىسا بولغۇدەك ....
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
نەفىسە ھەم نوزۇك روھى قەبرىدە ،
ئىچ ئاغرىتىپ قالدى ساڭا جەبرىدە ،
ماز لاتىلار يۈرەر جىمجىت سەبرىدە ،
ئۈرۈمچىدە ياز بولمىسا بولغۇدەك .... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئۇيغۇر قىزى ئىپپىتىڭنى يوقاتما ،
قوغلا ھايۋان قىلىقىنى يولاتما ،
ئاھ يىگىتلەر ۋىجدانىڭنى يوقاتما !!!!!
ئۈرۈمچىدە ياز بولمىسا بولغۇدەك ....
ئەجدات روھى قورۇنىدۇ ئەپتىڭدىن ،
ئەبگاھ شەيتان قاقاقلىغاي ئەپتىڭدىن ،
ئەخلاقىمىز گۇمران بولار ئەپتىڭدىن ،
ئۈرۈمچىدە ياز بولمىسا بولغۇدەك .... ئىز تورى www.iz.la
ئىگە بولغىن قىزلىرىڭغا ئاتىلار،
ئىگە بولغىن سىڭىللارغا ئاكىلار ،
قېنى بىزنى ئۇيغۇر قىلغان ۋىجدانلار ،
ئۈرۈمچىدە ياز بولمىسا بولغۇدەك ....
ئوت قۇيرۇقلار سالسا سېنى يۈزۈمگە ،*
ئاچچىق -ئاچچىق ياشلار تولا ر كۆزۈمگە ،
ۋىجدانلىقلار قۇۋۋەت بەرگىن سۆزۈمگە ،
ئۈرۈمچىدە ياز بولمىسا بولغۇدەك ....
ئىز تورى بەك ياخشى
ھەق گەپنى راس چىقارماق تەس ئېغىزدىن ،
ساقلا تەڭرىم كىيىم كىيمەس بېخىلدىن ،
ئېشەكلەرنى چىقارمايلى ئېغىلدىن ،
ئۈرۈمچىدە ياز بولمىسا بولغۇدەك ....
www.iz.la