مەن ھەقىقى سۆيگۈ لەززىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىغىنى بىلمەيمەن.پەقەت سەن بىلەن بىرگە بولغان ۋاقىتلاردا پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنىڭ ھاياجاندىن لەرزىگە كېلىدىغانلىغىنى،پۈتۈن ۋۇجۇدۇمغا ئىللىق بىر سېزىمنىڭ تارايدىغانلىغىنىلا بىلىمەن.
مەن ھىجراننىڭ نىمىلىگىنى بىلمەيمەن. پەقەت سەندىن ئايرىلغاندىن بېرى بىر كۈنمۇ شات-خۇرام يۈرمىگىنىمنى،بىر كۈنمۇ تۈزۈكرەك ئۇخلىمىغىنىمنى بىلىمەن.
مەن سېغىنىشنىڭ قانداق بولىدىغانلىغىنى بىلمەيمەن.پەقەت بىز بىرگە بولغان ئەسنالارنى خىيال قىلغىنىمدا پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدىن تىترەك يامىشىپ يۈرۈگۈمنىڭ شەبنەم بولۇپ تامچىلايدىغانلىقىنىلا بىلىمەن.
مەن كۈتۈشنىڭ نىمىلىگىنى بىلمەيمەن.پەقەت سېنىڭ ھامان بىر كۈنى ھاياتىمغا چەكسىز .ئاسايىشلىق بەخىش ئېتىدىغانلىقىڭنى ئويلىغىنىمدا قەلبىمنى ئىللىق بىر شادىمانلىق قاپلايدىغانىقىنىلا بىلىمەن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئادەم كىشلىك دۇنيادا ھىجران قايغۇسى بىلەن ۋىسال شادلىغىنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرمىسە،تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق- سوغۇقىنى كۆرمىسە كىشلىك تۇرمۇشنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى چۈشىنىپ يېتەلىشى مۈمكىن ئەمەس.
ئەي سۆيگۈ ، مەن بۇ دۇنياغا قايتا تىرىلىمەن. بىخ بولۇپ ئۆنۈپ چىقىمەن. چىچەك بولۇپ تىۋىنىپ تولغاندا ئەلگە كۆپلەپ مىۋە بېرىمەن.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق