ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
=== *** ئابدۇللا ئابدۇرىﻬىمغا *** ===
گۈزەللىك ﻫەر تىلدا چېچەكلسىمۇ ،
باشقىچە مۇڭى بار پەقەت بىر تىلنىڭ .
قەلبكە سالىدۇ يېڭى بىر تۇيغۇ ،
مەلﻬىمى بۇلۇپ ئۇ < زېدە > دىللارنىڭ .
====== *** *** =======
تەشنالىق تۇرغاندا قەلبىمنى ئۆرتەپ ،
يېقىملىق ئاۋازىڭ ياڭرىدى جۇشقۇن .
نەلەرگە يوقالدى مىسكىن غېرىبلىق ؟
يۈرەكنىڭ قېتىدىن ئالدىڭ سەن ئۇرۇن .
ئاۋازىڭ بىر بوشلۇق سىغىدۇ ناخشا ،
ﻫەر دىلغا ﻫۇزۇرى ، باشقىچە خۇۋلۇق .
مۇزلىغان سۆيگۈمۇ تاپىدۇ باﻫار ،
ئىشقى بار يۈرەككە بولىدۇ ئۇزۇق .
====== *** *** ======
كۈيلەش ئۈچۈن ئاجىز كەلدى بۇ تىلىم ،
كۈيلىرىمنى قوشالمايمەن كۈيۈڭگە .
سەﻫنىلەردە كۆرەر سىنى كۆزلىرىم ،
تارتىنىمەن -
تىلفۇن قىلىپ كۈرۈشۈشكە ئۆزۈڭگە .
2005 - يىلى .21 - دىكابىر .
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق