سوزۇلما خاراكتېرلىك يۆتەل:كۈدىدىن 200گىرام، چوڭ چىلاندىن 250گىرام تەييارلاپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.
زەخمە:يېڭى كۈدىدىن مۇۋاپىق مىقداردا تەييارلاپ، ئازراق تۇز ئارىلاشتۇرۇپ، سوقۇپ ئەزگەندىن كېيىن، ئازراق ئاق ھاراق ئارىلاشتۇرۇپ زەخمىلەنگەن يەرگە سۈرۈپ، داكا بىلەن تېڭىپ قويسا بولىدۇ، ئادەتتە بىر قېتىمدىلا ئۈنۈمىنى كۆرۈشكە بولىدۇ. زەخىمىسى ئېغىرراق بولسا، تەييارلىقغان دورىنى ئىككى، ئۈچ قېتىم ئالماشتۇرسا بولىدۇ.