كالا سۈتى يۇقىرى ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە ياخشى يېمەكلىكتۇر،ئەمما بەزىلەر كالا سۈتى ئىچىسىلا قورسىقى غولدۇرلاپ،ئىچى سۈرۈپ،كالا سۈتىدىكى ئوزۇقلۇق تەركىبىلەر قوبۇل قىلىنمايدۇ.مانا بۇ كالا سۈتىدىن ئىچى سۈرۈش كېسىلدۇر.
ئىز تورى بەك ياخشى
نورمال كىشىلەر ئاقسىلىنى ھەزىم قىلىپ پارچىلىغاندىن كىيىن ئاندىن قوبۇل قىلىدۇ.بۇنىڭ بىلەن ھايۋانات ئاقسىلىنىڭ باشقىچە تەسىرى يوقىلىپ كېتىدۇ.بىراق بەزى كىشىلەر ئاز مىقىداردىكى كالا سۈرى ئاقسىلىنى ھەزىم قىلىپ پارچىلماي بىۋاستە قوبۇل قىلىدۇ.ئادەمگە نىسىبەتەن ئېيىتىقانداق،بۇ غەيرىي ئاقسىل ھېسابلىنىدۇ .ئادەمدە غەيرىي ئاقسىلىغا نىسىبەتەن چەتكا قېقىش تەسىرى پەيدا بولۇپ،زىيادە سېزىمچانلىق ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ.ئۈچەي يولىدا زىيادە سەزگۈرلۈكتىن سۇلۇق ئىشىشىق پەيدا بولۇپ،ئۈچەيدە سۇ مىقىدارى ئېشىپ،ئۈچەينڭى لۆمۈلدىشىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئىچى سۈرۈش كېلىپ چىقىدۇ.يەنە بىر سەۋەب، كالا سۈتى تەركىبىدە لاكتك كىسلاتاسى بولىدۇ.لاكتك كىسلاتاسى پەقەت ئالاھىدە فېرمېنىت-لاكتوزا فېرمېتى ئارقىلىقلا ھەزىم قىلىنىدۇ.بوۋاقلارنىڭ ئاشقازىنىدا بۇ خىل فېرىمېنىت ناھايتى كۆپ بولىدۇ،شۇڭا لاكتك كىسلاتسىنى ھەزىم قىلىنىدۇ،بوۋاقلارنىڭ ئاشقازىنىدا بۇ خىل فېرمېنىت ناھايىتى كۆپ بۇلىدۇ،شۇڭا لاكتك كىسلاتاسىنى ھەزىم قىلىشىتا ئانچە قىيىنالمايدۇ.ياشنىڭ چۇڭىيشىغا ئەگىشىپ بەدەندە بۇ خىل فېرمېنىت تەدرىجىي ئازىيىدۇ.لاكتوزا ھەزىم قىلىنىمسا ئاشقازاندىن ئېچىپ،كۆپ ىقكىداردا كاربون تۆت ئوكسىد گازىنى ھاسىل قىلىدۇ.ھاسىل بولغان بۇ گاز ئۈچەينى كۆپتۈرۈپ،ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشنى جانلاندۇىدۇ،شۇنىڭ بىلەن قورساق غوڭۇلداش ۋە ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئىز تورى www.iz.la
مەنبە؛ئائىلە ۋە ساغلاملىق
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن