ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

قەشقەر ۋىلايەتلىك 2011– يىللىق ياش ئۆسمۈرلەر بوكس مۇسابىقىسى قاغىلىق ناھىيسىدە باشلاندى

2011-يىلى05-ئاينىڭ16-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نۇرگۇل ھاجى ، مىھرىگۇل ئابلەت خەۋىرى : قەشقەر ۋىلايەتلىك 2011– يىللىق ياش ئۆسمۈرلەر بوكىس مۇسابىقىسى 12– ماي قاغىلىق ناھىيەسىدە باشلاندى . يەكەن ، يىڭىشەھەر ، مەكىت ، يوپۇرغا ، پەيزاۋات ، قاغىلىق ، مارالبىشى قاتارلىق 7 ناھىيەدىن كەلگەن 195 نەپەر تەنھەركەتچى مۇسابىقىگە قاتناشتى .

    ئىگىلىنىشىچە : بۇ قېتىمقى قەشقەر ۋىلايەتلىك 2011– يىللىق ياش ئۆسمۈرلەر بوكىس مۇسابىقىسىگە7 ئەرلەر كوماندىسى ، 3 ئاياللار كوماندىسى  قاتناشقان بولۇپ ، مۇسابىقە تۆت كۈن داۋاملىشىدىكەن 

    بۇ قېتىمقى مۇسابىقە، ياشلارنىڭ ئىشتىن سىرتقى تۇرمۇشىنى بېيىتىپ ، ياش ئۆسمۈرلەر ئارسىدىكى بوكس ماھىرلىرىنى ئالدىن بايقاپ ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرى تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ ئىقتىساسلىق ، ئىقتىدارلىق تەنھەركەتچىلەرنى يېتىشتۈرۈپ، تەنتەربىيە ئىشلىرى تەرەققىيات سەۋىيىسىنى ئوموميۈزلۈك ئۆستۈرۈشتە موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!