ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

ۋاڭ گاڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقى ققىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ئەقىل–پاراسەتنى مۇجەسسەملەپ ،كۈچلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ،شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2011-يىلى05-ئاينىڭ16-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
       ۋاڭ گاڭ ئابلەت ئابدۇرېشىت ، جاڭ چۈنشيەن،  ئەسقەت كەرىمباي قاتارلىقلارنىڭ ھەمراھلىقىدا ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى تېز ئۆزگەرتىش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

    فېڭ جىن خەۋىرى : ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ گاڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ 11 – مايدىن 15 – مايغىچە شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ۋاڭ گاڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك. زور تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مەركەزنىڭ قارار ۋە ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئەقىل – پاراسىتىمىز ۋە كۈچىمىزنى تۆھپە قىلىشىمىز كېرەك.

    ۋاڭ گاڭ ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىت ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن جاڭ چۈنشيەن، ئەسقەت كەرىمباي قاتارلىقلارنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۈرۈمچى، ئىلى، قەشقەر، شىخەنزە، سانجى قاتارلىق جايلاردا ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى تېز ئۆزگەرتىش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

    ۋاڭ گاڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى 11 – ماي چۈشتىن كېيىن كۈنەس ناھىيەسىنىڭ نارات بازىرى ئارشان كەنتىگە كېلىپ، ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. ۋاڭ گاڭ چارۋىچى بولاتبېك بېردېبېكنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭ ئولتۇراقلىشىشتىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى. بولاتبېك بېردېبېك: ئولتۇراقلىشىشتىن ئىلگىرى توك، سۇ يوق، تۇرمۇشىمىز قولايسىز ئىدى، ھازىر تېلېۋىزور كۆرەلەيدىغان، قىشتا ئىسسىق ئۆيدە ئولتۇرالايدىغان، بالىلىرىمىز خاتىرجەم ئوقۇيالايدىغان بولدى، تۇرمۇشىمىز كۈندىن – كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ، دېدى. خەۋەر تېپىپ كەلگەن باشقا چارۋىچىلارمۇ ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن تۇرمۇش شارائىتىمىز ياخشىلاندى،دېدى. ۋاڭ گاڭ بۇلارنى ئاڭلاپ خۇشال بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش، ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى خەلققە پايدا – مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، خەلقنىڭ قەلبىنى ئىللىتىدىغان، ئەمىن تاپقۇزىدىغان قۇرۇلۇش، بۇ قۇرۇلۇشنى داۋاملىق ياخشى يولغا قويۇپ، دېھقان – چارۋىچىلارنى تېخىمۇ ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

    تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭنىڭ قوش تىل مائارىپىنىمۇ بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلدى. ۋاڭ گاڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى 13 – ماي چۈشتىن بۇرۇن شېنجېن شەھىرى ياردەم قىلىپ سېلىپ بەرگەن قەشقەر شەھەرلىك 18 – باشلانغۇچ مەكتەپكە كېلىپ، تەنتەربىيە دەرسى، خەنزۇ تىلى دەرسى ۋە مۇزىكا دەرسىنى ئاڭلىدى. ئوقۇتۇش بىناسىدىكى 5 – يىللىق 1 – سىنىپتا ئوقۇتقۇچى كۆپ ۋاسىتىلىك ئۈسكۈنىدىن پايدىلىنىپ دەرس ئۆتۈۋاتاتتى، ۋاڭ گاڭ 12 ياشلىق رۇقىيە ئابدۇراخماننىڭ يېنىغا كېلىپ، ئېڭىشىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن دەرسلىكتىكى مەزمۇنلار توغرىسىدا پاراڭلاشتى. ئارقىدىن ۋاڭ گاڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى 5 – يىللىق 1 – سىنىپ ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ‹‹قىزىل گالىستۇكلۇقلارنىڭ قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ›› تېمىسىدىكى ئوتتۇرا ئەترەت يىغىنىغا قاتناشتى، ۋاڭ گاڭ بالىلار بىلەن بىللە ‹‹كومپارتىيە بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايتتى›› دېگەن ناخشىنى ئېيتتى، ساۋاقداشلارنى ۋاقىتنى قەدىرلەپ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، قوش تىلنى تېز ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى ‹‹تۆتتە ياخشى ئۆسمۈر››لەردىن بولۇپ، چوڭ بولغاندا ۋەتەن ۋە خەلققە ياخشى جاۋاب قايتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

    ۋاڭ گاڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سانائەت تەرەققىياتىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، ئۇ شىنجاڭ ‹‹چىڭخۇا›› كۆمۈر خىمىيە سانائىتى شىركىتىنىڭ ئايلانما ئىقتىساد سانائەت رايونى، ‹‹خۇافاڭ›› شىخەنزە توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى، ئالاھىدە تىرانسفورماتور پاي چەكلىك شىركىتى، ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە شىركىتىگە كېلىپ، كارخانىلارنىڭ قۇرۇلۇش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ۋاڭ گاڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئالاھىدە تىرانسفورماتور پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ تىرانسفورماتور زاۋۇتىدا ئوراش سېخى، تۆمۈر ئۆزەك سېخى، ئالاھىدە يۇقىرى بېسىم تەجرىبە زالى قاتارلىقلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئالاھىدە تىرانسفورماتور شىركىتىنىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈپ، بىر قانچە تېخنىكىسى خېلى ئىلغار سەۋىيەگە يەتتى. كەسكىن خەلقئارا بازار رىقابىتىدە يادرولۇق تېخنىكىنى ئىگىلىگەندىلا يۇقىرى پەللىنى ئىگىلىگىلى بولىدۇ، كارخانا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ زور بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈپ، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

    شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، مۇقىملىقىدىكى مۇھىم كۈچ. ۋاڭ گاڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى شىخەنزە باش مەيدانىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەكشۈردى. ۋاڭ گاڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى 14 – ماي چۈشتىن كېيىن شىخەنزە باش مەيدانىدىكى دېھقان ئىشچى لۇ لىپىڭنىڭ ئۆيىدە بىڭتۈەندىكى پىشقەدەم ھەربىي بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچىلەر، پىشقەدەم زىيالىيلار، چېگرانى قوغداش نەمۇنىچىلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. 1 – ئەۋلاد ھەربىي بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچىلەرنىڭ ۋەكىلى، ئايال تراكتورچى، 70 نەچچە ياشلىق جىن ماۋفاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىكى يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلىدى، ئۇ: ھازىر ئېيىغا 2000 يۈەندىن ئارتۇق پېنسىيە مائاشى ئېلىۋاتىمەن، پىشقەدەم ئاچا – سىڭىللار تولىمۇ خۇشال بولدۇق، بۈگۈنكى بەختىيار تۇرمۇشنى قەدىرلەيمىز، دېدى. ۋاڭ گاڭ 1 – ، 2 – ، 3 – ئەۋلاد بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچىلەر ۋەكىللىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: بىڭتۈەن شەرەپلىك ئەنئەنىگە، ئالاھىدە روھقا ئىگە ئالاھىدە قوشۇن. بىڭتۈەندىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر 60 نەچچە يىلدىن بۇيان چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ساقلاش، ۋەتەننىڭ چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشقا تارىخىي تۆھپە قوشتى. مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، شىنجاڭ كەڭ كۆلەمدە قۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىش، كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلىشتەك مۇھىم تارىخىي پۇرسەتكە ئېرىشتى، بىڭتۈەن رولىنى ياخشى جارىي قىلدۇرۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

    ۋاڭ گاڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا غۇلجا شەھىرىنىڭ كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش ۋە قەشقەر شەھىرىنىڭ كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، بىڭتۈەن بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، جۇ ئېنلەي خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلدى.

    ۋاڭ گاڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق دېدى: شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىدە ئالاھىدە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇندا تۇرىدۇ. ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئۆزىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش، گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىپ، چېگرىنى مۇستەھكەملەش ئىستراتېگىيەسىنى ئوبدان يولغا قويۇش ئۈچۈن، يېڭى تەدبىرلەرنى قوللىنىشى، كۆپلەپ ئەقىل كۆرسىتىشى، كۆپرەك ئەمەلىي چارە كۆرسىتىشى، بولۇپمۇ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈش ۋە زورايتىشقا، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ ۋە كاپالەتلەندۈرۈپ، ئاممىۋى خىزمەتنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشقا، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشكە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاشقا كۈچ سەرپ قىلىشى، گۈللەنگەن، باياشاد، ئىناق، مۇقىم سوتسيالىستىك يېڭى شىنجاڭ بەرپا قىلىشقا تېخىمۇ زور رول ئوينىشى كېرەك.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!