بۈگۈنكى كۈندە سۇلياۋ خالتا قاتارلىقلارنى قاچىلغۇچى بويۇم سۈپىتىدە بارغانسىرى كۆپ ئىشىلىتىلمەكتە . . بۇنىڭ ئىچىدە سۈپەت پاراشۈكى ،خىمىيىۋى ئوغۇت قاچىلنىدىغانلىرىمۇ ، يىمەك _ ئىچمەك قاچىلىنىدىغانلىرىمۇ بار . www.iz.la
قاچىلاشقا ئىشىلىتىلىدىغان خالتىنىڭ خام ئەشياسى پولى ۋىنىل خلورىد دەپ ئاتىلىدۇ. سۇلىياۋ خالتا ياسىلىدىغان نېپىز رەخىت ئىشلەپچىقىرىدىغان چاغدا پولى ۋىنىل خىلورىدقا يەنە باشقا دورىلار قوشۇلىدۇ. بۇنداق قوشۇلىدىغان دورىلار تەركىبىدە زەھەرلىك ماددىللار بولغانلىقىتىن ، ئۇنىڭغا گۈرۈچ ياكى باشقا يىمەكلىكلەرنى سىلىشقا بولمايدۇ . يىمەك _ ئىچمەكلەر قاچىلىنىدىغان خالتىلار ياسىلىدىغان سۇلىياۋ رەخىتنىڭ خام ئەشياسى پولى ئېتىلىن بولۇپ ، ئۇ زەھەرسىز بولىدۇ . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئۇنداقتا بۇ ئىككى خىل سۇلىياۋ خالتىنى ئاددى ئۇسۇلدا قانداق پەرىقلەندۈرۈش كېرەك ؟پولى ئېتىلىندىن ياسالغان سۇلىياۋ پەردىنى سىلىغاندا قولغا سىلىق تۇيۇلىدۇ .خۇددى ئۇنىڭ سىرتقى يۈزىگە شام سۈركەپ قويۇلغاندەك ، ئوتنى كۆرگەن ھامانلا يىنىپ ، سېرىق يالقۇن ھاسىل قىلىدۇ. كۆيگەن چاغدا شام مىيىغا ئوخشاش سۇيۇقلۇق تامچىلاپ چۈشىدۇ . ۋە ئۇنىڭدىن موم پۇرقى كىلىدۇ . پولى ۋىنىل خىلۇرىددىتىن ياسالغان سۇلياۋ پەردىلەرنى سىلىغاندا قولغا يىپىشىدۇ . ئوڭايلىقچە كۆيمەيدۇ . كۆيگەندىمۇ يېشىل يالقۇن چىقىرىدۇ . تۇتاشتۇرۇلغان ئوتتىن ئايرىلغان ھامان ئۆچىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مەنبە؛ << كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئەپچىل چارىلەر >>دىن ئىلىندى.