يەر شارى تورىنىڭ 10-ماي خەۋىرى: ھىندىستان 5-ئاينىڭ 9-كۈنى ھىندىستان-پاكىستان چېگرا رايونىدا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانىۋېرىنى باشلىغان، ھىندىستان ئاخباراتلىرى بۇ قېتىمقى مانىۋېرنى «چاقماق تېزلىكىدىكى ئۇرۇش» شەكلىدىكى ھەرىكەتنى مەشىق قىلىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دۈشمەنگە ئېغىر زەربە بېرىش دېگەن. بۇنىڭدىن سىرت، بۇ قېتىمقى مانىۋېرمۇ ھىندىستاننىڭ ئارمىيەدە «بۇرۇلۇش ياساش» تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسىمى ئىكەن، ھىندىستان 1 مىليون 130 مىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنى سەرخىل ۋە چاققان قىلىپ چىقىشنى مەقسەت قىلغان.
ھىندىستان ئارمىيىسىنىڭ باياناتچىسى بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى مانىۋېرنىڭ ۋاقىت 6 كۈن بولۇپ، نامى «Vijayee Bhava» (غەلبە دېگەن مەنىدە) ئىكەن، مانىۋېر نۇقتىسى ھىندىستان راجەستان شىتاتىنىڭ بىكانېر ۋە سۇراتگارخ (Bikaner and Suratgarh) قۇملىقى بولغان. «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى مانىۋېرنىڭ ئاساسىي كۈچى ھىندىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى غەربىي ھەربىي رايون 2-ئارمىيە «Kharga» كورپۇسى ئىكەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئەگەر ھىندىستان-پاكىستان ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇشى پارتىلىسا، ھىندىستان ئۈچ «زەربىدار ئارمىيىسى» پاكىستاننى «ئىككى پارچە» قىلىپ تاشلاشقا مەسئول بولىدىكەن، ئىككىنچى ئارمىيە Kharga كورپۇسى بۇ ئۈچ قىسىم ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىمى ئىكەن.
ھىندىستان ئەمەلدارى 9-ماي بىلدۈرۈشىچە، ھىندىستان نۆۋەتتە ئۆتكۈزۈۋاتقان مانىۋېرىدا 2-ئارمىيە «Kharga» كورپۇسىنىڭ جەڭگىۋارلىق كۈچىنى سىنايدىكەن، بىرلا ۋاقىتتا ھەم ھىندىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ «بۇرۇلۇش ياساش» تىپىدىكى يېڭى ئۇقۇمىنى قوللىنىش ئۈچۈن ئىكەن.
ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى دېيىشىچە، ھىندىستان بۇ قېتىمقى مانىۋېردىكى «ئەڭ مۇھىم تىرىشچانلىق» قى ئۈچ «زەربىدار قوشۇن» غا تارقاق قوماندانلىق قىلىشتىن مەركەزلەشتۈرۈپ قوماندانلىق قىلىشى ئىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، ھىندىستان يەنە قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتكەن. ھىندىستان ھاۋا ئارمىيىسى كۆپ ساندا MiG-29، MiG-21، ئامېرىكا يولۋىسى ھۇجۇمچى ئايروپىلانى ۋە MI-25 ھۇجۇمچى تىك ئۇچار ئايروپىلانلارنىڭ بۇ قېتىم مانىۋېرغا قاتناشتۇرغان.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!