ياپونىيە كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بەزى ئەمەلدارلىرى فۇكۇشىما يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ياپونىيەدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ ‹‹يادرو ھادىسىسىنى چۈشەنمەسلىك ۋە قورقۇنچ›› سەۋەبىدىن فۇكۇشىما ناھىيەسىدىكى ئاھالىلەرنى كەمسىتىپ، ئۇلارغا ئازار بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
خەۋەردە ياپونىيە دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى، دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ۋەزىر شۈەنيې كوچىرو مۇخبىرلارغا فۇكۇشىمادىكى يادرو چىقىپ كېتىش ھادىسىسىگە مۇئامىلە قىلغاندا ‹‹ھېسداشلىق تۇيغۇسى كەم بەزى كىشىلەرنىڭ قىلمىش – ئەتمىشلىرى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ›› دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: فۇكۇشىما ناھىيەسىدىن باشقا ناھىيەلەرگە پاناھلىنىپ بارغان بالىلارنى شۇ يەردىكىلەر ‹‹بەدىنىدە رادىياتسىيە بار›› دېگەن، ھەتتا ئۇلارنى ھاقارەتلەپ بوزەك قىلغان. مېھمانخانىلار ‹‹رادىياتسىيەنىڭ تارقىلىشىدىن ساقلىنىش››نى باھانە قىلىپ، فۇكۇشىما ناھىيەسىدىن كەلگەن ئاھالىلەرنى ياتقۇزمىغان. ‹‹فۇكۇشىما گېزىتى››دىمۇ: باشقا ناھىيەلەرگە پاناھلىنىپ بارغان فۇكۇشىما ئاھالىلىرىگە شۇ يەردىكىلەر ‹‹باشقىچە كۆزدە قارىغان››، ھەتتا ‹‹بەدىنىدە رادىياتسىيە بار – يوقلۇقى››نى سۈرۈشتۈرگەن. ئاتا – ئانىلار بالىلىرىغا ‹‹فۇكۇشىمالىقلاردىن يىراق تۇرۇش››نى تاپىلىغان، دېيىلگەن. خەۋەردە يەنە: فۇكۇشىمالىقلارنىڭ باشقا ناھىيەدىكىلەرنىڭ نەزەرىدىكى ئوبرازى ‹‹پۈتۈنلەي تۈگەشكەن››، فۇكۇشىما ناھىيەسىدىكى ئاھالىلەر ئۆزلىرىنى ‹‹چەتكە قېقىلغاندەك›› ھېس قىلىۋاتىدۇ، دېيىلگەن.
شۈەنيې كوچىرو: فۇكۇشىما ناھىيەسىدىكى ئاھالىلەر گەرچە كەمسىتىلگەن، ھەتتا ھاقارەتلەنگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئېغىر – بېسىق بولۇۋاتىدۇ، بۇنداق قىلىش ئاسان ئەمەس، دېدى. ئۇ ئالاقىدار تەرەپلەرنى ‹‹ئۇلارغا بولغان ئادالەتسىز مۇئامىلىنى تېزدىن تۈگىتىش››كە ئۈندىدى. ياپونىيە ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى يۇكىئو: فۇكۇشىما ناھىيەسىدىكى ئاھالىلەر پاناھلىنىش ئۈچۈن تولىمۇ جاپا تارتىۋاتىدۇ. كىشىلەر ئۇلارغا قىزغىن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك، دېدى.
‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن