1 . مىجەزىڭىز چۇسلۇشۇپ ،ھەمىشە سەۋەبسىزلا ئاچچىقلىنىدىغان بولۇپ قالسىڭىز ، كالا سۈتى ، سۈتتىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى ۋە قۇرۇتۇلغان بېلىق قاتارلىق تەركىبىدە كالتسىي مول يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىپ بېرىڭ . بۇ يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى كالتسىينىڭ مىجەزنى تۇراقلاشتۇرۇش ئۈنۈمى يۇقىرى .
2. ماغدۇرسىزلىنىۋاتقاندەك بولسىڭىز ، يەر ياڭىقى ، ئۆرۈك مېغىزى ، ياڭاق قاتارلىقلارنى ۋە كۈنجۈت قوشۇلغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ بېرىڭ . بۇنىڭ بەدەن ئىقتىدارىڭىزنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرىشىڭىزگە ياردىمى بولىدۇ .
3 . دائىم ئۇيقۇسىز بولسىڭىز ، قايمىقى ئايرىۋېتىلگەن سۈت ۋە ھەسەل قوشۇلغان سولۇ ئومىچى ياكى قايماقسىز ماروژنا قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىپ بېرىڭ . بۇ يېمەكلىكلەر ئۇيقۇسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمى بولىدۇ . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
4 . روھىي بېسىمىڭىز ئېغىر بولسا ، ۋىتامىن C نى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىپ بېرىڭ . ئۇ گۈزەللەشتۈرۈش رولىنى ئويناپلا قالماستىن ، كەيپىياتىڭىزنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ . تەجىربىدىن ئىسپاتلىنىشچە ، كۈچلۈك روھىي بېسىمغا ئۇچرىغاندا بەدەندىكى ۋىتامىن C نىڭ خورىشى ئادەتتىكى چاغدىكىدىن سەككىز ھەسسە كۆپ بولىدىكەن . شۇڭا تەركىبىدە ۋىتامىن Cمول بولغان گۈل كابۇستا پالەك قاتارلىق يېڭى كۆكتات ۋە مېۋە – چېۋىلەرنى ئىستېماق قىلىپ بېرىڭ . بۇ روھىي بېسىمىڭىزنى پەسەيتىشكە ياردىمى بولىدۇ .
5. ئىچىڭىز تىتىلداپ بىئارام بولسىڭىز ئاق بالداق ، پۇشۇرۇلغان تاتلىق ياڭيۇ ، قوتۇرماچ قاتارلىق يۇقىرى كاربون بىرىكمىلىك يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىپ بېرىڭ
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!