ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ، ئۈرۈمچىدە قېپقىلىش دولقۇنىنىڭ كۈچلۈك ھاياجىنى ۋە تۈرتكىسدە چوڭ - كىچىك ھەرەجلەرنى تارتىپ ئاخىرى بۇ شەھەردە قېپقالدىم . دەسلەپتە ھاياتىمدىكى يەنە بىر << ئارمىنىم >> نىڭ چېچەك ئاچقانلىقىدىن خۇشاللىقىم قەلبىمگە سىغماي قالدى . << ئۈرۈمچىدەك چوڭ شەھەردە نەقەدەر ھوزۇر - ھە! >> تىپىك سەھرا مۇھىتىدا چوڭ بولۇپ ، ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەندىن كېيىنمۇ دىھقان ئاتا - ئانامنىڭ بىزنى باقىمىز دەپ چەككەن زىيارىتنى ئويلاپ ، بەش يىلنى ئاساسىي جەھەتتىن ئالىي مەكتەپ قۇرۇسى ئىچىدە ئۆگنىش بىلەن ئۆتكۈزگەن مەندەك كىتاپپۇرۇش ستودېنتنىڭ ئوقۇش پۇتتۇرۇپ خىزمەتكە چىققۇچە بولغان ئارلىقتىكى << ئۈرۈمچى چۈشى >> ئەنە شۈنداق ئىدى .بىراق ، كېيىنكى ئەمەلىيەت ئۈرۈمچىدە ياشاشنىڭ مەن ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاسان ئەمەسلىكنى ، بۇنىڭغا بەلگىلىك بەدەل تۆلەيدىغانلىقمنى ئۇقتۇرۇپ قويدى .كۈچلۈك رىقابەت ۋە قاتتىقچىلىققا ، ئارلاشما مەدەنىيەت ۋە نازۈك ئىجىتمائىي مۇناسىۋەتكە تويۇنغان بۇ تاش شەھەر مۇزدەك قوللىرى بىلەنھەدېسلا كۆزى ئېچىلمىغان مەندەك << تومپاي >> نىڭ پىشانىسنى نوقۇپلا كەلدى . << بىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرساڭ بىر ئەقىل تاپىسەن >> دېگەندەك ، خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ شەھەردە ياشاپ كېلىۋاتقان مۇشۇ ئالتە يىل جەريانىدا ، مەكتەپ يېشىغا قەدەم قويۇپ تاكى ئالىي مەكتەپنىڭ ئىشىكىنى ياپقۇچە بولغان 16 يىل جەريانىدا ئېرىشكەنلىرىمدىنمۇ كۆپ مول تەسىرات ، چوڭقۇر بىلىم ۋە ئېسىل چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولدۇم . شۇندىلا جەمئىيەتنىڭ << ئالىي مەكتەپ سىرتىدىكى چوڭ ئالىي مەكتەپ >> ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشكە باشلىدىم .راستنى دېسەم ، جەمئىيەتتىن ئايرىلغان ھالدا كىتابى بىلىملەرگىلا ئەرمەك بولۇپ ياشاش دوگمىلىق ۋە << زامانىۋى خۇراپاتلىق >>نىڭ بىر جۈملىسىدىن ئىكەن . ياراملىق ستودېنىت بولۇشتا مەكتەپتە ئۆگەنگەن بىلىملەر بىلەن قەمئىيەت << داشۆسى >> نىڭ دېئالىكتىكلىك مۇناسۋىتنى توغرا ۋە چوڭقۇر چۈشىنىپ يېتىش بەكمۇ مۇھىم ئىكەن . مەن شۇندىلا ئالىي مەكتەپتىكى بەش يىللىق << قالاقلىقىم >> غا ئېچىندىم . ھەقىقەتەن ئەقىل ۋە ئىقتىدار دېگەنمۇ جاھان كۆرۈشكە بىقىپ تەرەققىي قىلىپ بارىدىكەن .
ئۈرۈمچى ماڭا زادى نىملەرنى ئاتا قىلدى ؟ بۇ مەن مۇشۇ شەھەردە قانچە ئۇزۇن تۇرسام شۇ چاغقىچە مەن جاۋاب بىرىشكە تېگىشلىك بولغان سوئال . مەن خىزمەتكە چىققان كۈندىن باشلاپ ئاتات -ئانامنىڭ << قول >> دىن ھەقىقىي تۇردە ئايرىلىپ ئۆزۈمگە تاينىش يولىغا ماڭدىم . << ئادەم ئۆزىگە تاينىپ ياشاش كېرەك . >> دېگەن سۆزگە قالتىس ئىخلاسىم ۋە ھۆرمىتىم بار ئىدى . شۇغنىسى ئۇ گەپنى ۋەزنى بىلەن چۈشنىپ بىۋاستە ھېس قىلمىقىم ئۇنچە ئاسانغا چۈشمىدى . مانا مۇشۇندىلا مەن ئىنسانلارنىڭ تالاي ئارزۇلىرنىڭ نېمە ئۈچۈن كۆپۈككە ئايلىنىپ كەتكەنلىكنىڭ تېگىگە يەتكەندەك بولدۇم . ھەرقانداق نەرسىنىڭ باشلانمىسى ئاسان ، ھاياجانلىق بولغىنى بىلەن ئەمما ئۇنىڭ داۋاملىشىشى ۋە بىر باشقا چىقمىقى تولىمۇ قىيىن ، رىيازەتلىك بولىدىكەن ، مەن بۇشەھەردە ھەممە نەرسىگە يۇرتۇمدىكى ساددا خەلقىمنىڭ مىجەزىدىن ئۆزلەشكەن ، سەمىمىيلىك ، راستچىللىق ، مىھرىبانلىق ، ھېسداشلىق كەبى خسلەتلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا باشلىغانىدىم . ئەپسۇس ، مۇشۇ << ئىللەتلىرىم >>تۈپەيلى ئاز بولمىغان ئوڭۇشسىزلىققا دۇچار بولدۇم . ھەقىقەتەن بۇلارنى چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش مېنىڭ ئىللىتىم ، ئاجىزلىقىم ۋە غاپىللىقمنى گەۋدىلەندۇرۇپ قويغانىدى .پۇل ئۆزىنى كۆرسىتۋاتقان زامانىۋىي دۇنيانىڭ ئېزىتقۇلىرى كۆزلەرنى ئالا چەكمەن قىلۋاتقان ، ھەركىم ئۆز قايغۇسى بىلەن بولۇپ كېتىۋاتقان ، كۇلكە بىلەن يىغنىمۇ مەجبۇرىي سېتۋېلىشقان بۇ شەھەردە خۇددى كۈندۇزنىڭ كېچىسى ، گۈلنىڭ تىكىنى خۇشاللىقنىڭ قايغۇسى بولغىنىدەك تەقدىر ماڭا قولنىڭ كەينى تەرپىنىمۇ كۆرسىتىپ قويدى .
ئىز تورى www.iz.la
شۇنداق قىلىپ ، سەمىمىيلىكىم ئەخماق دېگەن نامنى ، راستچىللىقىم كالۋا دېگەن نامنى ، ۋاپادارلىقىم لۆم - لۆم دېگەن نامنى ، مىھرىبانلىقىم چاكىنا دېگەن نامنى ماڭا ھەدىيە قىلدى . شۇ سەۋەبتىن ئاخىرى سەمىمىيلىكم سەمىمىيەتسىزلىكنى ، راستچىللىقىم يالغانچىلىقنى ، ۋاپادارلىقىم ۋاپاسىزلىقنى ، مىھرىبانلىقىم ھىيلىگەرلىكنى ھېسداشلىقىم تاش يۈرەكلىكنى ئۆگەتتى . تەكەللۇپ قىلماي ئېيتالايمەنكى ، نۇرغۇن ئىشلىرىمنى يۈرۈشتۈرۈش ۋە جانىجان مەنپەئىتىمنى قوغداشتا سەمىمىييتسىزلىكىم سەمىمىيلىكىمگە قارىغاندا ، ۋاپاسىزلىقىم ۋاپادارلىقىمغا قارىغاندا قۇۋلۇق - ھىيلىگەرلىكىم مىھرىبانلىقىمغا قاارىغاندا يۈرەكلىكلىكىم ھېسداشلىقىمغا قارىغاندا ، باكرەك ئىجابىي رول ئوينىدى . ئابدۇقادىر جالالىدىن توغرا ئېيتىپتىكەن ؛ << بىرەر - ئىككى جەسەتنى ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتەلمىگەن ئادەم شەھەردە ياشيالمايدۇ .>> مانا بۇ رىئاللىقنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان ئاچچىق كىنايىسى . ئادەم بولۇشتىكى << دورا - دەرمەكلەر >> ! ئەجەبا ، بۇ جەريانلارغا كىشى ئەزەلدىنلا ھامىلدارمىدى ؟! بۇ خۇددى << باشقىلارنى چۈشەنگەنلىك ئۆزىنى چۈشەنگەنلىك بولىدۇ >> دېگەندەكلا بىر ئىش ئىدى ! بىر ئاقىل ؛ << رېئالىققا كەينىنى قىلىۋېلىش - نادانلىق ، ۋىجدانسىزلىقتۇر >> دېگەن ئىكەن . بۇ گەپنى ئۇ كىشىنىڭ قانداق شارائىتتا نېمە مەقسەتتە دېگەنلىكىدىن قەتئىينەزەر ، رېئاللىقىمىزدىكى بەزى نەرسىلەرگە تەدبىقلاپ بېقىشقا ناھايىتى ئەرزىيدۇ . ئەگەر سەن بىر ئالىيجانابلىقڭنى يۈرۈشتۈردىغان مۇھىت ياكى كاپالەت بولمىسا ، سەن يەنىلا بىھۇدە كۈلكىگە قالىسەن ياكى ئەخمەق سانىلىسەن ، ئەمما بۇ جەريانىدا سەن ئالىيجاناپلىقىڭنى پۈتۈنلەي تەرك ئېتىۋەتسەڭ بولمايدۇ ، بەلكى پۇرسەت كۈتۈپ ئۇنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈشنىڭ كويىدا بولۇشۇڭ كېرەك ، بولمىسا سەن ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىپ كېتىسەن . << قارىغۇنىڭ شەھىرىگە بارساڭ بىر كۆزۈڭنى قىسىۋال >> دېگەن گەپنىڭمۇ مەلۇم مەنىدىن ئاساسي بار . دىمەكچىمەنكى ، رىئاللىق قىستىغاندا باتۇرلۇق بىلەن كۆرەش قىلىدىغان چاغلارمۇ بولىدۇ ، ئۇنىڭغا مۇئەييەن نىسپىيلىكتە دادىل يۈزلىندىغان ۋاقىتلارمۇ بولىدۇ . ئەلىۋەتتە ، سەمئمىيەتسىزلىكىلىرىم ، تاش يۈرەكلىكلىرىم ئۈچۈن ئۇيلىمەن ، ئەپسۇسلىنمەن ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇلارنىڭ جەمئىيەت ۋە ئادەملەرنى چۈشىنىش جەريانىمدىكى سەمىمىيلىكم ، ۋاپادارلىقىم ، مېھرىبانلىقىم ۋە ھېسداشلىقىمنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ مۇستەھكەملەشكە مەلۇم تۈرتكىلىك كۈچ بولغانلىقنى ھەم ئۇنتايالمايمەن . دېمەك ، مەن ئەسلىي << رەڭگىم >> نى يەنىلا يوقاتماي ساقلاپ كەلدىم . << شەھەرنىڭ پىستىسى سەھرانىڭ ئىتىنى ئېلىپ كەپ قويۇپتۇ >> دېگەندەك ئۈرۈمچىمۇ مېنىڭ ستودېنتلىق تۇيغۇلۇرىمنى ئەنە شۇنداق يۇلۇپ تاشلىدى . << توقۇنۇش >> تا باشتا ئۇتتۇرۇش بولدى . كېيىن بىر مەزگىللىك چۋنىقىشتىن كېيىن يەنە ئورنۇمدىن دەس تۇردۇم . گەرچە مەن بۇ جەرياندا يۈز تاپالمىساممۇ ئەقىل تاپتىم ... ئادەم بولماق نېمە دېگەن تەس - ھە ! ؟ copyright by www.iz.la
ئۈرۈمچى ھەقىقەتەن جۇشقۇنلۇق ۋە ھايتىي كۈچكە تولغان بىر شەھەر . بۇ شەھەر << تاش شەھەر >> دەپ سۈپەتلەنگەنلىكى بىلەن تاش يۈرەك شەھەر ئەمەس . بۇ يەردىمۇ سەمىمىيلىك بار ، ۋاپادارلىق بار ، مېرىبانلىق بار ، ھېسداشلىق ، مېھىر - شەپقەت بار ، چىن ئىنسانىي روھقا ئىگە ئادەملەر بار . ئۇ پەقەت رېئاللىقنىڭ ماڭا كۆپرەك تەسىر قىلغان ۋە ئىلھامىنى قوزغىغان بىر كەسمە يۈزى . تەسرات قايسى جەھەتتىن كۈچلۈك بولسا شۇنى دېگۈسى كېلىدىكەن ئادەمنىڭ . ھەقىقەتەن ئۈرۈمچىدە ئادەم بولماق ئاسانغا چۈشمىدى ھەم چۈشمەيدۇ . ئادەم بولۇشنىڭ مۇساپىسى تېخى ئۇزۇن ۋە مۇرەككەپ ، كېيىنكى ئۈرۈمچى ماڭا يەنە قانداق تەقدىر - قىسمەت ۋە تەسراتلارنى ئاتا قىلىدۇ . بۇنىسى ئەتىگە ئامانەت ! ئىز تورى www.iz.la
ئاپتورى _ غالىپ مۇھەممەت قارلۇقنىڭ << پەن ۋە تۇرمۇش >> ژۇرنىلىدىن ئىلىندى .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!