301 - ماددا توپلىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلغانلاردىن باش ئۇنسۇرلارغا ياكى بۇزۇقچىلىققا كۆپ قېتىم قاتناشقانلارغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئازدۇرۇپ توپلىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلىشقا قاتناشتۇرغانلارغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
302 - ماددا جەسەتنى ئوغرىلىغان ۋە ھاقارەتلىگەنلەرگە 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
303 - ماددا پايدا تېپىش مەقسىتىدە توپلىشىپ قىمار ئوينىغان، قىمارخانا ئاچقان ياكى قىمارنى كەسىپ قىلىۋالغانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
304 - ماددا پوچتا خادىملىرىدىن ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ پوچتا يوللانمىلىرىنى تەگكۈزۈشنى قەستەن كېچىكتۈرۈپ، جامائەت مال - مۈلكىنى، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا 2 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
2 - پاراگراف قانۇن يۈرگۈزۈشكە دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى
305 - ماددا جىنايى ئىشلار دەۋاسىدا گۇۋاھچى، باھالىغۇچى، خاتىرىلىگۈچى ۋە تەرجىمانلاردىن باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ياكى جىنايەت پاكىتلىرىنى يوشۇرۇش غەرىزىدە، دېلو بىلەن مۇھىم ئالاقىسى بولغان ئەھۋاللاردا قەستەن يالغان گۇۋاھلىق بەرگەن، باھالىغان، خاتىرە يازغان ۋە تەرجىمە قىلغانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
306 - ماددا جىنايى ئىشلار دەۋاسىدا، ئاقلىغۇچى ۋە دەۋا ۋاكالەتچىلىرىدىن دەلىل - ئىسپاتلارنى يوقىتىۋەتكەن، ئويدۇرۇپ چىقارغان، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ دەلىل - ئىسپاتلارنى يوقىتىۋېتىشى، ئويدۇرۇپ چىقىشىغا ياردەم بەرگەن، تەھدىت سېلىش، ئازدۇرۇش يولى بىلەن گۇۋاھچىلارغا پاكىتقا زىت ھالدا گۇۋاھلىق سۆزىنى ئۆزگەرتكۈزگەن ياكى يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈزگەنلەرگە 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇدددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
ئاقلىغۇچى ۋە دەۋا ۋاكالەتچىلىرى بەرگەن، كۆرسەتكەن ۋە نەقىل كەلتۈرگەن گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى ياكى باشقا دەلىل - ئىسپاتلار قەستەن ئويدۇرۇپ چىقىلغان بولماستىن، پاكىتقا ئۇيغۇن كەلمەي قالسا، دەلىل - ئىسپات ئويدۇرۇپ چىقىش ھېسابلانمايدۇ.
307 - ماددا زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش، پارا بېرىپ سېتىۋېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىگە توسقۇنلۇق قىلغان ياكى باشقىلارنى يالغان گۇۋاھلىق بېرىشكە كۈشكۈرتكەنلەرگە 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. ئىز تورى بەك ياخشى
دەۋالاشقۇچىلارنىڭ دەلىل - ئىسپاتلارنى يوقىتىۋېتىشى، ئويدۇرۇپ چىقىرىشىغا ياردەم بەرگەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
ئەدلىيە خادىملىرىدىن ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى جىنايەتنى سادىر قىلغانلىرىغا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
308 - ماددا گۇۋاھچىلارغا زەربە بېرىپ ئۆچ ئالغانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
309 - ماددا سوتخانىدا توپلىشىپ غوۋغا كۆتۈرۈپ، سوتخانىغا ھۇجۇم قىلىپ ياكى ئەدلىيە خادىملىرىنى ئۇرۇپ، سوتخانا تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرغانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ ياكى جەرىمانە قويۇلىدۇ. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
310 - ماددا بىراۋنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، يوشۇرۇنىدىغان جاي ۋە پۇل - مال تېپىپ بېرىپ، قېچىپ كېتىشىگە ياردەم بەرگەن ياكى يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ قانات ئاستىغا ئالغانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەردىن ئالدىن تىل بىرىكتۈرۈۋالغانلىرى بىرلىشىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
311 - ماددا باشقىلارنىڭ جاسۇسلۇق جىنايى قىلمىشى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەكشۈرگەندە، ئالاقىدار دەلىل - ئىسپاتلارنى توپلىغاندا ئەھۋالنى ئېيتمىغان ۋە دەلىل - ئىسپات بەرمىگەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ.
312 - ماددا جىنايەت ئۆتكۈزۈش يولى بىلەن ئېرىشكەن ھارام مال ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنى يوشۇرغان، يۆتكىۋەتكەن، سېتىۋالغان ياكى سېتىپ بەرگەنلەرگە 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ.
313 - ماددا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم ۋە كېسىملىرىنى ئىجرا قىلالايدىغان تۇرۇقلۇق ئىجرا قىلمىغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى جەرىمانە قويۇلىدۇ.
314 - ماددا ئەدلىيە ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ پېچەتلىگەن، تۇتۇپ قالغان، توڭلىتىۋەتكەن، مال - مۈلۈكنى يوشۇرغان، يۆتكىۋەتكەن، سېتىۋەتكەن ۋە قەستەن بۇزغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئىز تورى www.iz.la
315 - ماددا قانۇن بويىچە قاماققا ئېلىنغان جىنايەتچىلەردىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەرتىپىنى بۇزىدىغان تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان ۋە قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ:
(1) نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى خادىملارنى ئۇرغانلار؛
(2) نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلۇۋاتقانلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەرتىپىنى بۇزۇشقا ئۇيۇشتۇرغانلار؛
(3) توپلىشىپ جېدەل چىقىرىپ، نورمال نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلار؛
(4) نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلۇۋاتقانلارنى ئۇرغان ۋە ئۇلارغا تەن جازاسى بەرگەنلەر ياكى باشقىلارنى شۇنداق قىلىشقا كۈشكۈرتكەنلەر.
316 - ماددا قانۇن بويىچە قاماققا ئېلىنغان جىنايەتچىلەر، جاۋابكارلار ۋە جىنايەت گۇماندارلىرىدىن قېچىپ كەتكەنلىرىگە 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
يالاپ مېڭىلغان جىنايەتچى، جاۋابكار ۋە جىنايەت گۇماندارىنى بۇلىغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 7 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
317 - ماددا تۈرمىدىن قېچىشنى ئۇيۇشتۇرغان باش ئۇنسۇرلارغا ۋە ئۇنىڭغا ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارغا 5 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ باشقا قاتناشقۇچىلارغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
توپىلاڭ كۆتۈرۈپ تۈرمىدىن قاچقان ياكى تۈرمىدىكى جىنايەتچىلەرنى توپلىشىپ، تاياق - توقماق كۆتۈرۈپ بۇلىغانلاردىن باش ئۇنسۇرلارغا ۋە ئۇنىڭغا ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، باشقا قاتناشقۇچىلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
3 - پاراگراف دۆلەت چېگراسى (چېگرا)نى باشقۇرۇشقا دەخلى
قىلىش جىنايىتى
318 - ماددا باشقىلارنى دۆلەت چېگراسى (چېگرا)دىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە ئۇيۇشتۇرغانلارغا 2 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا 7 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ: مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
(1) باشقىلارنى دۆلەت چېگراسى (چېگرا)دىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە ئۇيۇشتۇرۇش گۇرۇھىدىكى باش ئۇنسۇرلار؛
(2) باشقىلارنى دۆلەت چېگرىسى (چېگرا)دىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە كۆپ قېتىم ئۇيۇشتۇرغانلار ياكى كۆپ ئادەمنى دۆلەت چېگراسى (چېگرا) دىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە ئۇيۇشتۇرغانلار؛
(3) ئۇيۇشتۇرۇلغانلارنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى ۋە ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار؛
(4) ئۇيۇشتۇرۇلغانلارنى جىسمانىي ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلغانلار ۋە ئۇلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلىگەنلەر؛
(5) تەكشۈرۈشكە زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش يولى بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەنلەر؛
(6) قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت سوممىسى ناھايىتى كۆپ بولغانلار؛
(7) باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلار.
ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەردىن ئۇيۇشتۇرۇلغانلارنى ئۆلتۈرۈش، زەخىملەندۈرۈش، ئۇلارغا باسقۇنچىلىق قىلىش ۋە ئۇلارنى ئالداپ سېتىش قاتارلىق جىنايى قىلمىشى بولغانلىرىغا ياكى تەكشۈرگۈچى خادىملارنى ئۆلتۈرۈش، زەخىملەندۈرۈش قاتارلىق جىنايى قىلمىشى بولغانلىرىغا بىرنەچچە جىنايەتنى قوشۇپ جازالاشقا ئائىت بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
319 - ماددا ئەمگەك كۈچى چىقىرىش، ئىقتىساد - سودا ئالاقىسى قىلىش نامىدا ياكى باشقا ناملاردا ساختىپەزلىك قىلىپ، پاسپورت، ۋىزا قاتارلىق چېگرىدىن چىقىش گۇۋاھنامىلىرىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، باشقىلارنى دۆلەت چېگراسى (چېگرا)دىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە ئۇيۇشتۇرۇشقا ئىشلەتكەنلەرگە 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
320 - ماددا باشقىلارغا ياسىۋېلىنغان، ئۆزگەرتىلگەن پاسپورت، ۋىزا قاتارلىق چېگرىدىن چىقىش - كىرىش گۇۋاھنامىلىرىنى بەرگەنلەرگە ياكى پاسپورت، ۋىزا قاتارلىق چېگرىدىن چىقىش - كىرىش گۇۋاھنامىلىرىنى ساتقانلارغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 5 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
مەنبە ؛<< قانۇن قامۇسىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇن قىسىمى >> دىن ئىلىندى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن