نىكاھتىن ئاجراشتۇرۇش ھۆكمىنى ئېتىراپ قىلىشنى
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئىلتىماس قىلىش تەرتىپى
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جۇڭگو پۇقرالىرى چەت ئەل سوت مەھكىمىسىنىڭ نىكاھتىن ئاجراشتۇرۇش ھۆكمىنى ئېتىراپ قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش تەرتىپى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
س (ھ) [1991] 21 - نومۇرلۇق، 1991 - يىلى 8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى يولغا قويۇلغان. (1991 - يىلى 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ھەيئىتىنىڭ 503- يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللانغان).
copyright by www.iz.la
1- ماددا دۆلىتىمىز بىلەن ئەدلىيە ھەمكارلىقى كېلىشىمى تۈزمىگەن چەت ئەل سوت مەھكىمىسىنىڭ نىكاھتىن ئاجراشتۇرۇش ھۆكمى ئۈستىدە جۇڭگولۇق دەۋالاشقۇچىلار شۇ چەت ئەل سوت مەھكىمىسىنىڭ نىكاھتىن ئاجراشتۇرۇش ھۆكمىنى ئېتىراپ قىلىش ھەققىدە مۇشۇ بەلگىلىمىگە ئاساسەن خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
دۆلىتىمىز بىلەن ئەدلىيە ھەمكارلىقى كېلىشىمى ئورناتقان چەت ئەل سوت مەھكىمىسىنىڭ نىكاھتىن ئاجراشتۇرۇش ھۆكمىنى ئېتىراپ قىلىش ھەققىدە كېلىشىمدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىلتىماس قىلىنىدۇ.
2- ماددا چەت ئەل سوت مەھكىمىسىنىڭ نىكاھتىن ئاجراشتۇرۇش ھۆكمىدىكى ئەر – خوتۇننىڭ مال – مۈلكىنى بۆلۈشۈش، تۇرمۇش راسخوتىنى ئۈستىگە ئېلىش، پەرزەنتىنى بېقىپ تەربىيلەش جەھەتتىكى مەزمۇنلارنى ئېتراپ قىلىپ ئىجرا قىلىشتا بۇ بەلگىلىمە تەتبىقلانمايدۇ.
3- ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرىگە چەت ئەل سوت مەھكىمىسىنىڭ نىكاھتىن ئاجراشتۇرۇش ھۆكمىنى ئېتىراپ قىلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار يازما ئىلتىماس سۇنۇشى ھەمدە چەت ئەل سوت مەھكىمىسىنىڭ نىكاھتىن ئاجراشتۇرۇش ھۆكمىنىڭ رەسمىي نۇسخىسىنى ۋە ئۇنىڭ خاتالىق يوقلۇقى ئىسپاتلانغان جۇڭگو يېزىقىدىكى تەرجىمە نۇسخىسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. ئۇنداق قىلمىسا، ئىلتىماس قوبۇل قىلىنمايدۇ.
4- ماددا ئىلتىماسقا تۆۋەندىكى مەزمۇنلار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك:
1. ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىسىم فامىلىسى، جىنسى، يېشى، خىزمەت ئورنى ۋە ئادرېسى؛
2. ھۆكۈمنى قايسى دۆلەت سوت مەھكىمىسى چىقارغانلىقى، ھۆكۈم نەتىجىسى، ۋاقتى؛
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
3. چاقىرتىلىش ۋە داۋاغا جاۋاب بېرىش ئەھۋالى؛
4. ئىلتىماس قىلىش ئاساسى ۋە تەلىپى؛
5. ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك باشقا ئەھۋاللار.
5- ماددا ئىلتىماسنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلىدۇ. ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئولتۇرۇشلۇق جايى بىلەن داۋائىم تۇرۇشلۇق جايى بىر جاي بولمىسا، ئىلتىماسنى دائىم تۇرۇشلۇق جايدىكى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلىدۇ.
ئىز تورى www.iz.la
ئىلتىماس قىلغۇچى دۆلەت ئىچىدە بولمىسا، ئىلتىماسنى دۆلەت ئىچىدىكى ئۇ ئەسلىي ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلىدۇ.
6- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋېلىپ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق مۇشۇ بەلگىلىمىدىكى قوبۇل قىلىش شەرتلىرىگە ئۇيغۇن دەپ قارىسا، يەتتە كۈن ئىچىدە دېلو ئېچىشى كېرەك؛ ئۇيغۇن ئەمەس دەپ قارىسا ئىلتىماسنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا يەتتە كۈن ئىچىدە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى ھەمدە ئۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
7-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى چەت ئەل سوت مەھكىمىسىنىڭ نىكاھتىن ئاجراشتۇرۇش ھۆكمىنى ئېتراپ قىلىش ھەققىدىكى ئىلتىماسنى تەكشۈرۈش ئىشىنى ئۈچ نەپەر سوتچىدىن كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ ئېلىپ بارىدۇ، چىقارغان كېسىم ئۈستىدە نارازىلىق ئەرز بېرىشكە بولمايدۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
8-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، چەت ئەل سوت مەھكىمىسىنىڭ نىكاھتىن ئاجراشتۇرۇش ھۆكمىدە ئۇنىڭ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكى ياكى كۈچكە ئىگە بولىدىغان ۋاقتى ئېنىق كۆرسىتىلمىگەن بولسا، ئىلتىماس قىلغۇچىنى ھۆكۈم چىقارغان سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكمىنىڭ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھۆججەتنى تاپشۇرۇشقا بۇيرۇشى كېرەك.
9-ماددا ئىلتىماس قىلغۇچى چەت ئەل سوت مەھكىمىسىنىڭ نىكاھتىن ئاجراشتۇرۇش ھۆكمىدىكى دەۋاگەر بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنى ھۆكۈم چىقارغان چەت ئەل سوت مەھكىمىسىنىڭ جاۋابكارنى سوتقا قانۇنلۇق چاقىرتقانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھۆججەينى تاپشۇرۇشقا بۇيرۇشى كېرەك.
10-ماددا 8-، 9-ماددىلاردىكى تەلەپ بويىچە تاپشۇرۇلغان ئىسپات ھۆججەتلىرى شۇ دۆلەتنىڭ جامائەت گۇۋاھلىقى تارمىقىنىڭ گۇۋاھلىقى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ شۇ دۆلەتتە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا، كونسولخانىسىنىڭ ئىسپاتلىشىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك.شۇنىڭ بىر ۋاقىتتا، ئىلتىماس قىلغۇچى ئىسپات ھۆججەتلىرىنىڭ ىاتالىق يوقلۇقى ئىسپاتلانغان جۇڭگو يېزىقىدىكى تەرجىمە نۇسخىسىنىمۇ تاپشۇرۇشى كېرەك.
11-ماددا چەت ئەل سوت مەھكىمىسىنىڭ نىكاھتىن ئاجراشتۇرۇش ھۆكمىدىكى جاۋابكارلاردىن دۆلىتىمىز چېگراسى ئىچىدە تۇرۇشلۇق ئىلتىماس قىلغۇچى 8-، 10- ماددىلاردا تەلەپ قىلىنغان ئىسپات ھۆججىتىنى تاپشۇرۇشتا ۋە ئۇنى جامائەت گۇۋاھلىقىدىن، ئىسپاتلاشتىن ئۆتكۈزۈشتە قىيىنچىلىقى بولغانلىقتىن، چەت ئەل سوت مەھكىمىسىنىڭ دەۋاغا جاۋاب بېرىش ئۇقتۇرۇشى ياكى سوتقا قاتنىشىش چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرسا، چەت ئەل سوت مەھكىمىسىنىڭ نىكاھتىن ئاجراشتۇرۇش ھۆكمى راست ۋە كۈچكە ئىگە دەپ پەرەر قىلىنسا بولىدۇ.
12-ماددا تەكشۈرۈش ئارقىلىق چەت ئەل سوت مەھكىمىسىنىڭ نىكاھتىن ئاجراشتۇرۇش ھۆكۈملىرىدىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرى ئېتراپ قىلىنمايدۇ:
1. تېخى قانۇن كۈچكە ئىگە بولمىغان بولسا؛
2. ھۆكۈم چىقارغان چەت ئەل سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلودا باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقى بولمىسا؛
3. ھۆكۈم جاۋابكار قاتناشمىغان، يەنە كېلىپ قانۇنلۇق چاقىرتىلمىغان ئەھۋالدا چىقىرىلغان بولسا؛
4.دەۋالاشقۇچىلارنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىش دېلوسىنى دۆلىتىمىز سوت مەھكىمىسى سوت قىلىۋاتقان ياكى شۇ دېلو ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىپ بولغان ۋەياكى ئۈچىنچى دۆلەت سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ دەۋالاشقۇچىلارنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىش دېلوسىدىكى ھۆكمىنى دۆلىتىمىز سوت مەھكىمىسى ئېتىراپ قىلغان بولسا؛
5.ھۆكۈمدە دۆلىتىمىز قانۇنىنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرىغا خىلاپلىق قىلىنغان ياكى دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا، خەۋپسىزلىكىگە ۋە جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈلگەن بولسا.
13-ماددا چەت ئەل سوت مەھكىمىسىنىڭ نىكاھتىن ئاجراشتۇرۇش ھۆكمى كېسىم چىقىرىش شەكلى بىلەن ئېتىراپ قىلىنىدۇ؛ 12- ماددىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال بولمىغان ھۆكۈملەرنىڭ قانۇن كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكى كېشىم ئارقىلىق ئېتىراپ قىلىنىدۇ؛ 12- ماددىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىدا ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىلتىماسى كېسىم ئارقىلىق رەت قىلىنىدۇ.
14- ماددا كېسىمنامە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى xx ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى»نىڭ نامىدا چىقىرىلىدۇ، ئۇنىڭغا كېڭەشمە سوت ئەزالىرى ئىمزا قويىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تامغىسى بېسىلىدۇ.
15- ماددا كېسىمنامە يەتكۈزۈلگەن ھامان قانۇن كۈچىگە ئىگە بولىدۇ.
ئىز تورى بەك ياخشى
16-ماددا چەت ئەل سوت مەھكىمىسىنىڭ نىكاھتىن ئاجراشتۇرۇش ھۆكمىنى ئېتىراپ قىلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دېلو قوبۇل قىلىش ئۈچۈن 100 يۈەن خەلق پۇلى تاپشۇرۇشى كېرەك.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
17-ماددا چەت ئەل سوت مەھكىمىسىنىڭ نىكاھتىن ئاجراشتۇرۇش ھۆكمىنى ئېتراپ قىلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىشتا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ئىمزاسى قويۇلغان ياكى تامغىسى بېسىلغان ھوقۇق بەرگەنلىك ھاۋالىنامىسىنى تاپشۇرۇشى شەرت. ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ دۆلەت سىرتىد بەرگەن ھاۋالىنامىسى دۆلىتىمىزنىڭ شۇ دۆلەتتە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا ياكى كونسولخانىسىنىڭ ئىسپاتلىشىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى شەرت.
18-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى نىكاھتىن ئاجرىشىش دەۋاسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، دەۋاگەر تەرەپ تەلىپىنى ئۆزگەرتىپ، چەت ئەل سوت مەھكىمىسىنىڭ نىكاھتىن ئاجراشتۇرۇش ھۆكمىنى ئېتىراپ قىلىشنى ئىلتىماس قىلىسا ياكى جاۋابكار تەرەپ چەت ئەل سوت مەھكىمىسىنىڭ نىكاھتىن ئاجراشتۇرۇش ھۆمىنى ئېتراپ قىلىشنى باشقىدىن ئىلتىماس قىلسا، ئۇلارنىڭ ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنمايدۇ.
19-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى چەت ئەل سوت مەھكىمىسىنىڭ نىكاھتىن ئاجراشتۇرۇش ھۆكمىنى ئېتراپ قىلىش ھەققىدىكى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، دەۋالاشقۇچى يەنە بىر تەرەپ خەلق سوت مەھكىمىسىگە نىكاھتىن ئاجرىشىش دەۋاسى قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋانى قوبۇل قىلمايدۇ.
20- ماددا دەۋالاشقۇچىلار نىكاھى ئۈستىدە چەت ئەل سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقارغان بولسىمۇ، خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئۇنى ئېتىراپ قىلىش ئىلتىماسى قىلىنمىغان بولسا، دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپنىڭ خەلق سوت مەھكىمىسىگە باشقىدىن نىكاھتىن ئاجرىشىش دەۋاسى قىلىشىغا دەخلى يەتمەيدۇ.
21- ماددا ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىلتىماسىنى خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئىلتىماس قىلغۇچى ئىلتىماسنى قايتۇرۋالسا بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنى قايتۇرۇۋېلىشقا كېسىم ئارقىلىق رۇخسەت قىلىدۇ. ئىلتىماس قىلغۇچى ئىلتىماسنى قايتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، قايتا ئىلتىماس قىلسا بولمايدۇ، لېكىن خەلق سوت مەھكىمىسگە باشقىدىن نىكاھتىن ئاجرىشىش دەۋاسى قىلسا بولىدۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
22- ماددا ئىلتىماس قىلغۇچى ئىلتىماسى رەت قىلىنغاندىن كېيىن، قايتا ئىلتىماس قىلسا بولمايدۇ، لېكىن خەلق سوت مەھكىمىسىگە باشقىدىن نىكاھتىن ئاجرىشىش دەۋاسى قىلسا بولىدۇ.